Home » Archive

Articles in the توردىن تەمەچلەر Category

توردىن تەمەچلەر »

[28 مارت 2011 | 2 Comments | 1,628 قېتىم كۆرۈلدى]

ئىچكىرىدىكى سەرسان تۇيغۇلار
ئەرك ئوغلان

مەكتىپىمىزدە 80 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار. ئەلۋەتتە، بۇ ئىچكىردىكى بىر ئونۋىرسىتىت ئۈچۈن خېلى كۆپ سان سانىلىدۇ. لىكىن بىزنىڭ يەتتە مىڭ نەچچە يۇز ئوقۇغۇچى بار.بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 نەچچىمىزلا ئۇيغۇر. ئەمدى سېلىشتۇرساڭلا بىلىسىلەركى بىز يوقنىڭ ھېساۋىدا. ئەمما لىكىن ماشۇ نەچچەيلەن شىنجاڭغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز. ئاشخانىدا بولسا <<ئاق قاچا>> مۇسۇلمانلارغا،<<قىزىل قاچا>> دىنسىزلارغا ۋەكىللىك قىلدۇ. ھەم شۇ تەرەققىدە ئۆچىرەتمۇ ئىككىگە ئايرىلدۇ. ئەگەر بىر دىنسىز ئاق قاچىدا تاماق يىسە ئۇ مۇسۇلمان،بىر مۇسۇلمان قىزىل قاچىدا تاماق يىسە دىنسىز سانىلدۇ. دىمەكچىمەنكى بىر قاچىنىڭ رەڭگى ئىمانىمىزنى بەلگىلسە بۇنىڭغا قانداق چىداپ تۇرغۇلۇق؟! بۇنىڭغا بىر …

توردىن تەمەچلەر »

[23 مارت 2011 | No Comment | 760 قېتىم كۆرۈلدى]

ئەدىبلەر نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ
يالقۇن روزى
قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسۇپ سوقرات«ھەقىقەتنى بىر ئادەم سۆزلەيدۇ ، پىتنە –پاساتنى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ» دېگەن ئىكەن ھەقىقەتنى قۇغداش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دارغا ئىسلغان سوقرات ئۆز زامانداشلرى ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ساناقلىقلا كىشلەرىنڭ بىرى بىرى ھىساپلىندۇ . ئۇنىڭ ئافىنا سوتىدا سۆزلىگەن چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازى تاكى ھازىرغىچە ياڭراپ تالاي كىشلەرنىڭ قەلىبىنى لەرزىگە سالماقتا ، ئەلۋەتتە ھەقىقەتلا ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە.
مەن ئەدەبىيات كوچىسىغا ئىشتىياق باغىلغاندىن بۇيان ئوقۇغان ئەسەرلىرىمدە ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقەت قارىشغا ۋە ئىدىيۋى مەۋقەسىگە بەكرەك قاراپ كەلدىم .ئادەتتە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ساختىلقىنى ،چىنلىق ،رەزىلىكىنى گۈزەللىك ، قەبىھلىكىنى …

توردىن تەمەچلەر »

[23 مارت 2011 | No Comment | 707 قېتىم كۆرۈلدى]

ئىلاۋە: ئەدەبىياتىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان چەتنەش خاھىشى، قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 1-بېتىگە بېسىلىدىغان قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇزۇقچىلىق ھەتتا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھايۋانى قىلمىشلارنىڭ ھەدەپ بازارلىق ئەسەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى،  خەلقىمىزنىڭ ساپاسىغا پەقەتلا ماس بولمىغان يولدىن چىققان تەسۋىرلەر مېنى«ئەخلاقنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىدى، خەلقىمىز تېخى جىنسى ئەركىنلىك تەسۋىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە «ساپالىق، ئاڭلىق» بولۇپ كەتكىنى يوق» دەپ چۇقان سېلىشقا مەجبۇر قىلدى.
جەمىيىتىمىزدە راستلا شۇنداق رەسۋا ئىشلار مەۋجۇت ، بىراق بۇلارنى تەشۋىقات سەھنىسىدە «جۇلالاندۇرۇش»نىڭ قىممىتى بارمۇ؟ 
بىزدە تىلغا ئالغۇدەك ياخشى ئىش-ياخشى ئادەم تەسۋىرلەنگەن، ئوقۇغانلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا «مەن بۇلاردىن ياخشى ئىكەنمەن» دەپ گۇناھقا كۆنۈش تۇيغۇسى ئەمەس بەلكى بۇ گۈزەل …

توردىن تەمەچلەر »

[23 مارت 2011 | No Comment | 656 قېتىم كۆرۈلدى]

چۈمۈلە روھى ۋە ئىقتىساد ئېڭىمىز
ئوسمان زاھىر

شەھەر ئەتراپىدىكى مەلۇم يېزىدا بىر دېھقان ئۆي سالماقچى بولۇپ گەنسۇلۇق بىر ئىشلەمچىگە كېسەك قۇيغۇزۇپتۇ. كېسەك قۇيۇلۇپ ئىش ھەققىنى ئالىدىغان چاغدا ھېلىقى دېھقان بۇ ئىشلەمچىگە بىر نەچچە كۈن ساقلاپ تۇرۇشىنى، بىرەيلەندە 10 مىڭ يۈەن قەرزى بارلىقىنى شۇ پۇلنى ئۈندۇرۇپ ئىش ھەققىنى بېرىۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىنتايىن ھەيران بولغان ھېلىقى ئىشلەمچى بۇ ئۇيغۇر دېھقانغا :- خەقنىڭ قولىدىكى 10 مىڭ يۇەنگە ئادەم ياللاپ ئىشلەتكىنىڭگە ھەيران قېلىۋاتىمەن. مېنىڭ 200 مىڭ يۇەن پۇلۇم بار ، لېكىن ھازىرغىچە ئادەم ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. سەن بۇ ئىدىيەڭنى چۆرىۋەتمىسەڭ، مەڭگۇ نامرات پېتى ئۆتكۈدەكسەن.- دەپتۇ ئاچچىق بىلەن.
ھەر …

ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[21 مارت 2011 | 12 Comments | 3,861 قېتىم كۆرۈلدى]

چەتئەللىكلەر : ئۇيغۇرئەرلىرى يارىماس؟
ئاپتورى: نامەلۇم تورداش
مۇقەددىمە؛ئەرەبتىن ئاڭلىغانلىرىم،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاھۇ-زارى
مەسلە زادى كىمدە؟تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟
ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ،ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن.ئوچۇقىنى دىسەم  ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن.چۈنكى  مەن سىڭىللىرىم،ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ،كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى يولۇققان قىينچىلىقىغا مەسلىھەتچى  ،تۈۋرۈك بولالمىدىم.شۇڭا قىز-ئاياللىرىمىز ھەققىدە بولۇنغان ھەرقانداق ئەيىبلەش،مەسخىرە قىلىش،ھاقارەتلەشكە قارىتا، مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك،ھىچكىمگە نەسھەت قىلغۇدەك،قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم،سالاھىيتىم يوق دەپ قارايمەن.ئۈرۈمچىدە كۆزۇمگە كۆرىنىدىغىنى –قىز-ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى، ئامالسزلىقى.ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسزلىكى. ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم،ئۇلارنىڭ مەسللىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى،گىزىت-ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۇزۇلمەيتتى،‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى،ئۇيغۇر …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[8 يانۋار 2011 | 6 Comments | 6,556 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن

1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
2.   ئىزدىنىش سەپىرى
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
4. نېمە قىلىش كىرەك؟
5. يول قايان؟
6. خەير دوستلار
7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى
8. سالام، ھۆر شىتات
9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
10. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم
11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا
16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى …