قانداق ياشىغان ئەۋزەل
قانداق ياشىغان ئەۋزەل
تۇردى لېتىپ
ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ ياشاش بىلەن باشقىلارنىڭ دەۋىتى، كۆرسەتمىسى ھەتتا باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشاشنىڭ ھامان ماھىيەتلىك پەرىقلىرى بولغان بولىدۇ. چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ پەرق مۇستەملىكە بىلەن مۇستەققىللىق، كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، باشقۇرۇش بىلەن باشقۇرۇلۇش ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بىرلا يېرى ئېنىقكى ئۇ بولسىمۇ «ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» كاتىگورىيىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغانلارنى «ئۆزىنى ئۆزى سوراش» يولىغا ماڭغانلار دەپ ئېيتساق مېنىڭچە ئارتۇق كەتمەس.
مانا مەن ئەڭ دەسلەپ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم قويغان پەيتلەردىن باشلاپ نېمىلەرنى ئۆگىنىشنى، قانداق بىلىملەرنى ئۆزەمگە مۇجەسسەملەشنى ئۆزەمدىن سوراش ئىمكانىيىتىگە مۇئەللەق بولۇپ كەلگەن بولسام، خىزمەتكە چىقىپ، جەمئىيەت قوينىغا ئات سالغاندىمۇ يەنىلا نېمىلەرنى قىلىش ۋە نېمىلەردىن ھەزەر ئەيلەشنى ئۆزەم بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەنمەن. شۇ تامان بىر مەزگىللىك يېڭى قانات چىقىپ پەرۋاز قىلغان قۇشتەك چېنىقىش، كۆپنى كۆرۈش، ئۆزىنى پىشىقلاش تىپىدىكى چايقىلىش، ئۆرلەش، شۇڭغۇش ھەتتا پوككىدە چۈشۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ناھال ياش ئوتتۇزغا ئۇلاشقاندا ئائىلىسىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، تاپاۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، كۈندىلىك 24 سائەتلىك بارلىق پائالىيىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئىمتىيازىغا نائىل بولۇپ تۇرۇپتىمەن. شۇنىڭغا ماس ھالدىكى قىلىۋاتقان ئىشىغا مەسئۇل بولۇس، قۇرغان ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇش، بېقىپ پەرۋىش قىلغان ئاتا-ئانىنىڭ ياشانغاندىكى ياخشى كۈتۈنۈشىگە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مەسئۇلىيەتنىڭ بىراقلا زىممەمگە يۈكلۈنگەنلىكىنى ھەم ھەر دائىم ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. مۇشۇ مەسئۇلىيەتلەر بولغاچقىلا ھەر كۈنى سەھەردە ئاتا-ئانامنىڭ بالا چاغلىرىمدىكىدەك «بالام ۋاق بولۇپ كەتتى، چاققان ئورنۇڭدىن تۇر» دەپ ئويغۇتىشىنىڭ، ئوقۇتقۇچىمنىڭ «بۇنداق قىلساڭ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە خىلاپ» دەپ ئەسكەرتىشىنىڭ، ھەتتا باشلىقىمنىڭ «بۇ ئايلىق پىلان ۋاقتىدا ئورۇندالمىسا، بىۋاسىتە مەسئۇلىيەت سەندە» دەپ دوق قىلىشىنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى قالمىغاندەك قىلىدۇ.
مانا بۇ مەسئۇلىيەت، بۇرۇنقى مەلۇم بىر شەخس ياكى كوللىكتىپ تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بېرىلىدىغان مەلۇم مۇدىئا-مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلىدىغان ئاددىي مەسئۇلىيەت بولماستىن، ئۆزىگە، ئائىلىگە ھەتتا جەمئىيەتكە ئىگە بولۇش مەسئۇلىيىتى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتى- ياشاشتىكى ئەركىنلىككە ئېرىشىش مەسئۇلىيىتى.
كارخانا قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش دەل مۇشۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالالىغانلىقنىڭ ھاسىلاتى، ئۆز ئالدىغا جاھان سوراشنىڭ ماڭمىسا بولمايدىغان دەسلەپكى قەدىمى. ئۇ ھەرگىزمۇ پۇل-بايلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۆزىگە خان، ئۆزىگە بەگ بولۇش تىپىدىكى مۈلۈككە، ھوقۇققا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئارقىلىق كېرىلىپ، بىخارامان ياشاش ئەمەس. ئەكسىچە، ئېغىزدىن چىقتىمۇ ئەمەل قىلىش، كۆڭۈلگە پۈكۈلدىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھەلەكچىلىكىدىكى جاندىللىق بىلەن پىداكىرانە ياشاش. باشقىلار ئىش قىلغاندا ئىش قىلىش، ھەتتا باشقىلار دەم ئالغاندا، ئۇخلاپ ياتقاندىمۇ ئىش قىلىش تىپىدىكى ئۆزىنى ئاتاش، ئۆزىنى بېغىشلاش مەۋقەسىدىكى جەڭگىۋارانە ياشاش.
كار- ئەسلى مەنىسى ئىش يەنى خىزمەت، كارخانا بولغان ئىكەن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن. كارخانا قۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇننى بارلىققا كەلتۈرۈش، كارخانا بولغان ئىكەن ئىش قىلىش-خىزمەت قىلىش كېرەك. بۇ يەردە قىلىدىغان خىزمەت ئۆزى ئۈچۈن بولىدىغانلىقى ئېنىق، شۇنداقلا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىسىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بولىدىغانلىقى ئېنىق.
خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن بولغان ئىكەن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنغا ئېھتىياجلىقلار بولىدۇ، ئۇلار دەل خىزمەتچىلەر. كارخانا ئىگىسى دەل بىر توپ پادىدىكى يول باشچى «سەركە»، ھەرقانداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان، ھەرقانداق مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان ھەقىقىي بىر جەڭگىۋار رەھبەر بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ چۈمۆلە توپىدىكى تەييەرغا ھەييا پادىشاھ چۈمۆلە بولۇپ قالماسلىق كېرەك.
مەن نېدە دەپ كارخانا قۇرۇش ئويىغا كېلىپ قالدىم، بۇ بەلكىم يول ياقىسىدا يايما يېيىپ ئۇششاق-تۈششەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ساتىدىغانلار دەرىجىسىدىكى كىچىك تىجارەتكىچە ئىزچىللىقنى ساقلاش بەدىلىگە كارخانا بولۇپ شەكىللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ياپونىيەلىكلەرنىڭ بىخارامانلىق كەيپىياتى، ھەممە ئىشنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىپ، باشقىلاردىن ئاغرىنمايدىغان ياشاش پەسلەپەسىنىڭ ماڭا يۇققانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ھەممە غەمنى بىراقلا ھاپاش قىلىۋېلىپ، باش تاتلىغۇدەك ئاراملىق بولمايدىغان ھارغىنلىق كەيپىيات، ھەممە ئىشنى ئۆزەم قىلسام دەپ تولا قاتراپ زادىلا باشقا ئېلىپ چىقالمىغان چاغدىكى چاڭقىغان روھى ھالىتىمگە ياپونىيەلىكلەرنىڭ ھەممە ئىشقا رازىمەنلىك بىلەن قارايدىغان كۆز قارىشى، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بار دەيدىغان تەمكىن پۇزۇتسىيەسىنىڭ پىتاپ تېنىمگە ئۇرۇلغان ئاسما ئۇكۇل كەبى تۇمۇرلىرىمغا بىۋاسىتە قۇيۇلۇپ، سىڭىپ كىرىشىدىن بولغان بولسا كېرەك. بۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ گېپى بويىچە «ئۆزەڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل»، «قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك ياشا» دەيدىغان دانا قاراشلىرىمىزغا تەدبىقلىغانلىقىمدىن بولغان بولسا كېرەك.
ياپونىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كارخانا قۇرغىنى يوق، لېكىن ئۇلاردىن ھەرقاندىقى كارخانىنىڭ نېمە مەقسەتتە قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا نېمە پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەم بىلىم ئېلىپ، تەرىبىيىلىنىپ ئۆزىدە مەلۇم تالانت، ئىقتىدار يېتىلدۈرگەندىن كېيىن ئەگەر قىلغىدەك ئىش بولمىسا، تالانتىنى جارىي قىلدۇرغۇدەك خىزمەت ئورنى بولمىسا، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر تىراگىدىيەگە يۈزلىنىدىغانلىقى ئېنىق. كارخانا دەل مۇشۇنداق تالانتلىقلارغا خىزمەت پۇرسىتى، تالانتىنى جارىي قىلدۇرۇشقا زۆرۈر سەھنە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن. ياپونىيەلىكلەر بۇ نۇقتىنى بىزدىن كۆپ بۇرۇن چۈشەنگەن. كارخانىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قوللىغان ۋە كارخانىنى كۆز قارچۇغىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان. ئۇنىڭدىكى خىزمەت پۇرسىتىنى قەدىرلىگەن. شۇڭا ئۇلار كارخانىدا ئۆلگۈدەك ئىشلەيدۇ. كارخانىنىڭ ئىناۋىتىنى، كارخانىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۆز ھاياتىنى قوغدىغاندەك قوغدايدۇ. كارخانا قۇرغۇچىلارنى دانا رەھبەرلىرىنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەيدۇ. ياپونىيەدە «شياچيو» (كارخانا باشلىقى) ئاتالغانلارنىڭ ھۆرمىتى خېلى خېلى مەمۇرىي ئورۇن ئەمەلدارلىرىنىڭكىدىنمۇ چوڭ تۇرىدۇ.
ياپونىيەلىكلەر كارخانا ئۈچۈن چۈمۆلىدەك ئىشلەيدۇ، 10 يىل 20 يىل ھەتتا بىر ئۆمۈر بىرلا كارخانا ئۈچۈن ھاياتىنى سەرپ ئېتىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشى ئىشلىسەكلا كارخانا روناق تاپىدۇ دەيدىغان قاراش تەبىئىي سىڭىپ كەتكەن. ئىشلەۋاتقان يېرىدىن قىلچە زارلىنىش ياكى غەيۋەت شىكايەت قىلىش بولمايدۇ. ئەگەر كارخانىلا ئىشتىن قالدۇرىۋەتمىسە ئاسانلىقچە خىزمەت ئالماشتۇرمايدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە كارخانىلار كونا خىزمەتچىلىرىنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ئالدىن ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئۆگىنىش، ھەتتا ساياھەت قىلىش يوللىرىنى راۋان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلارغا ئۆزىنى پۇختىلاش، تەربىيىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا بىر- بىرىنى قوللاش تىپىدىكى سەمىمىي ھەمكارلىق، بىربىرىگە ئىشىنىش تىپىدىكى رازىمەنلىك مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسى بولغاچقىلا ياپونىيە كارخانىلىرى تەرەققىي قىلالىدى.
كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، ياپونىيە 20 يىل تىرىشىش بەدىلىگە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ باي دۆلەتكە ئايلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ كارخانا تەرەققىياتى، كارخانىلاشتۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇشۇ 10 نەچچە يىل مابەينىدە جانلاندۇرۇلدى. كارخانا قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۆزى قۇرغان ئالىمىدە دۆلەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا سەل قاراپ ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرگەنلىكىدىن نۇرغۇن ئاۋانگارت كارخانىلار ۋايران بولدى. بولۇپمۇ كارخانىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە نائىل بولغانلار خىزمەتلا بولسا تەمىنات چوقۇم بولىدۇ دەپ ئىشىنىپ قالغاچقا كارخانىنى تومۇر تاۋاقلىق ئورۇن قاتارىدا كۆرۈشتى. خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ بولۇش بولماسلىقى بىلەن كارى بولمىدى. نەتىجىدە مىڭ تەسلىكتە بارلىققا كەلگەن كارخانىلار ئۆزىنىڭ پۇت تېرەپ تۇرۇش كاپالىتى بولغان مۇقىم تاپاۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن قالدۇرۇش كېلىپ چىقتى. تولا ئىشتىن قالدۇرىلىۋەرگەنلەر يەنىلا دۆلەتنىڭ مەمۇرىيلىرىدىن بولۇشنىڭ ياخشىلىقىنى قايتا ھېس قىلىشىپ، تىرىشىپ تىرمىشىپ مەمۇرىيلىق ئىنتاھانلىرىدىن ئۆتۈشكە تىرىشتى.
كارخانا مەلۇم بىر كەسىپتە پايدا يارىتىشنى تۈپ مەقسەد قىلغان بولىدۇ، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا قۇرۇلغان ئەمەس. ئالدى بىلەن كارخانا بولۇپ ئاندىن خىزمەتچى بولىدۇ. ھەرگىز خىزمەتچى بولغاچقىلا كارخانا بولغان ئەمەس. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. كارخانا بولغان ھامان ئىش ئورنى بار دەپ قاراپ ئۆزىگە بىرەر خىزمەت ئورنىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئۇ كارخانىدا نېمە ئىشلارنى قىلىپ، قانداق قىممەت يارىتالايدىغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلماق تەس بولغان زىدىيەتلىك توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداقلا، كارخانا ئىگىلىرى ئۆزلىرىنى دۆلەت مەمۇرىيلىرىدەك ھوقۇقدار ھېس قىلىشىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمىتى ئارقىلىقلا پايدا يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ قالىدۇ. كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەش، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ھەممىنى بېسىپ چۈشۈشتىن ئىبارەت مۇھىم تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. نەتىجىدە كارخانا داۋاندىن ھالقىغان پويىزدەك بىر مەھەللىك گۈللىنىش دەۋرىدىن كېيىن ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالىدۇ.
كارخانا ئۇ ئەنئەنىۋىي ئەركىن سودا بىرىكمىسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. كۆرۈنۈشتە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ياكى مەھسۇلات سېتىش تىپىدىكى سودا چەمبىرىكىدە پايدا يارىتىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن كارخانىنىڭ يەنىلا ئەمەل قىلىنمىسا بولمايدىغان پايدا مۇۋازىبەت قانۇنىيىتى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ماركا ئوبرازى ۋە جەمىيەت ئىناۋىتى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ كەم-كۈتلۈك مەھسۇلاتلىرىنى يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ دېڭىز ئاتلاپ يىغىپ كېلىپ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ بېرىشىدىكى سەۋەپ شۇنىڭدىن بولغان.
كارخانىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئۈنۈم ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئۈنۈم يارىتىشنى ھەر زامان ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقى ئېنىق. ئۈنۈم دېگەنلىك قانداق قىلغاندا ئەڭ ئاز ئەمگەك كۈچى بىلەن ئەڭ كۆپ ئىشنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تاماملاش دېگەنلىك بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ياپونىيەگە يېقىنلىشىپ ئازراق يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. لېكىن بۇ يەنىلا بىر ياپونىيەلىك قىلغان ئىشنى 13 جۇڭگولۇقنىڭ قىلىپ تۈگەتكىنى بىلەن باراۋەر بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى چوڭ دۆلىتىمىز بولغان جۇڭگودا كارخانىغا بولغان قوللاشتىن كارخانىغا بولغان نازارەت كۈزۈتىش كۆپ بولغانلىقى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كارخانىنى قانداقتۇر بىر خىل قانۇنسىز ئىگىلىك قۇرۇلمىلىرى قاتارىدا تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىنىڭ تەسىرىدە كارخانىنىڭ ھاياتى كۈچى بولغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرۇلمىدى. نەتىجىدە كارخانا ئىگىلىرى خىزمەتچىگە مۇھتاج، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار خىزمەت ئورنىغا مۇھتاج بولىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق زىدىيەتلىك ئىجتىمائىي ھالەت شەكىللەندى.
2011-يىلى 10-مارت سەھەر ئۈرۈمچى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يېزىلدى.
menbe: http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=19&TopicID=2506
تۈگىدى.
لەتىف ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ كونا ئەزاسى، ئۇنىڭ يازمىلىرى توپلانمىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!