Articles in the جەميەتكە نەزەر Category
ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى
شىرىپ خۇشتار
1. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودىسى توغرىسىدا قىسقىچە بايان
19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى يەنى 1848-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، تىجارەت پائالىيىتىنى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان، سىرۋالىسكى، زەيسەن، موسكۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلەردە سودا سارايلىرىنى قۇردى.ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ، تيەنجىن، چېڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇ، ۋۇۋىي، جۈچۇەن قاتارلىق شەھەرلەردە ماگىزىنلار ئېچىپ، ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار سودا تىجارىتىنى تۈركىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىگە ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە يەتكۈزدى. ئەنە شۇ زامانلاردا مۇساھاجىم(كېيىنرەك مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلغان)، باھاۋۇدۇن …
ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
چەتئەللىكلەر : ئۇيغۇرئەرلىرى يارىماس؟
ئاپتورى: نامەلۇم تورداش
مۇقەددىمە؛ئەرەبتىن ئاڭلىغانلىرىم،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاھۇ-زارى
مەسلە زادى كىمدە؟تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟
ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ،ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن.ئوچۇقىنى دىسەم ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن.چۈنكى مەن سىڭىللىرىم،ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ،كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى يولۇققان قىينچىلىقىغا مەسلىھەتچى ،تۈۋرۈك بولالمىدىم.شۇڭا قىز-ئاياللىرىمىز ھەققىدە بولۇنغان ھەرقانداق ئەيىبلەش،مەسخىرە قىلىش،ھاقارەتلەشكە قارىتا، مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك،ھىچكىمگە نەسھەت قىلغۇدەك،قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم،سالاھىيتىم يوق دەپ قارايمەن.ئۈرۈمچىدە كۆزۇمگە كۆرىنىدىغىنى –قىز-ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى، ئامالسزلىقى.ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسزلىكى. ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم،ئۇلارنىڭ مەسللىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى،گىزىت-ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۇزۇلمەيتتى،‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى،ئۇيغۇر …
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ياپونىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم
تۇردى لېتىپ
1- باب، ياپونىيەلىكلەر قانداق ئىنسان
مېنىڭ ياپونىيەدە تۇرغان كۈنلىرىم ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، لېكىن 1992-يىلى ياپون تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان چاغدىن باشلاپ، ياپونىيەلىكلەر بىلەن دالا ساياھىتىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتلەردە بىرگە بولغان چاغلىرىمنى سانىسام 10 يىلدىن ئاشىدۇ. مۇشۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەنگەن بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئۇيغۇر دېگەننىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىگى تۇنۇتۇپ، ئۇلاردىن مەن بىلەن ئارىلاشقانلىكى قېرى-ياش، يۇقىرى-تۆۋەن، ئەر-ئايال ھەرقانداقلىكى بىرسىنىڭ كۆڭلىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ كەلگىنىم مەن ئۈچۈن بىر غەلبە. بەلكىم بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئۈنچە ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن خېلى كۆپ ياپونىيە پۇقراسىنىڭ …
جەميەتكە نەزەر »
ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار
ھەممە ھەۋەس قىلىۋاتقان كورىيەنىڭ ئايال چولپانلىرى –ھەممە نالەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پاھشەلىرىنڭ قولىغا ھىچقايسى جەھەتتىن سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ.پەقەت ئۇلارنى قانداق قىلىپ تەربىيلەش ۋە زىننەتلەش بىزنىڭ ئشمىز!
___ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ئۇلۇغ ئاياللاردۇر.ئۇلار قاتمۇ-قات جاپالار،تۇرلۇك ئىزىتقۇلار،ھەرخىل تەنىقىت-ئەيىپلەشلەر،ناتوغرا سىقىپ چىقىرىلىشلار، ئۆز ئىقتىدارىدىن يۇقىرى تەلەپ ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ بىر خىل قەيسەر روھىنى قۇچاقلاپ كەلدى.ئەسلىدىن ئاجىز تۇرۇپمۇ ئۇلارغا تەشنا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ باغرىنى ئاۋۇندۇرۇپ مىھرى بىرىپ كەلدى.يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلارنى يادلاپ كەلدى.كەلگۇسىگە ئۇمىت بىلەن قاراپ كەلدى.ئۇلار قەدىرلەشكە،ھۇرمەتلەشكە سازاۋەر.ئۇلار باشقا ھەرقانداق مىللەت ئاياللىرىدەك خۇشال ۋە بەخىتلىك ھالدا ياراملىق جەمىئەت ئەزالىرىنى تەربىيلەش …
جەميەتكە نەزەر »
ئۈرۈمچىلىكتىن رەنجىمەڭ…
ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، بۇ جايدا ھازىرقى زاماندا مودا كىيىنگەنلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ …
Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

بۇلار جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ.پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ ۋە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان»، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دەپ قارايدۇ.
ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »
روزىمەمەت 1983-يىلى كورلىدا تۇغۇلغان . ھازىر شىئەندە بىليارت مەشىق قىلىۋاتىدۇ .2005-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە يىغىنىدا“ پۇر 8 توپ “ بىليارت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، ”سىنوك “ مۇسابىقسىنىڭ ئۈچىنچىلىكى ئالغان . 2008-يىلى جۇڭگو ئايلانما بىليارت مۇسابىقىسى يىشى مۇسابىقە رايۇنىدە تۆتىنچىلىكىنى ، 2009-يىلى خەيكۇۋ مۇسابىقە رايۇنىدە 32 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرگەن . 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو كەسپى سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ جاڭ جىياگاڭ مۇسابىقە رايۇنى ئاياقلاشتى ، “ قارائات “ دەپ نام ئالغان شىنجاڭ بىليارتچىسى روزى مەمەت بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولدى ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى شۇنداقلا چىمپىيۇن بۇلۇشىدۇر ! بۇ …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »
«جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» نىڭ بىرى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم.
بۈگۈن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياشنىڭ بىرسى بولۇپ باھالاندى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 نەپەر IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى)دىكى ئەزىمەتلەر شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىگە جەم بولدى. ئۇچۇر ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، جىنەن شەھرىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار كۈتىۋېلىش زىياپىتى بەردى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەندوڭ سارىيىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، «يۇمشاق …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »
جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش – ئالىم ئەھەت.
ئالىم ئەھەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت …
Headline, ئۇختۇرۇش, ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر »

شەندوڭنىڭ زىبو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۇۋاتقان AFC U-19 Championship مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسدە جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى مەيدان ئۇتۇپ 8 كۈچلۇك قاتارىغا كىرگەن. مىرەخمەتجان 90 مىنۇت مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر جۇڭگۇ ياشلار كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ ھىساپلانغان مۇزەپپەر مىرەخمەدجان ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا شىنجاڭدا تالانتلىق توپچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىگىنى، لېكىن ھەرخىل شارائىتلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ 16-17 يېشىدا پۇتبۇل ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىغىنى، ئۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش ئىكەنلىگىنى ئېيتىقان.
ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »
ئىلاۋە: تور دۇنياسىدا ،بولۇپمۇ كومپيۇتېر گىرافىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار،قىزىقىدىغانلارئىچىدە «پەخىردىن قارلۇق»نى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك.(شەخسىي چۈشەنچەم)جۈملىدىن مەنمۇ پەخىردىننىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تور دۇنياسى ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلى ئارقلىق تونۇشقان ھەم مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن قايىللىقىنى قوزغايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەپتىلىك «ئۇستازلىرىمىز»سەھىپىسىدە پەخىردىن قارلۇقنىڭ ئىش –ئىزلىرى توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.بۇ يازمازمىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر گرافىكى سەنئىتىنىڭ باشلامچىسى،ئۇستاز – پەخىردىن قارلۇقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا يەنىمۇ زور مۇۋاپىقيەتلارنى تىلەيمەن.
پەخىردىن قارلۇق1981-يىلى9-سېنتەبىردە تۇغۇلغان.1994-يىلى BasicۋەAssemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن.1996-يىلى7-ئايدىن1997-يىلى8-ئايغىچەئەقلى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە،1997-يىلى8-ئايدىن1998-يىلى11-ئايغىچەپەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە …
Headline, جەميەتكە نەزەر »

جۇڭگۇنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىشىگە ئەگىشىپ غەرىپنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگۇنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولدى، لېكىن شىنجاڭ بولۇپمۇ خوتەندەك رايونلارغا غەرىپتىكى چوڭ گىزىتلەرنىڭ مۇخبىرى بىرەر ھاجىتى بولمىسا بېرىپ يۈرمەيتتى. ئەمما 3-4 يىلدىن بويان ئامرىكىدىكى ۋال كوچىسى گىزىتى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتى قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات پات شىنجاڭنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇدىغان ماقالىلار كۆرۈلۇشكە باشلىدى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتدە ئۆتكەن ھەپتە ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىگە قارىغاندا بۇ گىزىتىنىڭ مۇخبىرى خوتەندە تۇيۇقسىزلا گۈللىنىپ كەتكەن قاشتېشى ئىقتىسادىغا قىززىقىپ قالغان ۋە كۆزىتىپ باققان. بۇ ماقالىنى مەن تەرجىمە قىلىپمۇ يۈرمىدىم، شۇڭا قىززىقىدىغانلار ئۆز ئادېرسىدىن ئوقۇغايسىلەر
جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئۇيغۇر ئۇسسۇلى سەھىنىدە ئوينالسا نەپىس، چىرايلىق ئوينىلىدىغان، ئادەتتە ئوينالسا ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ بىلگىنىچە ئۇينىغىلى بۇلىدىغان ئۇسسۇل. تويلاردا ياكى يىغىلىشلاردا بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىر قاراپلا كىمنىڭ كەسپى ئۇسسۇلچى ياكى مەخسۇس تەربىيەلەنگەنلىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇسسۇل يوق بولسا كىرەك. ھەم ئۇسسۇل دىگەن سۈزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەكىس ئىتىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، .ئادەتتتە نور مال ئادەملەر ئۈچۈن، ئامرىكىلىقلار ئۇسسۇل دىسە قولىنى ئىككى ياققا سېلىپ، بەدىنىنى چىڭ تۇتۇپ، كاسىسىنى لىڭشىتشش يەنى دىسكو ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل دىسە ئوغۇللارنىڭ قولىنى كۈتىرىپ چۈرۈپ، ئۇ ياققا بۇ ياققا ماڭغان ھەركەت كۆز …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »
ئامرىكىنىڭ چوڭ كىچىك قانۇنلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئادەم ئاران تۇرىدۇ قانۇن بىلەن ئوينىشىپ قالغىلى، مەسىلەن، ئادەم يا خوتۇننى ئۇرغىلى بولمىغان يا بالىسىنى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۈزەمنى دىمىدىم، مەنغۇ ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام ھىچ خوتۇننى ئۇرالايدىغاندەك ئەمەس، ھەم بۇ كەمنىڭ خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ قۇتۇلغىلى بۇلامدۇ دىسە، بۇلوپمۇ ئامرىكىدا. ئاندىن ئامرىكىنىڭ ئادەملىرىمۇ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقىلى ئامراق، كوچىدا ماڭسىمۇ، ماشىنا ھەيدىسىمۇ، ئۆيىدە ئولتۇرسىمۇ، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپلا تۇرىدۇ. لېكىن بىزدەك ئارلىشىپ ئارىغا كىرىپ كىلىشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەلكى ئىشىنى قىلغاچ ساقچى چاقىرىپ قويىدۇ. ئاندىن ساقچىلارمۇ بەزىدە رۇدىپايدەك كىرىشىپلا قالىدۇ، يوقلا بىر ئىشنى سوراپ كەپ قالسىمۇ ئالەمنىڭ نەرسىسىنى سوراپ باقىدۇ. تېخى …
جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ۇ تىمىنى شەبنەمدە كۆرۈپ بەك قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. خوتەنچە گەپلەر سۈزلىگەندە باشقىچە تۇيۇلمىغان بىلەن يازغاندا قىززىق تۇيۇلىدىكەن. ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ئۈزەمنى شۇ بازاردا كۆرۇپ تۇرغاندەك ھىس قىلدىم. شۇڭا بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.
كــام بـــۇلا …( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )
(قوي بازىرىدىكى دىئالوگ )
ئاپتورى : مۇھەممەتئىمىن قۇربان