ئىچكىرىدىكى سەرسان تۇيغۇلار
ئىچكىرىدىكى سەرسان تۇيغۇلار
ئەرك ئوغلان
مەكتىپىمىزدە 80 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار. ئەلۋەتتە، بۇ ئىچكىردىكى بىر ئونۋىرسىتىت ئۈچۈن خېلى كۆپ سان سانىلىدۇ. لىكىن بىزنىڭ يەتتە مىڭ نەچچە يۇز ئوقۇغۇچى بار.بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 نەچچىمىزلا ئۇيغۇر. ئەمدى سېلىشتۇرساڭلا بىلىسىلەركى بىز يوقنىڭ ھېساۋىدا. ئەمما لىكىن ماشۇ نەچچەيلەن شىنجاڭغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز. ئاشخانىدا بولسا <<ئاق قاچا>> مۇسۇلمانلارغا،<<قىزىل قاچا>> دىنسىزلارغا ۋەكىللىك قىلدۇ. ھەم شۇ تەرەققىدە ئۆچىرەتمۇ ئىككىگە ئايرىلدۇ. ئەگەر بىر دىنسىز ئاق قاچىدا تاماق يىسە ئۇ مۇسۇلمان،بىر مۇسۇلمان قىزىل قاچىدا تاماق يىسە دىنسىز سانىلدۇ. دىمەكچىمەنكى بىر قاچىنىڭ رەڭگى ئىمانىمىزنى بەلگىلسە بۇنىڭغا قانداق چىداپ تۇرغۇلۇق؟! بۇنىڭغا بىر مەنلا ئەمەس ھەممىمىز نارازى. بۇ مەكتىپىمىزنىڭ شىنجاڭلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچلارنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادىتى ۋە دىنىنى ھۆرمەتلەپ بەلگىلەپ بەرگەن سىياسىتى. رۇشەنكى بۇ ئىشنىمۇ بىر نەچچە قېتىم دەرىس تاشلاش ھەم تاماق تاشلاش ئارقىلىق ئاران ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇنداق ئىشلارغا كەلگەندە بىز خېلى ئاكتىپ. ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلغاندا ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشىمىز بەك جىق.
مەقسەتكە كەلسەك، بۇيەردىكى نۇرغۇن يات مىللەت<<قېرىنداشلار>> ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ باقمىغان ياكى كۆرسىمۇ ئىچكىردىكى كاۋاپچى، ماتاڭچى، ئوغرى-يانچۇقچى دىگەندەكلەرنى، ياكى بولمىسا ئاندا-ساندا تىلىۋزورلاردا كۆرگەنلەر. ھېسساپتا بىزنى قىلچە چۈشەنمەيدۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بىزگە قاراپ پۈتكۈل شىنجاڭلىقلارغا ۋە جەمى ئۇيغۇر ئەھلىگە باھا بېرىشكە ھەقلىق. بىز بىلەن ئۇچۇرىشىشتىن بۇرۇنقى ئۇلارنىڭ ئىددىيسىدىكى شىنجاڭلىقلار بولسا كاۋاپ سېتىپلا جان باقىدىغان خەلق ياكى بولمىسا ئوغرى-يانچۇقچى. ئەمىلىيەتتە ئىچكىردە ئاتالمىش تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىقان سودىگەرلىرىمىزنىڭ قىلدىغان ئىشىمۇ شۇ، شىنجاڭدىن كىچىك باللارنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ،تەربىيلەپ كاۋاپداندىن بىرنى قويۋىلىپ ئاستىرىتتىن ئوغۇرلىققا سېلىش . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچىرىغانلرىنىڭ بىزگە ھەم شۇنداق نەزەردە قارىغىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس! <<يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن ئارغامچىغىمۇ يېقىن كېلەلمەپتۇ >> دەپ،ئۇلارنىڭ بىزدىن ھەم شۇنداق ئېھتىيات قىلغىننى ئامالسىز قۇبۇل ئېتىشكە مەجبۇر بولدۇق.
بىز بىلەن تونۇشقاندىن كىيىنىكى ئۇلارنىڭ تەسىراتى ئەمدى قانداقكىن؟!ئۇلارنىڭ نەزىردىكى شىنجاڭلىقلار زادى قانداق ئورۇنغا يۆتكەلگەندۇ؟ ئەلۋەتتە خېلى زور ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولدى. ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بىزنىڭ پەقەت<<چوشقا گۆشىلا>> يىمەيدىغان مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى، ئەرقانداق مىللەت ئىچىدە ياخشى-يامان كىشىلەرنىڭ بولدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى. مىسالى شۇكى،بىر كۇنى تورغا شاڭخەيلىك بىر خەنزۇ مۇنداق دەپ چىقىرىپ قويۇپتۇ.<< كوچائاپتۇزدا شىنجاڭلىقلار پورتمالىمنى ئوغۇرلاپ ئالدى.مەن ئۇلاردىن نەپىرەتلىنىمەن،قولۇمغا ئابدۇمات ئېلىپ ئالدىمغا ئۇچىرىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسنى قىرۋەتسەم دەيمەن>>.بۇ نى كۆرۈپ ھەممىمىز غەزەپلەندۇق ۋە ئۇنىڭغا بىر تاغار ھاقارەت سۆزلىرنى قايتۇرۇپ كۆمىۋەتتۇق. شۇتەرەققىدە ياتاقتىكىلەرگىمۇ بىر نەچچە كۈن گەپ قىلغىم كەلمىدى. بىركۈنى ياتىغىمدىكى مەن بىلەن كۆپرەك سىردىشىدىغان بىرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ قالدى. مەن توردىكى ھېلقى جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ئۇ ياتاقتىكى قالغان ئككىسىگە ئېيىتتى . شۇنداقلا ئۇلارمۇ بىز بىلەن ئورتاق غەزەپكە كەلدى. ھەم ئۆز مىللىتى ئىچىدىمۇ ناچار كىشىلەرنىڭ تولۇپ ياتقانلىقىنى ئىتىراپ ئەتتى. بىز <<چوشقا گۆشىلا يىمەيدىغان ئۇيغۇر لارچۇ؟>>. ئوننەچچە كۈن بۇ مەسلىنى تەھلىل قىلدۇق. مىللىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ناچار ئادەت، يېتەرسىزلىك، نادانلىق ھەققىدە تالاي سائەتلەپ بەس-مۇنازىرە قىلدۇق. بۇ ئىشلا ئاز-تولا جىمىقىۋىدى،قايسى قىزنى كەلتۈرۈش،پالانىنىڭ پالانى كۈنى پۇستانى بىلەن بىريەلەرگە بېرىپ ئۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلىشقىننى دىيشىپ بىردە تىللاشساق،بىردە <<ۋاي ئېسىت كاساپەت،بالدۇر بىلگەن بولسام ئۆزۈملا…>>دىيشىپ لېۋىمىزنى يالاشقانچە ھەسەت بىلەن ئۆرتەندۇق. يەنە قايسى قىزلارنىڭ قايسى كۈنى ئۇ،بۇ سورۇنلاردا ھاراق ئىچكەنلىكىنى مەسخىرە ئارلاش كۈلۈشسەكمۇ، ئۆز ئىچىمىزدە بولسا كىملەرنىدۇ قولغا كەلتۈرۇش ئاسانلىقىغا چوت سوقۇپ،دىلىمىزنى تاتلىق ئېتىپ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇق. ئىشقىلىپ قاچانلا قارىسا توپ-توپ قاقاقلاپ كۈلۈشكەنچە يابولمىسا بەس-مۇنازىرە بىلەن مەكتەپنى ئايلىنىپ يۈرگىنىمىز-يۈرگەن. باشققا مىللەتتىكىلەر بۇ ئىناقلىقىمىزغا ھەسەت ۋە ھېرىس بولىدۇ. چىرايىمىزغىلا ئىناق-ئۆملىكىمىزنى ماختايدۇ ۋە بىردەك ھەسەت،ھېرىس ھېسىياتلىرنى قېتىپ قويدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى ئۇلاردا قالدۇرغان ئەڭ ياخشى تەسىراتىمىز دەپ قاراشقا بولىدۇ.
زادى بىز<<چوشقا گۆشىلا يىمەيدىغان>> شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېڭىدىكى ئومۇمى سۇرىتى نىمە؟!
ئۇلارغا چۈشەدۈرۈپ بىزنىڭ چوشقا گۆشىلا ئەمەس ،بەلكى يەنە ،ھاراق-تاماكىدىن،دىنسىز ئەتكەن تاماقلاردىن، دىنسىزلا بوغۇزلىغان كالا-قوي گۆشىدىن ، يەنە شۇنىڭدەك مۇسۇلمانچە بەلگىسى بولمىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىدىغانلىقىمىزنى، ھەركۈنلىگى بەش نامازنى ئادا قىلدىغانلىقىمىزنى، ھەتتا نىكاھ جەھەتتە دىنسىزلا بىلەن مۇناسىۋەت قىلساق بولمايدىغانلى قاتارلىق بىر دۆۋە ساۋاتلارنى بەردىم. ھېسساپتا ئۇلار چۈشەنگەندەكمۇ بولدىيۇ قايتۇرۇپلا سۇئاللارغا كۆمۈۋەتتى.
_ ئۇنداقتا مەن سېنىڭ ھاراق ئچكىنىڭنى كۆردىمغۇ؟
_ بۇ بۇ …بىز ئوقۇغانلار كىشلىك مۇناسىۋەتتە مۇھتاج بولۇپ قالىمىز. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئادەتلىنىپ قالدۇق.
_ دىمەك ئىسلام دىنى ئادەتكە يول قويدۇ شۇنداقمۇ؟
_ ياق! ھاراق ئىچىش قەتتى ھارام!
_ ئەمسە نىمىشقا ئىچىسىلەر؟!
_ بۇ …بۇ …
_ دىمەك سىلەر چوشقا گۆشى يىسەڭلار ئادەتكە ئايلاندۇرالايسىلەر شۇنداقمۇ؟
_ قۇسقۇم كېپكەتتى، بولدى ئۇنى سۆزلىمە!
_ ياتاققا كىرگەن دوسلىرىڭنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چېكىدۇ. بۇمۇ سىلەردىكى ئومۇملىشىپ كەتكەن دىننىي ئادەتمۇ؟
_ ياق! بۇمۇ ئىسلامدا ئېغىر گۇناھ…
_ ئاللاھتىن قانچىلىك قورقىسەن؟
…
ئككىلنىپ تۇرۇپ قالدىم. نىمە دىيىشنى راستىنلا مۆلچەرلەشكە ئامالسىز قالدىم. <<مەن زادى ئاللاھتىن قانچىلىك قورقىمەن؟>> ئۆزۈمدىن سورىدىممەن پىچىرلاپ. ئاللاھنى تىلغا ئېلىش، ئاللاھنى زىكرى قىلىش تۇرمىشىمىزدىكى سالام-سائەت سۆزلىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆزنى باشقىلارغا ئەدەپلىك كۆرسىتىدىغان ئەخلاق ياكى كىشىنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىدىغان كىيىم سۈپىتىدە خىزمەت قىلدۇرۋاتقىنىمىزنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم ۋە بۇ ھېسلىرىمدىن ئۆزۈم قورقۇپ كەتتىم. مىسالى كۆپكى بۇنىڭ، بىر يىگىت بىر قىزغا ۋەدە بېرىپ<<ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم سېنى ئالىمەن>>. <<خۇدايىم كۆرۈپ تۇرۇپتىكى سەندىن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم>>…دەپ ئالدىغىنىچە زىنادىن پاھىشە كوچىسىغا سۆرەپ كىرىدۇ ۋە <<ئاللاھ رىسقىمىزنى پۇتمەپتۇ>>دىگىنىچە تاشلايدۇ. سودىگەرلەر بولسا<<خۇدا كۆرۈپ تۇرۇپتىكى مەن ياماقچىلىك ھارامغا يېقىن كەلگەن بەندە ئەمەس>><<خۇدا ھەققى بۇمالدىن بەش كويدىن ئارتۇق پايدا ئالمىدىم>>…دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ شىرىك تاپىدىيۇ ياكى ماللىرىنى ساتىدۇ. ئەمسە بىزلەرچۇ؟ بىزدىمۇ كۆپ . كارائوكىخانىنى كېچىچە بولاپ،قانغىچە ئىچىپ،قىزلا بىلەن ئۇسۇل -تانسا دىگەننى ئويناپ قېتتىغىنى سورىۋىتىمىز. مەسچىلىكتە خۇدىمىزنى بىلمەي يۈرسەكمۇ ئاللاھنى زىكىرى قىپ ئامانلىق تىلەشنى ئۇنۇتمايمىز. بۇ چاغدىكى<<خۇدا>> ئۇقۇمى ھەرگىزمۇ بىزنى ياراتقۇچى بارچە مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسىنىڭ سۇپەت ئىسمى ئەمەس، خوشلىشىش ئەخلاق ئىبارىسى ئىدى. ئۇخلاپ ئەس-ھوشىمىز جايىغا كەلگەندە بولسا،ئاخشامقى ئولتۇراشتا قايسىلىرىمىز قايسىللىرنىڭ تاڭسا ئوينىغاچ كۆكسىگە كۆكرىكىنى چاپلىۋالغانلىقىنى،يەنە كىمنىڭدۇر كاسىسىنى سىلىۋلغانلىقىنى، شۇتەرەققىدە كىملەر بىلەن قانداق پاراڭ سېلىشقانلىرىمىزغىچە بەس-بەستە سايرىشىپ كېتىمىز.يەنە ۋەھاكازھلار…
دىمەك مەن راستىننلا ئاللاھتىن قوقىمامدىغاندىمەن؟!
_ ياق ياق …مەن ئاللاھتىن قورقىمەن. راستىنى دىسەم مۇشۇتاپتا شۇنچىلىك قورقىۋاتىمەن. ئاللاھتىن قېچىپ ياكى ئۆلۈپ قۇتۇلۇش مومكىن بولسىدى مەن ھېچبىر ئىكلەنمەيلا تاللىغان بولارئىدىم.
_ ئەمسە سەن سىنپىمىزدىكى ھېلقى خەنزۇ قىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولاۋاتىسەن؟
_ نى…نى…نىمىنى؟ ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىش قىلغىنىم يوق.ئېغزىمدىلا دەپ قويدۇم،ئەمىليەتتە مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن.
ئىچىمدە بۇ رەززىل نىيتىمنىڭ بىتچىت بولغۇندىن ئۆرتەنگەندەكمۇ بولدۇم. خەنزۇ قىزلا ئىددىيسى ئوچۇق كېلىدۇ. ئۇلارغا تەلەپ قويۇپ قوشۇلغاندىن كىيىن ئېچىقىپ ياتاق ئېچىپ ئاشنا ئويناش باش قاتۇردىغان مەسلە ئەمەس. ئۇندىن سىرىت بۇلار باي كېلىدۇ. كەلتۇرۋالغاندىن كىيىن ساڭا پۇل خەجلەتمەيدۇ. ھەم بىز قاڭشارلىق،قاش كۆۆزلۈك ،كېلىشكەن بولغاچقا كەلتۈرۈشمۇ تەس توختىمايدۇ. شۇڭا ئىچ پۇشقۇمنى چىقىرىشقا سىنىپتىكى ئەڭ گۈزەل بىرسىنى مەن تاللىۋالغان ئىدىم. لىكىن ئەتراپىمدىكى ئۇيغۇرلاردىن نۇمۇس قىلىپ، پاسىپلىقتىن ھالقىمىغان ئىدىم.
_ راستىنى دىسەم بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ داۋاملىق قىزلا ياتىقىنىڭ ئالدىدا خەنزۇ قىز بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغىننى كۆرىمەن. سەن ئۇنى تونامسەن؟ ئۇنداقتا ئۇ ئاشۇ قىز بىلەن توي قىلسا بولامدۇ؟
_ ئۇ قىز ئىسلام دىنىغا كىرسە بولىدۇ.
_ دىمەك سەنمۇ شۇنداق قىلساڭ بولىدىكەنغۇ؟
_ ئىسلام دىندا توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ بىرسى-بىرسى ئۇنداق قىلىشقىنى زىنا، ھارام بولۇپ ھېسساپلىنىدۇ. ھەتتا قول تۇتۇشىشقىمۇ يول قويىلمايدۇ.
_ ئەمسە نىمىشقا سىلەر ئۇنى توسمايسىلەر؟
ئەمدى بۇنىڭغا نىمەدىگۈلۈك؟ غورۇر ئېغىر كېلىپ بېشىم ئىگىلدى. دېمىم سىقىلىپ ھەتتا دۇدۇقلاشقا ماغدۇرۇم يەتمىدى.ئۆزۈممۇ ئاشۇ شەيتاننىڭ پۇرسىتىنى كۈتۈپ ياتقان ئازغۇنمەن! تۆت ئەركەك بىريەرگە كەلسەك بۇ ھەقتى قىلغان-ئەتكەنلىرىم ۋە قىلماقچى بولغان شەھۋانە ئارمانلىرىم يادلىۋالغان رىۋايەتتەك تۆكىلىدۇ. باشقىلارغا سۆزلەشتىن نۆۋەت كەمدىن -كەم تېگىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى سۆزلەپ ئۇزۇراپ كەتكەن تىللىرىم ئەلۋەتتە ئۇنى توسۇشقا سۆزلەشكە تولىمۇ كالتىلىق قىلاتتى.ئۇنىڭ بۇ سۇئالىنى جاۋاپسىز قالدۇردۇم ۋە ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم…
مەكتەپ چىملىقىدا سۇنايلىنىپ كەڭرى ئاسمانغا قارىغانچە ئۇچىنى تېپىپ بولماس خياللارغا تۇنۇقتۇم. ئىچىمدە گاھ ئۇنىڭغا نەپىرەت ئۈندۇرسەم،گاھ ئۇنى قۇرتۇپ ئورنىغا رەھمەت كۆچىتى تىكەتتىم. ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىش سەۋەبىم بولسا،ئۆزۈمچە ئۇ <<كاپىرنىڭ>> ئالدىدا مىللى غورۇرۇم سۇنغاندەك بولدۇم.بۇ ئەلۋەتتە سىلەرمۇ تىللاشقا تېگىشىلىك بولغان ئىللەت. لىكىن ئاشۇ دىنسىز<<كاپىر>> مېنى مەن چىقىپ كەتكەن دىنىمغا كىرىشكە ئويغۇتىش بەردى. مېنى ئۆزۈم ۋە مىللىتىم ئۇستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر ئەتتى.
_ مەن كىم؟ مىلىتىم نىمە؟ دىنىمچۇ؟
_ چوشقا گۆشى يىمەيدىغان ، ئاق قاچىدا تاماق يەيدىغان شىنجاڭلىق!
مانا ئۇلارنىڭ بىزنى بىلگەندىكى بىزگە بولغان ئاڭ ئۇقىمى.ئەلۋەتتە ئۇلاردىمۇ ئەخلاقسىز ئىللەتلەر سانجاق-سانجاق تۇرۇپتۇ.لىكىن ئۇلاردا دىن بولمىغان بىلەن مۇتلەق كۆپسانلىقى باشقىلارنىڭ خېلى قىممەت باھالىق نەرسىللىرنىمۇ ئېلۋىلىش مومكىن بولسىمۇ ئۇ خىل ئاڭدىن مۇستەسنا. بىزدە ئومۇمىيۇزلىك بىر كېسەل باركى ئۇلارنى كەمسىتىدىغان. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى دۆتلىككە چىقىرمىز.ئېىتىراپ قىلمەنكى بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەستايىدىل. ۋاقىت قارشى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەت ئېڭى راسچىل ۋە مۇلايىم.بىز بۇنى قورقانچاقلىق بىلەن تونلاپ يوقتىمىز. ئۆزىمىزنىڭ ھۇرۇن، ئويۇنچىلىقىمىزنى چېچەن، شوخلۇققا، دەرىسلەرگە چىقماي،تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەنلىرمىزنى بولسا قارام ، ياۋايىلىققا چىقىرمىز. ئىشلىرمىز سۈزۈك بۇلاقكى، ئاتا-ئانىمىز ئەۋەتكەن پۇلنى ۋىجدانىمىز خورلانماي خەجلىگىدەك سەۋەپ تاپالايمىز.
بىز ئۇلارنىڭ ئېڭىدا <<چوشقا گۆشى يىمەيدىغان ، ئاق قاچىدا تاماق يەيدىغان شىنجاڭلىق>> تىن ، ھۇرۇن ، ئويۇنچى ، تۈزۈمسىز ، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ، دىلى بىلەن تىلى بىردەك چىقمايدىغان شىنجاڭلىققا كېڭەيدۇق . ئۇلار بىزنى<<شىنجاڭلىق>> دىسە غەزەپ بىلەن قايتۇرۇپ ئۆزىمىزنى <<ئۇيغۇر>> دەپ ئەسكەرتتۇق . تىلىمىزنى <<شىنجاڭ تىلى>>(新疆话) دېسە چەكچىيىپ ، <<شىنجاڭدا مىللەت جىق ، بۇ دىگەن ئۇيغۇر تىلى>> دىدۇق . بۇمۇ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز بىرىۋالىدىغان مىللى غۇرۇرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى ئىدى . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، تىلىمىزدا ئەبجەشلىشىش ئېغىر . ئەلۋەتتە بۇ ئەيىپ سۆزلىگۈچىدە . تېلىفۇندا پاراڭلاشقاندا بىزمۇ ھەم خەنزۇ تىلى ئارىلاشتۇرۇپ ئانا تىلنى خورلىغانلىقىمىزغا ئىتىبار ئالماپتۇق . ياتىغىمدىكىلەر نەچچە رەت ماڭا سۇئال تاقىقى سالغاندىلا بۇ ھەقتە ئويلاندىم . چۈنكى ئۇلار تېلىفۇندا پاراڭلاشقاندا قىزىقىش تۇيغۇلىرىدا سۆزلىرىمگە زېھىن يۈگۈزەتەتتى . شۇڭا ئۆز تىللىرىنى سۆزلىرىمدىن ئاجىرىتىپ ئېلىشقا ئىزدىنىش ھاجەت ئەتمەيتى . مۇشۇنداق چاغلاردا مىللىتىمنى <<ئۇيغۇر>> ، تىلىمنى<<ئۇيغۇر تىلى>> دەپ ئۈنلۈك دەۋراڭ سالغىنىمغا خىجالەت بولۇپمۇ قالىمەن .
مانا مۇشۇنداق بىر تالاي خىجالەت ئوتلىرىدا پۇچىلانغاندىن كىيىن قەلبىم ھىدايەتتە ئۇپۇق كەبى قىزارغاندەك بولدى . ئىمانىم سۈبھى گۇگۇملىرى تاراپ يېقىشلىق تاڭدەك سۈزۈلۈشكە باشلىدى . ھايۋانى ھەۋەسلىرىم پەسىيىپ ، شەھۋانى كۆزلۈرۈم قىزلارنىڭ ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىگە يۈگۈرەپ ئۈسۈشنى ئۇيات تاپتى . يوللاردا ماڭسام ئويچان بۇلۇپ قالدىم . تولىراق يىگانە يۈرۈشنى خالاپ قالدىم . بولۇپمۇ مۇنۇ ئاددىغىنە بىر ھىكايىنى مەنىلەپ ئۆزۈمگە يۇغۇرىۋەتتىم . << بىر بوۋاي جەينىمازدا قۇرئان ئۇقۇپ ئولتۇرىدۇ . ئوچاق بېشىدا ئولتۇرغان ئوننەچچە ياشلاردىكى نەۋرىسى تۈرلۈك خىياللاردىن باش كۆتۈرۈپ بوۋىسىدىن سوراپ قالىدۇ .
_ بوۋا ، سىز قۇرئاندىكى خەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ …… بوۋاي ئۇقۇشتىن توختاپ نەۋرىسىگە بۇرۇلىدۇ ۋە بىر ئازلىق سۈكۈتتىن كىيىن :
_ ياق ، مەن بىلمەيمەن .
_ ئۇنداقتا چۈشەنمەي تۇرۇپ ئوقۇغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ ……….. نەۋرىسى بالىلارغا خاس مەسخىرانە كۈلىدۇ بوۋىسىغا ئەركىلەپ.
_ جۈرە ، ئاۋۇ سۆۋەتتىكى كۆمۈرنى تۆكۈۋېتىپ ئاشۇ سۆۋەتتە ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىپ كىر.
بوۋاي كۆمۈر ئېلىپ قارىداپ كەتكەن سېۋەتنى كۆرسىتىپ نەۋرىسىگە بۇيرۇيدۇ.
_ سېۋەتتە قانداقمۇ سۇ توختىسۇن؟! ئەجەپلەنگەنچە سورىدى نەۋرىسى.
_ ئاۋال چىقىپ باقمامسەن . قىلماي تۇرۇپ قانداق بىلىسەن؟
نەۋرىسى سېۋەتتىكى كۆمۈرنى مەش تۈۋىگە تۆكۈپلا چىقىپ كېتىدۇ . ئۇ بىر نەچچە قېتىم سىناپ باققان بولسىمۇ ، ئۆستەڭدىن چىقماي تۇرۇپلا سېۋەتتە سۇ قالمايدۇ . ئۇدا ئىشلەنگەن تەكرارلىقتىن ھىچبىر نەتىجە كۆرمىگەن نەۋرە نارازى قىياپەتتە بوۋاينىڭ قېشىغا قايتىپ كىرىدۇ ۋە نەتىجىنى بايان قىلىدۇ .
_ ئۇنداقتا سەن ئۇسۇلۇڭنى ئۆزگەرتىپ باق . سۇنى ئېلىپ يۈگىرەپ ماڭغىن.
بۇ قېتىم ئۇ سېۋەتنى سۇغا چۆكۈرۈپ ئېلىپلا يۈگۈرەيدۇ . نەتىجە يولدىن ئۆتۇپ بولغىچە سۇ تۈگەپ قالىدۇ . ئۇ يەنە قايتىپ ئالدىنقى قېتىمقىدىن تىزرەك يۈگۈرەپ باقىدۇ . نەتىجىدە يەنىلا بوسۇغىدىن ئاتلىتالمايدۇ . ئۈمۈدسىزلەنگەن ياش بوۋاي قېشىغا كىرىپ ئەرزىيىتىنى بايان ئېتىدۇ ۋە نەتىجىنى بىردەك بىلدۈرىدۇ.
_ يۈر ، – دەيدۇ بوۋاي نەۋرىسىنىڭ چىرايىدىكى سەبىلەرچە پۈرلەشلەرگە قاراپۈ.
_ قانداق قىلدىڭكىن ، مەن ئۆزۈم بىللە چىقىپ كۆرۈپ باقاي.
بوۋاي نەۋرىسىنى قايتا قىلىپ كۆرسۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ . نەۋرىسى نەچچە رەت قىلىپ تەكرار كۆرسىتىدۇ ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى نارازىلىق بىلەن بوۋايغا سۆزلەيدۇ . شۇ چاغ بوۋاي :
_ قولۇڭدىكى سېۋەتكە قاراپ باقە . بايام قانداقتى؟ ھازىر قانداق؟
ياش شۇ چاغ سېۋەتكە دىققەت قىلىدۇ ۋە بايامقى كۆمۈردەك سېۋەتنىڭ يېڭىلا توقۇلغاندەك تۇرغىنىنى كۆرۈپ بوۋايغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارايدۇ .
_ بۇنداقلا توشىساڭ سېۋەتتە سۇ تۇرمايدۇ ، بۇنى بوۋاڭ ياخشى بىلىدۇ . سەن بىلمەي تۇرۇپ قىلدىڭ . قاپقارا سېۋەت پاكىزە بوپ قالدى . قۇرئانمۇ شۇ ، چۈشەنمەي تۇرۇپ ئوقۇساڭمۇ ئىمانىڭنى پاكلايدۇ . سۇ ئالمىساڭ سېۋەت ئاقارمىغاندەك ، قۇرئان ئوقۇپ ئىمانىڭنى پاكلاپ تۇرمىساڭ دىلىڭ ، ھەم دىنىڭ قارىداپ كېتىدۇ.>>
بەرھەقكى ، بىز ئىمانىمىزنى پاكلاشتىن ، ئېتقادىمىزنى مۇستەھكەملەشتىن مۇستەسنا قالدۇق . بىزنىڭ ئۇنداق شارائىتىمىز يوقما؟ ياق ، بىزدە شارائىت تولۇق . پەقەت بىزنىڭ شەيتان نەغمىسىدە ئۇچىۋاتقان نەپسى – خائىشلىرىمىز ئۆزىمىزگە بوي سۇنمايۋاتىدۇ . ئۆزىمىز ئۇ خائىشلارنىڭ قۇلى بۇلۇپ كىتىپ بارىمىز . بۇ يەردە ھىچكىم بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق . بولۇپمۇ خەنزۇلاردىكى ئومۇمىيۈزلىك ئادەت . شۇنداق بولغاچقىمۇ ئۇلاردا ھايا ، باشقىلاردىن خىجىل بۇلۇش تۇيغۇسى دىگەندەكلەردىن ئەسەرمۇ تېپىلمايدۇ . بۇ ئۇلاردىكى ئوچۇق ئاڭ . مانا مۇشۇ خىل ئىجتىمائى موھىت بىزلەرنىمۇ ھاياسىز مەخلۇقاتلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى . گەپنى ئۆزۈمىزگە يۈكلەپ بايان قىلغاندا ، پارتىلالماي تۇرغان ھايۋانى ھىسلىرىمىزغا يول ئېچىپ بەردى . مىللى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزىدىن يىراق بولساقلا ،بىزمۇ ئۇلاردەك سورۇن تاللىمايدىغان،ئەدەپ-قائىدە، ئىتقاندىگەندەكلەرنى داچەن سانىمايدىغان بولۇپ كەتتۇق. قىزلارغا كۈندۈزنى كۈندۈز دىمەي يۆگىمەشتەك يامىشىپ ، تېرەك غاجىغان ئېشەكتەك بويانداپ غاجايدىغان بۇلۇپ كەتتۇق . مانا بۇ بىز ئىسلام دىنى تونىنى ئارتىۋالغان كۇلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ماھىيىتى ۋە باشقىلاردا قالدۇرغان<<ئاق قاچىدا تاماق يەيدىغان شىنجاڭلىق>> ئۇقىمى.
ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھەم شۇنداق خائىشلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ، ئېتىقاد ۋە ئىمانى بىلەن بىزنى ئەيمەندۈرىدىغان ، ئاللاھ ئالدىدا قۇربىنىڭ يىتىشىچە بىزگە ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ ، بىزنى ئىمان بىلەن دوستلىشىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلار يوق ئەمەس . ئۇنداقلارنى ساناشقا ئىككى قۇلۇمنىڭ بارمىقىنى ئىشلەتسەم بارمىقىم ئېشىپ قالىدۇ . شۇڭا ئۇلار يات مىللەت كۆزىدە سۇ ئاستىدىكى رەڭسىز تاشتەك كۆرۈنمەي قالىدۇ . ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئورتاقلىقىمىز ، ھەممىمىز بىر مىللەت ، بىر قەۋىم . دىنىمىز بىر ، ئاللاھقا ئىشىنىمىز . بىزمۇ ھەم قايسى يولنىڭ توغرا ، قايسى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . قايسىنى قىلىپ ، قايسىنى قىلماسلىقىنى پەرق ئېتەلەيمىز . پەرقىمىز شۇ يەردىكى ، دىلىمىز ئايرىم ، ئۇلار بىلگەن يولىدا ماڭىدۇ ، بىز نەپسە – خائىشىمىزغا مىنگىشىۋالىمىز . ئۇلار ئاللاھ ئالدىدا مەرتىۋىلىك تۇرىدۇ ، بىز گۇناھكار بولىمىز . لىكىن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ھامان باشقىلار كۆزىدە بىزنىڭ ناچارلىقىمىزغا كۆمەچ بۇلۇپ قالاتتى .
<<قاغىنىڭ كەينىگە كىرسەڭ يىيىشىڭ پوق>> …مەن ئەتىراپىمغا نەزەر سالدىم . مۇناسىۋىتىمدىن ئىمانلىغراق بىرەرسىنى ئۇچىرىتالمىدىم . دىمەك…ئويلاندىممەن . نەتىجىنى شۇنداق جەزىم ئەتتىمكى ، ئۆزۈمگە ئىمانداش ئىزدىدىم . ئاللاھ يولۇمنى راۋان ئەتتى . ئاشۇ ئاز سانلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن قەلبىم ھىدايەت تاپتى . لىكىن بۇ يولدا ماڭماق تولىمۇ مۈشكۈل بولىۋاتىدۇ . چۈنكى بۇ ئىبلىس ئېشىكىگە مىنىۋالغان «گۇناھداشلىرىم »ئۆتمۈشۈم بىلەن بوينۇمنى كىشەنلەپ پاتقاققا سۆرەيدۇ ، ھەق يولدىن ئېغىز ئېچىشىمغىلا ئۆتمۈشۈمنى لاي قىلىپ ئاغزىمغا چاپلاق ئېتىدۇ . << ئۆزۈڭچە ئىمانلىق بولىۋالغىنىڭما ئۇ؟ يا سەن بىز بىلمەيدىغان بىرسى بولمىساڭ! نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ پۇل قالمىغاندا مەنمۇ قىلىۋالىمەن ئۇ تۆۋىنى ، ئىمام بولىۋالىمەن تېخى . ھې ھې ھې…>> سۆزلەشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ . تەۋبىنى ئاللاھ قۇبۇل ئەتكەن بىلەن بەندە ئىشەنمەيدۇ . ئۇلار ئالدىدا چارىسىزمەن . لىكىن مەن ئۆزۈم – ئۆزۈمگە ئېگە بولالايمەن . شۇنداق قىلىپ ئاستا – ئاستا يولغۇزلۇققا يول تۇتتۇم . لىكىن ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم…!
menbe: http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=1491
Like :D، بۇنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەب ھاياتىنى ئەسلەپ قالدىم. بەزى سۆز-جۈملىلەرنى ئوقۇۋېتىپ، يۈزۈممۇ سەللىمازا چىمىلداپ كەتتى…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رادىئو ھەۋەسكارى Reply:
مارت 31st, 2011 at 03:29
@FinalFantasy,
مەنمۇ شۇ ، ھەي نادانلىق .
ئىزدىنىشتىكى ‹‹سەللىمازا ››نى بۇ يەرگىمۇ ئەكىلىپسىز ھە lol lol lol
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!