زامانىمىزدىكى «روھى قۇللۇق»
زامانىمىزدىكى «روھى قۇللۇق»
تۇردى لېتىپ
تەخنىمەن بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللار بۇرۇن تېلېۋىزوردا قويۇلغان بىرازىلىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «يىلتىز» نى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، دېدەك ئېزورانىڭ قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشتىكى ئېچىنىشلىق تەغدىرى سۈرەتلەنگەن بۇ فىلىم، بىزگە «قۇل» دېگەنننىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە «ئەركىنلىك» نىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇتقان. ھازىرمۇ جاھاندا «قۇل» بار دېسە بەلكىم ھېچكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ھازىرقىدەك ھەركىم نېمە قىلىشنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان مۇشۇنداق كۈنلەردە، يەنىلا روھى قۇللۇقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
مەن كۆپ ھاللاردا كەچ ئۆيگە قايتىمەن. خېلى كەچلەردە جاھان تىنجىپ ھەممە ئۇيقۇغا پاتقاندا ئۆيگە پىيادە قايتىش مېنىڭ ئادىتىم دېسەممۇ بولىدۇ. جاھان تىنجىپ، ھەممە كىشىنىڭ يانچۇقى پۇل كۆرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، شۇنچە كەچتە ئۇخلىماي يول ياقىسىدا دوستىنىڭ قولىغا ئېسىلىپ، دولىسىغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتقانلارنىمۇ، ئاغزى بۇرنى قان، باشقىلارنىڭ توسىۋېلىشىغا قارىماي پۇت پەشۋالىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاللىقانداق بىرىنى ئەدەۋلەۋاتقان تەلۋە كىشىلەرنىمۇ، ئۆزىنى يول ياقىسىدىكى رىشاتكىغا يۆلەپ قويۇپ، خانلەيلۇنغا توۋلاپ، «ھەممنىڭ بىر نېمېمگە تەڭ» دەپ يولغا قاراپ گۈللۈككە كىچىك تەرەت قىلىۋاتقانلارنىمۇ، ئىككى قولىنى پىللاڭلىتىپ، «مەن مەس ئەمەس يول ئىگىز پەس» دەپ ئۆز ئۆزىگە گەپ قىلىپ ئۇچرىغانغا مۆرە قويۇپ لەللەڭشىپ كېتىۋاتقانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. ھەتتا بەزىلىرى مەن تونۇيدىغان خېلى ئابرويلۇق ئادەملەردىنمۇ چىقىپ قالىدۇ. مەن ھېچكىمگە سالام سائەت قىلماي ئۆز يولۇمغا مېڭىۋېرىمەن. ئۇلارنىڭ روھىيىتىدىن مەسخۇش ھالەتتىكى جاھانغا پاتمايدىغان بىر خىل ئەركىنلىكنى كۆرۈۋېلىشقا ئۈلگۈرىمەن. شۇ تاپتا ئۇلارغا ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈۋېلىشمۇ تەس ئىش ئەمەس. دوستىغا بىرەر پوتۇلكا ھاراقنى ئارتۇق ئىچىشنى، ھەتتا قانچىلىك ئىشسە شۇنچىلىك ئېلىپ بېرەلايدىغانقىنى، ھەتتا بەزىدە كىملەرگىدۇ قانداقلىكى قىيىنچىلىقى بولسا بىر يولىلا ھەل قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمەن. شۇنداقلا ھەرقانداق دەرت ئەلىمىنى چىقىرىشقا قادىر ئىكەنلىگىنى پەش قىلىشقىنىنىمۇ ھېس قىلالايمەن. ئۇلار شۇ تاپتا شۇنچە ئەركىن، شۇنچە مەغرۇر. شۇ تاپتا ئۆيىنى تېپىۋالغۇچە قانچىلىك تالاپەتلەرگە يولۇقىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مۇندىن كېيىنكى پۈتكۈل ئۆمرىنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا، قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ھەم جەزىملەشتۈرەلەيمەن.
شۇنداق بىر تونۇشۇم بولىدىغان، بويتاقلىقتا ئارىلاپ ياتىقىدا سورۇن تۈزۈلۈپ قالىدىغان. بىر كۈنى تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ئازراق دىشىۋارىچلىققا ئۇچراپ 10 كۈنلۈك توختىتىپ قويۇلۇشقا دۇچار بولغانلىقىنى، ئۆزى تېرىغان «بالا» بولغاچقا ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ئىناۋەت ئۈچۈن باشقىلاردىن مەخپىي تۇتۇشۇم كېرەكلىكىنى دېدى. 10 كۈن بولغان كۈنى ناتونۇش بىر ئايالدىن تېلېفون كېلىپ، شۇ بۇرادىرىم توغىرلىق مەن بىلەن تەستە ئالاقىلاشقانلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كېچىدە، خوشنىسىنىڭ ئەرز قىلىشى بىلەن ئۆيىگە ئۇلارنى بېسىقتۇرۇشقا كەلگەن ئالاھىدە ساقچىلاردىن بىرىنىڭ قولىنىڭ ئۈگىسىنى چىقىرىۋېتىشتەك ئىشنىڭ بولغانلىقىنى، سورۇندىكى 6 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى 10 كۈن توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، مېنىڭ تۇنۇشۇم- ئۆي ئىگىسىنىڭ مەسىلىسى ئېغىر دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بىلەن ئەيىپلىنىپ، شۆبە ج خ ئىدارىسىگە دېلو سۇنۇلغانلىقى ۋە ھازىر ئۇنىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلگەنلىكى توغرىلىق تېلېفون كەلدى. دېمەكچىكى ئۇنىڭ 10 كۈن سولاقتا يېتىپ چىقىشى بىلەن جىنايىتى يۇيۇلمايتتى. قاراپ تۇرغىلى بولمىغۇدەك دەپ ساقچىخانىغا چاپتىپ، ئۇرۇق تۇققانلىرىغا مەسىلىنى سەل چىرايلىقلاشتۇرۇپ خەۋەر قىلدىم. بىر قولىنى داكىدا ئېسىۋالغان بويى 2 مېتىر كېلىدىغان ساقچىنىمۇ كۆردۈم. ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىسى يوق ئىدى. باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ تونۇشۇمنىڭ بىر تالاي ياخشى گېپىنى قىلدىم. بىر ئادەمنىڭ مەسچىلىكتە قىلغان كىچىككىنە سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى نابۇت قىلىۋەتمەسلىكى توغىرلىق بىر تالاي گەپ ساتتىم. ئېرىشىلگەن جاۋاپ ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى باشلىقنى ئىزدىشىپ كېرەك بولدى. مەن بىر قىسىم مۇشۇ كەسىپتىكى يۇقىرى ئەمەللىك ئادەملەرگە بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشقا ئۆتۈندۈم. 3 كۈندىن كېيىنكى جاۋاپ، 3 تەرەپنى رازى قىشىم كېرەككەن. ھەر بىر تەرەپ ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەندىن جەمى 30 مىڭ يۈەن بىلەن جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ئەركىنلىكىنى سېتىۋالايدىغان ئىش كېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى مىڭ تەسلىكتە 10 مىڭ يۈەن تەق قىپتۇ، مەن دوستلۇق يۈزىسىدىن 20 مىڭ يۈەن تەقلىشىم كېرەككەن. مەن بىر كۈن ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدىم ۋە ئاخىرى مەزكۇر تۇنۇشۇم بىلەن كۆرۈشۈپ، قارار بېرىشنى ئويلاپ يەنە ساقچىخانىغا چاپتىم. نەدىمۇ كۆرۈشەلەي، بىۋاسىتە تۇققىنى بولمىغاچقا نەدىلىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرىشمىدى. دادىسى يالۋۇرۇپ تېلېفون قىلىۋەردى. مېنىڭ ساقچىخانىغا يەنە بىر نۆۋەت بارغانلىقىم ئۈچۈن مەسىلە ئېغىرلىشىپ، ئەمدى مەن تەقلەيدىغان پۇل 30 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. نەچچە كۈن چىۋىن يەۋالغاندەك يۈردۈم. 30 مىڭ يۈەننى مەن تۇنۇشۇمغا ئاتىۋەتسەم، بىرىنچىدىن تېگى يوق بۇلاققا چۈشۈپ كېتىپ يەنە پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشۇممۇ شۇنداقلا ئۇ چىققان تەغدىردىمۇ شۇنچە ئەخمىقانىلىق قىلامسەن، ئۇلار سېنى ئالداپتۇ، دېيىلىپ بىكاردىن بىكار پۇلنى بۇزۇپ چاچقان بولۇپ قېلىشىممۇ مۇمكىن ئىدى. ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ سوتتا كۆرۈشۈشۈم كېرەكمۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسپات بولۇشى كېرەك. يېرىم كېچىدە 6 مەس نېمىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىنى سوتچى ئېتراپ قىلارمۇ؟ يەنە كېلىپ قالغان 5 كىشى گۇۋا بولۇشقا ماقۇل بولارمۇ؟ مۇشۇ ئىشلار بېشىمنى قاتۇرىۋاتاتتى.
قايسى بىر شەھەردە شۇنداق بىر لەغمىنى ئوخشايدىغان ئاشخانا بار ئىكەن. تاماق ۋاقتىدا بولۇپمۇ چۈشلىكى نە نەدىن ئادەملەر كېلىپ ئاشخانىغا لىق تولۇپ لەغمەن يىيىشىدىكەن. ئاشپەزنىڭ قولىدىكى لەغمەن قاچىلىرى بوينىنى سوزۇپ ئولتۇرغان خېرىدارلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىدىكەن. بەزىلىرى ئىلگىرى كېيىنلىك تالىشىپ خوجايىنغا دوق قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى چۈشلىكى تازا ئالدىراش چاغدا بىرياقتا ئولتۇرغان بىر نەچچە كىشى «ئۇستام بىزنىڭ تاماق قاچان چىقىدۇ؟ » دەپ سوراپتىكەن، جىلىي بولغان خوجايىن «سەللە ساقلاپ تۇرسىلا، ئاۋۇ ئۇستەلدىكى چوشقىلار ساقلاۋاتقىلى خېلىي بولدى، شۇلارنىڭكىنى تارتىۋېتىپلا سىلىنىڭكىنى چىقىراي» دەپ ساپتۇ، يەنە بىر ئۈستەلدىكى بىر قانچە خەنزۇ يولداشنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ. پىسخىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردا جاۋاپ بەرگۈچى ئۆزىنى سوئال سورىغۇچىغا يېقىن كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىۋاتقانلارنى يامانلاپ بېرىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇ نۇقتىدىن خوجايىن باشقا ئۈستەلدىكى خەنزۇ خېرىدارىنى ئۇنىڭدىن كېيىن كىرگەن «غەلۋىخور» خېرىدارىغا «چوشقا» دەپ بەرگەن چېغى. ئۇ ئۈستەلدىكى خەنزۇ يولداشلار ئۇيغۇرچىنى بىلىدىكەن ئەمەسمۇ، ئۇ كۈنى گەپ قىلماي چىقىپ كېتىپ، ئەتىسى خوجايىننىڭ تاناۋىنى تارتىپتۇ. «چوشقا» سۆزى ئۇ كىشىنىڭ دۇكاننى تاقاپ، بىر يېرىم يىللىق تۈرمىدە يېتىپ چىقىشىغا سەۋەپ بوپتۇ.
گەپ ئۇزىراپ كەتتى. دېمەكچىمەنكى، كىشىلىرىمىز ياشاش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولغىنى بىلەن روھى ئەركىنلىكتىن تېخى مەھرۇم. نېرۋىلىرىنى مەسخۇش قىلغاندىلا ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىشىدۇ،-دە جاسارىتىنى نامايان قىلىشىدۇ. ئاقىۋەت قانچىلىغان ئادەملەر ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە كېيىنكى بەختىنى نابۇت قىلىدۇ.
يېقىندا مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ياۋجياشىن دەيدىغان بىر 21 ياشلىق رويال ئۇستىسى تالانلىق ئىستيۇدېنتنىڭ ئۆز تەغدىرىنى نابۇت قىلغانلىق خەۋىرى تەھلىل قىلىندى. كەلگۈسىدىكى بىر داڭلىق سەنئەتكار، دەرستىن سىرت سىرتلاردا رويال ئوقۇغۇچىسى بولىدىكەن، بېرىپ كېلىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ماشىنا ئېلىپ بېرىپتۇ. يەنە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن كىچىك پىچاقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ سومكىسىغا سېلىۋالغان كۈنى كەچلىكى يولدا ئوتتۇر يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان توك موتۇرلۇق بىر ئايالنى سوقىۋېتىپتۇ، چۈشۈپ قارىغۇدەك بولسا ئۇ ئايال يەردە يېتىپ ماشىنىنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ماشىنا نومۇرىنى كۆرىۋاتقان، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۇ ماشىنامنىڭ نومۇرىنى يادلىۋالسا كېيىن چوقۇم ئەرز قىلىدۇ، مېنى تۈگىمەس ئەۋارىچىلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ دەپ ئويلىغان بالىچاق رويالچى رويالغا كۆنگەن قوللىرى بىلەن پىچاقنى ئېلىپ رويال چالغاندەك يارىدار ئايالغا 6 پىچاق ئۇرىۋېتىپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ دېلوسى ھازىر تەكشۈرۈشتە، بەلكىم ياۋجياشىن ئېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن دەيدىغان قىياسلار يوق ئەمەس.
روھى خاراپلىققا تەبىر بارمۇ؟ ئۇلار ئەگەر شۇ ئۆي، شۇ پۇل ھەلەكچىلىكىدە ئۆزىنىڭ جىسمانىي تېنىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۇنتۇسا قانداق قىلغۇلۇق. ھازىر بىزدە «ئۆي قۇلى»- «پۇل قۇلى» بار. ئەمەلىيەتتە ئەشۇ ئۆي، ئەشۇ پۇل شۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ تامامەن نورمال ياشاپ كەتكىلى بولاتتى. شۇ قۇللۇق ئازابىدىن بىر دەملىك بولسىمۇ قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز ئۆز ئەقىل ئىدراكىنى شاراپ بىلەن مەس قىلىۋاتىدۇ. مەلۇم جەھەتتىكى روھىي ئەركىنلىككە ئىنتىلىۋاتىدۇ. روھىي ئەركىنلىككە ئېرىشىش جىسمانىي ئەركىنلىككە ئېرىشىتىنمۇ تەسكە توختاۋاتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك. مەندىكى جاۋاپ كۆپ كىتاپ كۆرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا بىر مەھەل كىتاپ كۆرۈش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلىش كېرەك. شۇنداقلا شۇلارنىڭ روھىي جارائىتىگە دەۋا بولغۇدەك ئەسەرلەر يېزىلىشى كېرەك. كىتاپلار بېسىلىشى كېرەك. دېيىلمىگەن گەپلەر دېيىلىشى، يېزىلمىغان ئىشلار يېزىلىشى كېرەك. ئۇنىڭغا ياخشى تەبىرىلەر بېرىلىشى كېرەك.
menbe: http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=2821
تۈگىدى.
لەتىف ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ كونا ئەزاسى، ئۇنىڭ يازمىلىرى توپلانمىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!