Home » Archive

Articles in the توردىن تەمەچلەر Category

توردىن تەمەچلەر »

[17 ماي 2011 | One Comment | 392 قېتىم كۆرۈلدى]

كەم-كۈتسىز ئادەم
تۇردى لېتىپ
دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇپ كېتىشى ناتايىن، لېكىن ئىشلىگەن خىزمىتىنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشى تامامەن مۇمكىن. كەم-كۈتسىز مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەم ئۆزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھېچقانداق قۇسۇرسىز دەپ تەرىپلىنىشىنى ئەمەس، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئىزدىشى كېرەك.
ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشى ناتايىن، پەقەت ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز ئەمگەك نەتىجىلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق  بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوبرازىلا مۇكەممەللىكتە ۋايىغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا باشقىلار بىراۋنى بېشىغا ئېلىپ تەرىپلىگەنسېرى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشىنى شۇنچە ئىزدىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە كەم-كۈتسىز خىزمەت تامامەن مۇمكىن، پەقەت ھەر ئىشقا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئوخشىمىغان قاراشتىكى تەنقىتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە …

توردىن تەمەچلەر »

[17 ماي 2011 | One Comment | 481 قېتىم كۆرۈلدى]

سەۋەبىنى سورىماڭ
تۇردى لېتىپ
جاھاندا سەۋەپسىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ، لېكىن ھەممىلا ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى بىلىشكە ئىنتىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە شۇ ئىش يۈر بەرگەنلىكتىن كېلىپ چىققان نەتىجىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن ياخشى. بۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ «قۇياش نېمە دەپ غەرپتىن چىقماي شەرقتىن چىقىدۇ؟ نېمە دەپ كەچ بولغاندا قارڭغۇ چۈشىدۇ؟» دېگەندەك ساددا سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدىگەندەك ئىش. يېتىلگەن ئادەمنىڭ بۇنچىلىك ئىشلارغا ئەقلىنى خورىتىپ يۈرىشى ئەخمىقانىلىك.
ھەر قانداق ئىشتا پەقەت ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولسىلا قول سېلىپ باشلاپ كېرەككى، باشلىنىش قىلىشقا سەۋەپ ئىزدەپ، ساقلاپ تۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ھەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى مەلۇم …

توردىن تەمەچلەر »

[17 ماي 2011 | 2 Comments | 537 قېتىم كۆرۈلدى]

كىتاپ ئوقۇش
پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ!
تۇردى لېتىپ
يېقىندىن بۇيان مەزكۈر توردا، كىتاپ ئوقۇش توغرىسىدا گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ قالدى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. كىتاپ ئوقۇش ئادەمنى تىنچلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم تىنچلانغاندىلا كىتاپ ئوقىيالايدۇ. مېنىڭ كۆپرەك ۋاقتىم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۆتىدۇ. كىتاپ بولامدۇ، گېزىت ژۇرنارللاردىن بىر قۇچاق ھەر دائىم ئۈستىلىمگە دۆۋىلەگلىك. كۈندىلىك گېزىتنى بىر قېتىم ۋاراقلاپ چىقمىسام، خۇددى بىر ۋاق تاماقنى ئاز يېگىندەك بىر نېمېم كەمدەك بىلىنىدۇ. گەرچە، كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا ماڭا كىتاپ ۋاراقلاپ قويۇشقا ۋاقىت چىقىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىپ نورمال ھالغا كېلىشى ۋە ياكى بىرەر تور …

توردىن تەمەچلەر »

[17 ماي 2011 | 2 Comments | 379 قېتىم كۆرۈلدى]

قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك
تۇردى لېتىپ
ئىچكىرى ئۆلكىدىكى چاغلىرىمدا، ئادىل مىجىت ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك ئىتوتچىلىرىمىزنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىتوتلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، خەنزۇچە ئىتوتلارنى خېلى ھوزۇر قىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. چاغانلىق كېچىلىكتە «جاۋبېنشەن» قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ھاسا سېتىش» دەيدىغان بىر ئىتوتى كۆز ئالدىمدا غىل پال كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ، كاللامدا بىر خىل تەپەككۈرنىڭ يېڭىچە ئۈندۈرمىسىنى باشلىغان ئىدى.
نېمە دەپ شۇنداق بىر ساپ-ساق ئادەم، باشقا بىرسىنىڭ ئازدۇرىشى، كولدۇرلىتىشى بىلەن ھاسىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ يەردە زادى نېمە دېيىلمەكچى؟ بۇ بىر خىل خۇراپىلىققا قىلىنغان ئېغىر مەسخىرە، نادانلىقتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش- ئازدۇرۇش، قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسى.
ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش …

توردىن تەمەچلەر »

[17 ماي 2011 | 2 Comments | 876 قېتىم كۆرۈلدى]

مېنىڭ كەسپىم
تۇردى لېتىپ
كۆپ ھاللاردا باشقىلارغا ئۆزەمنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمىكىم ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇڭىمۇ بىرەر قېتىم سورۇندا ئولتۇرۇپ باقمىغان تونۇشلار بىلەن تازا چۈشىنىشىپ بولالمايدىغان مەن، دائىم ئۆزەمنى نېمە دەپ تونۇشتۇرۇش توغرىلىق ئويلىنىپ قالىمەن. تولا باشقىلار تازا چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى دەپ قارشى تەرەپنى گاڭگىرىتىپ قويغاندىن كۆرە، ھەممە بىلىدىغان كونا سۆزلەر بىلەن ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. بەزىدە شۇنداق دېگىممۇ كېلىدۇ؛
يېڭى زاماندىكى «ئالالمىغانغا ئېلىشىپ بېرىپ، ساتالمىغانغا سېتىشىپ بېرىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى تەڭگە…..» بەلكىم ئۇنداق دېسەم مېنى «ئۇلاق بازىرىدىكى بېدىك»مىكى دەپ قېلىشى مۇمكىن. سودا توغرىلىق گەپلەرنى كۆپرەك قىلسام كېرەك، بەزى يېڭى تونۇشلار يانفونىغا مېنى «سودىگەر …

توردىن تەمەچلەر »

[14 ماي 2011 | One Comment | 438 قېتىم كۆرۈلدى]

رىقابەتتىن ھەمكارلىق ئەلا
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن
تۇردى لېتىپ
ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەممىلا ئىشنىڭ قىممىتى بازار ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان، ھەممىلا كىشىنىڭ تاپاۋىتى بازاردىكى ئۇتۇقلىرى ئارقىلىق دەلىللەشتۈرۈلىدىغان مۇشۇ كۈنلەردە، مەيلى شىركەت-كارخانىلار بولامدۇ ياكى شەخسىلەر، ھەممىلا يەردە پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن «سەندىن مەن قالارمەنمۇ» دەيدىغان ۋەسۋەسىلىك ھالەت ھۆكۈم سۈرگىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى.
بىر مەھەل ھۆكۈم سۈرگەن «رىقابەت بولمىسا تەرەققىيات بولماس» دەيدىغان سەپسەتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەممىلا كىشى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ھېچكىمنىڭ گېپىنى كار قىلمايدىغان، «ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىغا پالتا پىچاق» لىق ھالەت دەۋر سۈردى. كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىش، بىرلىكتە ئىلگىرىلەشتەك …

توردىن تەمەچلەر »

[14 ماي 2011 | No Comment | 2,161 قېتىم كۆرۈلدى]

مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ـــــ ئىسمائىل ھەققى كاشغەرى
ئۆمەرجان نۇرى
يېقىنقى زامانلاردا ، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيە زېمىنىغا كىرىپ،ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ يانىدىغان يولنى ئاچقان . ھەجىدىن يېنىپ  ۋەتەنگە قايتاشىدا، تۈركىيەگە كەلگەندە ماكانلىشىپ قالىدىغانلارمۇ كۆپ بولغان . ئۇلار ئارىسىدا ئالىم، شائىر، مۇدەررس ۋە باشقا ساھەلەردە داڭىق چىقارغان كىشلەرمۇ، ھەتتا تۈركىيەنىڭ ھايات-ماماتلىق كۈنلىرىدە، جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ، يېڭى«تۈركىيە جۇمھۇرىيتى » نىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارمۇ بار . ئۇلاردىن بىرى – ئەينى دەۋىرلەردە، «تۈرۈكلەر ئاتىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىنقىلاپچى مۇستاپا كامالنىڭ ئىشەنچى ۋە دوستلۇقىغا نائىل بولغان دىپلومات ـــ ئىسمائىل ھەققى …

توردىن تەمەچلەر »

[27 ئاپرېل 2011 | 9 Comments | 2,725 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!
ئاپتورى: ساپ ئۇيغۇر، بۇ تىما تارىم تورىدىن كۆچۈرۈلگەن.
(بۇ –ئويلىغانلىرىم ھەققىدىكى تىز يازما،ئىلمى ئەسەر قىلىشقا ياكى مىللەتنى تىللاشقا باھانە قىلىۋىشقا بولمايدۇ،پەقەت كاتتا كىتاب ياكى ئىلمى دوكلارنى سىستىمىلىق تەييارلىغۇچە،مۇناسىۋەتلىك ئىزدەنگۇچىلەرنى تىزرەك تۇرتكە بولسۇن،جىددى گەپلەرنى دوسىتلارمۇ ئاڭلاپ،ئىجتىمائى ئۇنۇم ھاسل قىلسۇن دىگەن نىيەتتە يازدىم،پايدىلىق مەسلىھەت-خەلقىمىزگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ)
 
مەسلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى،پايدا-زىينى،سەۋەبى،ھەل قىلىش تەكلىۋى
‹‹ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز پات ئارىدا ئافرىقىلىق ئەرلەر بىلەن توي قىلسا،بىزنىڭ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلىمىز بولىدۇ››.
بۇ سۆزنى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر دوستۇم دىدى.دوستۇمنىڭ دىيشچە، ئۇ بەش يىلدىن بىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدا …

ئامرىكدىكى ئىشلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[5 ئاپرېل 2011 | 2 Comments | 1,456 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
گۈلەن
 
مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قونۇپ يېرىم سائەتكە بارماي ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇلدۇم.  ئانامدەك بىر ئەرەب ئايال ماڭا قاراپ شۇنداق جىدىدىي بىر گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماڭا قارىتىپ تۆكىلىۋاتقان سۆزلەر مارجانلىرىدىن ئۇنىڭ جوردان دېگەن گېپىنى ئايرىۋېلىپ، <مەن جوردان (ئىئوردانىيە) لىق ئەمەس> دەپ ئېنگىلىزچە جاۋاپ بەردىم-يۇ، بىر ئېغىز ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان بۇ ئايالنىڭ ئوكيان ئاتلىغان غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. مېنى بۇ ئايال نېمىشقا ئەرەب دەپ قالغاندۇ؟ قاراپ باقسام قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان سومكامدىن جەينامىزىمنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. خىيالمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشتىلىدىغانلىقى كەچتى. بۇرۇن مەن بېيجىڭدا ئەرەبكە ئوخشتىلاتتىم. 2001-يىلى لەنجۇدا تالىبانغا ئوخشۇتۇلغانىدىم. ئىچكىرىدە خەنزۇلار، …

توردىن تەمەچلەر »

[1 ئاپرېل 2011 | No Comment | 1,353 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز
گۈلەن
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىنى يېزىپ بولۇپ ئاخىرىنى داۋام قىلمىدىم. سەۋەبى بىرى ۋاقتىم چىقمىدى، يەنە بىرى نېمىلەرنى كەم نېمىلەرنى ئارتۇق، نېمىنى ئۇتۇقلۇق، نېمىنى ئۇتۇقسىز يازغانلىقىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. يازمامنى ياقتۇرغانلاردىن سورىدىم، ئەمما ئېنىق جاۋاپ چىقمىدى. ئارىدا بىر ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى. دېيىلىشىچە ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ 30 ياشقا كىرىپ قالغان، بىر بالىلىق بولغان بىر يىگىت ئۆيىنى گۆرۈكەشكە 80 مىڭ سومغا گۆرۈگە قويۇپ يوقاپ كېتىپتۇ. ئانا يىغلاپتۇ، قېرىنداشلار ئىزدىمىگەن يەر قالماپتۇ. بالا يوق. بالىنىڭ قېرىنداشلىرى نەچچە يىلدىن بېرى قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ، يوقاپ كېتىپ كۆپ جاپا …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[28 مارت 2011 | 2 Comments | 2,388 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ
بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىدە ئەرەبچە بەيتۇللاھ دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلاندى. خاتىپ بۇنىڭ ئېنگىلىزچە مەنىسىنى يېشىپ “ ئاللاھنىڭ ئۆيى “ دەپ چۈشەندۈرۈپ، مەسجىدنىڭ خاسىيىتى، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەبلىق قىلىۋاتقاندا ۋەتەندىكى بەيتۇللاغا ئۇچقان خىياللىرىمنى يىغالمىدىم. بەيتۇللاھ دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا يادىمغا قەھرىتاندىكى غۇلجام ۋە ”مەن ئۇيغۇرنىڭ!“ دېگىنىچە مەغرۇرانە سۈكۈتتە تۇرغان بەيتۇللا جامەسى كېلىدۇ. جامەنىڭ چىۋىننىڭ قانىتىدەك داغدىن خالى ئاق-سۈزۈكلىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىنى سېغىندۇرسا، مەغرۇر قەددى ئىلى پەرزەنتلىرىنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇرلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. خاتىپ تەسىرلىك دۇئانى باشلىىغاندىلا تۈگىمەس خىياللىرىمنىڭ نامىزىنى بەيتۇللادا چۈشىرىۋېتىپ جامائەت بىلەن ”ئامىن“ غا ئەگەشتىم. دۇئالاردىن ئېرىپ …

توردىن تەمەچلەر »

[28 مارت 2011 | One Comment | 693 قېتىم كۆرۈلدى]

قاراقۇرۇمغا سەپەر
(ساياھەت خاتىرىسى)
تۇردى لېتىپ
 
يېزىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
گەرچە كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن چاغدىكى كائىنات ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمىلىدىغان سالقىن سەھەر مەزگىلى بولسىمۇ، بىز كۆرىۋاتقان كۆز ئالدىمىزدىكى تەبىئەت شۇ تاپتا تەلەتىنى بۇزىۋالغان ئىدى. بىپايان بوشلۇقنى چاڭ-توزان باسقان، ھەتتا ئاسمانمۇ بىر قەۋەت سېرىق تۇمان بىلەن قاپلىنىپ، قۇياش ئۆز جامالىنى كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنىڭ يوپۇرماقلىرى بۇ چاڭ توزانلارنى سۈمۈرۈپ تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچىنىپ ھالىدىن كېتىپ قالدىمۇ قانداق، تېخى كۈز ئايلىرى كىرمەي تۇرۇپلا سولىشىپ سارغىيىشقا باشلىغان، بىر خىل خۇنۇك تەبىئەت كۆز ئالدىمىزدا يېيىلىپ تۇراتتى. سىرىتتىكى كائىناتنىڭ مەنزىرىسى ياخشى بولمىغىنىدىن بولىۋاتامدۇ قانداق، ماشىنا كابىنكىسىغا تولۇپ ئولتۇرغان …

توردىن تەمەچلەر »

[28 مارت 2011 | No Comment | 1,228 قېتىم كۆرۈلدى]

قانداق ياشىغان ئەۋزەل
تۇردى لېتىپ
 
ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ ياشاش بىلەن باشقىلارنىڭ دەۋىتى، كۆرسەتمىسى ھەتتا باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشاشنىڭ ھامان ماھىيەتلىك پەرىقلىرى بولغان بولىدۇ. چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ پەرق مۇستەملىكە بىلەن مۇستەققىللىق، كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، باشقۇرۇش بىلەن باشقۇرۇلۇش ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بىرلا يېرى ئېنىقكى ئۇ بولسىمۇ «ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» كاتىگورىيىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغانلارنى «ئۆزىنى ئۆزى سوراش» يولىغا ماڭغانلار دەپ ئېيتساق مېنىڭچە ئارتۇق كەتمەس.
مانا مەن ئەڭ دەسلەپ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم قويغان پەيتلەردىن باشلاپ نېمىلەرنى ئۆگىنىشنى، قانداق …

توردىن تەمەچلەر »

[28 مارت 2011 | No Comment | 1,049 قېتىم كۆرۈلدى]

زامانىمىزدىكى «روھى قۇللۇق»
تۇردى لېتىپ
تەخنىمەن بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللار بۇرۇن تېلېۋىزوردا قويۇلغان بىرازىلىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «يىلتىز» نى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، دېدەك ئېزورانىڭ قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشتىكى ئېچىنىشلىق تەغدىرى سۈرەتلەنگەن بۇ فىلىم، بىزگە «قۇل» دېگەنننىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە «ئەركىنلىك» نىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇتقان. ھازىرمۇ جاھاندا «قۇل» بار دېسە بەلكىم ھېچكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ھازىرقىدەك ھەركىم نېمە قىلىشنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان مۇشۇنداق كۈنلەردە، يەنىلا روھى قۇللۇقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
مەن كۆپ ھاللاردا كەچ ئۆيگە قايتىمەن. خېلى كەچلەردە جاھان تىنجىپ ھەممە ئۇيقۇغا پاتقاندا ئۆيگە پىيادە قايتىش مېنىڭ ئادىتىم دېسەممۇ بولىدۇ. …

توردىن تەمەچلەر »

[28 مارت 2011 | 8 Comments | 1,884 قېتىم كۆرۈلدى]

ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق
خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ
ھاياتلىق مۇساپىسىدە
سەپەر خىياللىرى
مەن ۋە مەن ئىشلىگەن سىستىما
ياپونىيەگە نەزەر
رىقابەتتىن ھەمكارلىق ئەلا
ياپونىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم
زامانىمىزدىكى «روھى قۇللۇق»
قانداق ياشىغان ئەۋزەل
قاراقۇرۇمغا سەپەر
مېنىڭ كەسپىم
قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك
كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ!
سەۋەبىنى سورىماڭ
كەم-كۈتسىز ئادەم
ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا
بىر نەرسە يازسام…
كەلگۈسى قولىمىزدا
قاراقۇرۇمغا سەپەر
توردىكى يېپىق ئىسىم

خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ