Home » Archive

Articles tagged with: ئامرىكا

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 2 Comments | 1,094 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى
ئايرۇپىلانغا چىقىۋاتقاندا مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ”ئەركىنلىك سەپىرىڭىز باشلاندى“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.  مەن ئۇنىڭغا “ بۇ مېنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىمنىڭ داۋامى“ دېگەنىدىم. ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇم بەلكىم مېنى ماي گۈلى ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ  ئەركىنلىك، يېڭى دۇنيا ئىزدەپ سەپەرگە چىققان ئەنگىلىيىلىك يېڭى دىن مۇخلىسلىرى (پروتېستانتلار) غا ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن. 1620 – يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىدە يېڭى دىن تەرەپتارلىرى  تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا ئولتۇراقلاشقانىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ قارىسام مۇتلەق كۆپى جوڭگۇلۇق. شۇئان كۆزۈمگە ئايرۇپىلان ”ماي گۈلى“دەك، ئولتۇرغانلار ”قاچقۇن“ لاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. 2008-يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر ئىچىدە جوڭگۇلۇقلار ئىككىنچى …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 2 Comments | 1,009 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
6. خەير دوستلار
رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن  بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. بېيجىڭ ئۆزگىرەپتۇ، بىنالار تېخىمۇ ئېگىزلەپتۇ.  بىر يېرىم مىليارتقا يېقىن خەلق تۆلەۋاتقان باج، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىن قېزىلىپ، ئېچىلىۋاتقان بايلىقلار بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىنى پارقىرىتىپ، يوللىرىنى كەڭەرتىپتۇ. يول بويىلىرىنىڭ يېشىللىقىغا، قەدىمكى بىنالارنىڭ، چىركاۋ-بۇتخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىغا ۋە گەۋدىلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن يول بويلىرىدا بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن پەقەت كۆرۈنمەيدىغان بىر قانچە چىركاۋنىڭ ئالاھىدە مەيدان بىلەن گەۋدىلەنگىنىگە بەكرەك دىققەت قىلدىم. قەشقەردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقنىڭ نەمۇنىلىرى بېيجىڭدىكى تارىختا خەلقنىڭ خۇنىغا پۈتكەن ئوردىلاردىنمۇ قەدىرسىزمىدى؟ خەلققە پوقىنى يىگۈزگەن قانخور پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئۆز جايىدا، ماۋزىدوڭنىڭ …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 4 Comments | 970 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
5. يول قايان؟
يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ ماڭا خۇددى  قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ  ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى، بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە  تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 3 Comments | 1,005 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
4. نېمە قىلىش كىرەك؟
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دېپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ ”سوڧىنىڭ دۇنياسى“  شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا مىللەتچى يەنە بىر بولسا ماركىسىزىمچى مىللەتچى قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىددىيە بار دەپ قارىمايتتىم. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم بىرى دۇنيادا ماركىسىزىمدىن …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 2 Comments | 1,041 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى،  دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 3 Comments | 1,619 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
-“ئەزگۈچى جاھانگىر“دىن ”ئەشەددىي دۈشمەن“ گىچە
ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن ”ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس“ دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە.  بەلكىم ”قەغەز يولۋاس“ دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان ”ئۇيغۇرچە“ بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (98-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[31 يانۋار 2011 | 4 Comments | 2,323 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
1. ئامېرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت
2. ”مەن قەشقەرلىك“
3. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
4. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى
5. يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق
6. يەسلىدىكى ”تەجرىبە“، ”تەتقىقات“ ۋە ئەدەپ
7. قىزىمىزنى ”ئامېرىكىچە“ تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟
داۋامى يېزىلىدۇ.
ئەگەر بۇنى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز يەنە گۇلەننىڭ تۈۋەندىكى يازمىلىرىنى ياخشى كۆرىشىڭىز مۇمكىن:
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار ( 23 باپ يېزىلىپ بولدى)
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى

Headline, چەتئەلگە چىقىش »

[31 يانۋار 2011 | 3 Comments | 1,725 قېتىم كۆرۈلدى]
پروفىسسورغا يازىدىغان بىرىنچى پارچە خەت First Email to A Professor

1. قىسقا يېزىڭ، يەنى ئۇزۇن ئىلخەتلەرنى يازماڭ. چۇنكى پروفىسسورلار ئادەتتە ئالدىراش بۇلىدۇ، شۇڭا ناتۇنۇش ئادەمدىن كەلگەن ئۇزۇن خەتلەرنى ئۇلار ئوقۇماسلىقى مۇمكىن. ئوزۇن خەتلەرنى يازسىڭىز ئۇلار خېتىڭىزنى ئوقۇپمۇ قويماسلىقى مۇمكىن.
2. نەخ گەپنى دەڭ. ئاۋال ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇڭ، ئاندىن نەتىجىلىرىڭىزنى (qualifications) دەڭ، ئاندىن ئۈزىڭىزنىڭ ئۇ پروفىسسورنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە چوڭقۇر قىزىقىش بارلىقىنى بىلدۈرۈڭ. ئاخىرىدا ئۇ پروفىسسورنىڭ سىز ئۈچۈن ئاساسلىق يىتەكچى پروفسسور بۇلۇشنى خالايدىغانلىغىنى سوراڭ.
3. جىددىلىشىپ كەتمەڭ، لېكىن خېتىڭىزدىكى گىرامماتىكىلىق ۋە يېزىلىشتىكى خاتالىقنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۇشكە تىرىشىڭ. باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى تەكشۇرۈپ ئوقۇپ بەرسىمۇ پايدىسى بار. لېكىن باشقىلارنىڭ ۋاختى بولمىسا ياكى سىز خېتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىنى خالىمىسىڭىز

Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

[8 نويابىر 2010 | 10 Comments | 3,663 قېتىم كۆرۈلدى]
رەيھان بەكتۇر: مەكتەپنىڭ دەرىجىسى مۇھىممۇ ياكى پىروفىسسورمۇ؟ University Ranking or Professor?

كۆپىنچە ھاللاردا بىز مەكتەپ تاللىغاندا مۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كېلىمىز، مەكتەپتنىڭ دەرىجىسگە قاراش كېرەكمۇ، پىروفىسسورغىمۇ ياكى كەسىپكىمۇ؟ مەن بۇ توغرۇلۇق ئۆزۈمىنىڭ ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتمەكچىمەن. مەكتەپتىنىڭ دەرىجىسى مەسىلسىنى ئىككىگە بۆلۈپ سۆزلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم

بىز بۇ مۇنبەرنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمزدەك ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان قارارنى چىقىرىشى كېرەك. چۈنكى ھەممىزنىڭ ئارقا كۆرىنىشىمىز ئوخشىمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن مېىنىڭ بۇ يەردە دەپ ئۆتمەكچى بولغانلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان شەخسى پىكرىم خالاس، بۇ كۆز قاراشلىرىم بەلكىم سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا ماس بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋاللارنى بىر تەرەپتىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلغان ئاساستا كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن بار مەسلىھەت ئىش كۆرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئىلىم-پەن, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[8 يانۋار 2009 | One Comment | 801 قېتىم كۆرۈلدى]
مەك دۇنياسى يىغىلىشىدا Macworld 2009

مەك دۇنياسى يىغىلشى ۋە كۈرگەزمىسى Macworld Conference & Expo ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى ئامرىكىدا ئۈتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىغىلىش بولۇپ بۇ يىغىلىشتا مەك كومپۇتېرىغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دە يۇمشاق دىتال ياسايدىغان شىركەت، كارخانىلار، ئوچۇر تېخنىكا خادىملىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلار يىغىلىپ ئەڭ يىڭى مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى ئورتاقلىشىدۇ، مەھسۇلاتلارنى كۈرگەزمە قىلىدۇ، داڭلىق تېخنىكا خادىملىرى لىكىسيە سۈزلەيدۇ، تېخنىكا ساھەسىدە چولپان ئاتالغان مەشھۇرلار قاتنىشىپ كۈرىدۇ ياكى نۇتۇق سۈزلەيدۇ. شۇڭا بۇ يىغىلىش ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى مۇھىم يىغىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ بىلىتىمۇ قىممەت ھىساپلىنىدۇ.

بۇ يىللىق يىغىلىش بىرىنچى ئاينىڭ 4 -كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئامرىكىنىڭ San …

ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[3 دېكابىر 2008 | 12 Comments | 720 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە تەربىيلەش Raising Kids in America

نەزىرىيە جەھەتتىن ئامرىكا بۇ ئادەم ئىككىنچى ئامرىكىغا كىرسە بولمايدۇ دەپ پۈتۈپ قويمىغان ئادەملەر بولمىسلا ( بۇنداق ئادەملەرمۇ بار) ئامرىكىغا كەلگىلى بۇلىدۇ. جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى ئىتراپ قىلغان باكلاۋور دىپلۇمى بولسا ئامرىكىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئامرىكىدا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماس قىلىسڭىز بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ دىگەن يەرلەر بولسا شەرتىنى ئوقۇپ بېقىپ چۈشسىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
ئامرىكىلىقلاردىن يۈرۈش تۈرۈشىدىن ماڭا تەسىر قىلغىنى بۇلارنىڭ سىرتىغا قاراپ قاندا ئادەم ئىكەنلىگىنى، گەپ قىلىشىدىن ، يۈرۈش تۇرۇشىدىن، كىيىم كىچەكلىرىدىن پائالىيتىدىن ئۇ ئادەمنىڭ دىھقانمۇ، رىمونىتچىمۇ ياكى ئوقۇغۇچى ئىشچىمۇ …

ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

[5 نويابىر 2008 | 10 Comments | 558 قېتىم كۆرۈلدى]
ئوباما دەۋرى باشلانغۇسى Now It is Obama’s Time

ۇنداق قىلىپ 15 مىنۇت ئىلگىرىكى ئەڭ يىڭى سايلام نەتىجىىىدە ئوبامانىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى 338 دىن ئېشىپ مەككەيننىڭ ئىرىشكەن 155 بىلىتىنى ئىككى قاتلاپ يىڭىپ ئامرىكىنىڭ پرېزىدىنتلىقىغا سايلانغانلىغىنى جاكالىدى. ئامرىكىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن بىلەت تاشلاش ياكى سىتاتىسكىلاش تېخى ئاخىرلاشمىدى. لېكىن كىيىنكى بىلەتنىڭ قانداق تاشلىنىشىدىن قەتئى نەزەر ئوباما يىڭىپ بولدى. ئامرىكا ئوباما دەۋرىگە كىردى. قارا تەنلىك ئامرىكىلىق ئادىل سايلام ئارقىلىق پرېزىدىنىتلىققا سايلىنىپ ئامرىكىدا بەلكىم دۇنيا تارىخىدىمۇ بىر يىڭى تارىخ يارىتىلدى.

ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2007 | 2 Comments | 625 قېتىم كۆرۈلدى]
قازاننىڭ قۇلىقى تۆت

بىز ۋەتەن ئىچىدە ئامېرىكىنى خۇددى ھەممىلا نەرسىسى بىزنىڭكىدىن ياخشىدەك، ئىلغاردەك ئويلاپ قالىمىز. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن. مەسىلەن تېلېگراف ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، بۇ ساھەدە تېخى بىز بەزى ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگىكەنمىز. مەسىلەن بۇ يەردىمۇ قول تېلېفوننى بىكار بېرىۋەتمەيدىكەن،خۇددى بىزنىڭكىگە ئوخشاش بىكارلىق بېرىشنىڭمۇ شەرتى بولىدىكەن. مەسىلەن مانچە يىللىق ئىشلىتىسەن دەپ توختام بولىدىكەن، يەنى ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە چوقۇم ھەر ئايدا مانچە دوللارلىق سۆزلىششى شەرتى بولىدىكەن. لېكىن بەك ياخشى تېلېفونلارنىمۇ بۇنداق ئاسانلا بەرمەيدىكەن. مەلۇم شەرىت قويغاننىڭ سىرتىدە يەنە باھاسى باركەن. توختام مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ئابۇنتلار تېلېفوننى توختىتىشنى

ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[24 دېكابىر 2006 | One Comment | 660 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا ھاراق-تاماكا

”ئامېرىكا بىر ئەركىن دۆلەت، كىشىگە ھېچقانداق چەكلىمە يوق. بولۇپمۇ ھاراق، تاماكا، ۋە باشقا بۇزۇقچلىقلارنىڭ ماكانى. “ مانا بۇ بىزنىڭ كىنولاردىن ئالغان تەسىراتىمىز . لېكىن ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىىكەن. بولۇپمۇ ھاراق، تاماكىغا بولغان كونتروللۇقى بەك قاتتىق بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ قاتتىقلىقىغا قاراپ، ”دۆلىتىمىزدە ھاراق، تاماكىغا چەكلىمە يوق ئىكەن، بۇ جەھەتتە جۇڭگودىن ئەركىن دۆلەت يوق ئىكەن“ دېگەن قاراشقا كەپ قالىدىكەن كىشى. گەرچە دۆلىتىمىزدە قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا ساتماسلىق، ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە قانۇن، بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز، نازارەتمۇ يوق دېيەرلىك.