Home » Archive

Articles in the ئويلانمىلار Category

Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

[2 يانۋار 2011 | 27 Comments | 5,019 قېتىم كۆرۈلدى]
ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا Cranks in Uighurs

بۇلار جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ.پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ ۋە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان»، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دەپ قارايدۇ.

Headline, ئويلانمىلار »

[3 ئۆكتەبىر 2010 | 7 Comments | 2,327 قېتىم كۆرۈلدى]
موللام ۋە چەلپەكچى موللام  توغرىسىدا Good and Bad Mollah

ئۆتكەن ھەپتە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تۈركىيە ئاساسىي قانونغا تۈزىتىش كىرگۈزدى دىگەن تىمىدا مىنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن يېزىپ قويغان ىىر جۈملە ئىنكاسىم بىلەن تىمىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگىرىپ جىڭ موللا ۋە جا موللا دىگەنگە ئوخشاش باشقىچە يۈنىلىشكە ئۈزگىرىپ كەتتى. چىرايلىق ۋە سەت گەپلەر بولۇندى. جېك بلوگىنىڭ نۇرغۇنلىغان تىمىلىرى ئەسلى مۇنبەرلەردە بولغان مۇنازىرىلەردىن توپلانغان بولغاچقا بۇ تىمىنىمۇ بلوگدا يىڭى تىما سۈپىتىدە ئاڭلىدىم. بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنكاسلارنىلا كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم. تولۇق مەزمۇنىغا قىززىققانلار ئەسلى تىمىنى ئوقۇغايىسىلەر. مىنىڭ ئىنكاسىم ئىككىنچى بەتتىن باشلنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرى نەقىل ئىچىدە ئېلىندى، نورمال يېزىلغانلىرى مىنىڭ ئىنكاسىم.
دىنى ئالىمنى چەلپەكچى دەپ باقمىدىم، دىنى ئالىم ئەمەس جامائەتكە توغرا يول ئۈگىتىدىغان مەھەللە موللاملىرىنىمۇ بەك ھۈرمەيلەيمەن. ئۇلارنى چوڭ سۈزلەشتىن باشقىنى ئۇخمايدىغان بەزى يازغۇچىدىن بەكراق چوڭ كۈرەپ كەلدىم. ماڭا ئىلىم بەرگەن موللام سۈپەت ئۇستازلىرىم بار ئىدى، ئۇلارنىمۇ ھازىر ياد ئىتىپ تۇرىمەن.

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[4 ئىيۇل 2010 | 15 Comments | 1,732 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش Beating Your Wife in America

ئامرىكىنىڭ چوڭ كىچىك قانۇنلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئادەم ئاران تۇرىدۇ قانۇن بىلەن ئوينىشىپ قالغىلى، مەسىلەن، ئادەم يا خوتۇننى ئۇرغىلى بولمىغان يا بالىسىنى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۈزەمنى دىمىدىم، مەنغۇ ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام ھىچ خوتۇننى ئۇرالايدىغاندەك ئەمەس، ھەم بۇ كەمنىڭ خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ قۇتۇلغىلى بۇلامدۇ دىسە، بۇلوپمۇ ئامرىكىدا. ئاندىن ئامرىكىنىڭ ئادەملىرىمۇ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقىلى ئامراق، كوچىدا ماڭسىمۇ، ماشىنا ھەيدىسىمۇ، ئۆيىدە ئولتۇرسىمۇ، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپلا تۇرىدۇ. لېكىن بىزدەك ئارلىشىپ ئارىغا كىرىپ كىلىشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەلكى ئىشىنى قىلغاچ ساقچى چاقىرىپ قويىدۇ. ئاندىن ساقچىلارمۇ بەزىدە رۇدىپايدەك كىرىشىپلا قالىدۇ، يوقلا بىر ئىشنى سوراپ كەپ قالسىمۇ ئالەمنىڭ نەرسىسىنى سوراپ باقىدۇ. تېخى …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[28 ئاپرېل 2009 | 10 Comments | 895 قېتىم كۆرۈلدى]
بلوگنىڭ قىممىتى قانچىلىك Valuation of a Blog

دۇنيادا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بلوگ يازغۇچىلار دۇنيادىكى مۇھىم بولغان مېدىيا( تاراتقۇ) ۋاستىسىگە ئايلىنىپ جەميەتنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇرۇن جەميەتتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەتلەر بولغان بولسا بلوگنىڭ بۇ قاتارغا قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسلەرمۇ ئۈزىنىڭ كۈز قاراش، بىلىم ۋە ھىسياتلىرىنى ئۈزىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بلوگى ئارقىلىق جەميەتكە تارقتىشقا باشلاپ بلوگچىلار جەميەتكە شىددەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.بولۇپمۇ ئامرىكىدا مۇقىم بلوگ يازىدىغان كۈچلۈك بىر قوشۇن يىتىشىپ چىقىپ ئۈزگىچە بولغان بىر مۇھىتنى بەرپا قىلدى. ئامرىكىدىكى بلوگلار ئاددى بولغان كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان شەكىلدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ ئۆتۈپ نۇرغۇنلىغان بلوگلار ئۈزىنىڭ ماركىسىنى قۇرۇپ چىقتى. …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار »

[16 ئاپرېل 2009 | One Comment | 890 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىنىڭ ئاپتۇنۇمىيە رايونلىرى(2)  The Autonomous Regions of USA

ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.  ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[16 ئاپرېل 2009 | 3 Comments | 1,070 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىنىڭ ئاپتۇنۇمىيە رايونلىرى(1)  The Autonomous Regions of USA

ئامرىكىدا دۇنيانىڭ باشقا يىرىدە، بولۇپمۇ ياۋرۇپادا يوق بولغان بىر بايرام كۈنى بار. بۇ كۈن رەھمەت ئېيتىش بايرىمى (Thanksgiving day)كۈنىدۇر. 1620-يىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى باسقان بىر كىمە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۈتۈپ يىڭى دۇنياغا كەلگەن. بۇ بىر گۇرۇپپا دىنى ئادەملەر ئەنگىلىيە باش چىركاۋىنىڭ دىننى يولغا قويۇش ۋە چەكلىمىسىگە چىدىماي قېچىپ يىڭى چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەنلەر بولۇپ بۇلار ماسساچۇستىس شىتاتىدا قىرغاققا چىقىپ شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان. بۇلار كەلگەن ۋاقىت كۈز ئۆتۈپ كىتىپ قىش كەلگەن ۋاقىت بولۇپ بۇلار ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىك تىزلا تۈگەپ قالغان. بىر نەرسە تېرىپ يەي دىسە قىش كىرىپ بولغان بولۇپ بۇ ئۇزاق …

ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن »

[6 دېكابىر 2008 | 9 Comments | 694 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى Uyghur’s Power of Creativity in Science

ەن ياسىنجان گەرچە ئاددي بىر ئادەم بىر مىللەت ياكى بىر قەۋىمنىڭ ئىلىم- پەن ،ئىجادىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە تىرەن پىكىرگە ئىگە بولالمىساممۇ،لېكىن قۇدرەت يەتكەن دائىرىدە ئۆز قارشىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى شەرەپ دەپ بىلدىم. غەربىي ئاسىيا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا ئوخشاشلا،ئوتتورا ئاسىيامۇ دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر جاي. بۇ يەردە ياشايدىغان ئىنسانلار توپى ھەر خىل مۇھىتتا ھەر خىل روللارنى ئۆتەپ ياشاۋاتماقتىمىز. رايونىمىز تۈركى تىل سىسىتىىمىسىدىكى مىللەتلەر ياشايدىغان رايۇن. ئابدۇسالام ئۆز نۇتىقىدا ئەرەب،پارىسلار بىلەن بىر قاتاردا مانا مۇشۇ رايۇندا ياشىغۇچى تۈرك،ئافغان قوۋۇملىرىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

Featured, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار »

[15 ئۆكتەبىر 2008 | 27 Comments | 1,843 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىلىق قەشقەرلىق The American Kashkari

ئامرىكا يۇقىرى ۋە تۈۋەن ۋەكىللەر كىڭىشى 700 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى [Bailout Plan] نى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى خەنك پالسون  [Treasury Secretary Hank Paulson] بۇ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلغا ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان بىر دىرىكتور تەيىنلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم ئورۇن بولۇپ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش جەريانىغا بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىۋاستە مۇشۇ ئادەم قول تۇتۇپ ئىشلەيدۇ.  نەچچە سوقۇشۇپ يۈرۈپ، كىچە كىچە خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، ئەسلى ئۈچ بەت يوللانغان پىلاننى 400 بەتكە يەتكۈزۈپ  ئاران ئۈتكۈزگەن بۇ پۇلنى …

ئويلانمىلار, كولتىگىن »

[15 ئۆكتەبىر 2008 | 2 Comments | 668 قېتىم كۆرۈلدى]
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)  The Last Failure of Successful Man

كىرىش سۆز:يېقىندىن بۇيان كىنو تېلۋۇزورلاردا،چىڭ سۇلالىسى ھەققىدىكى تېلېۋزىيە تىياتىرى ئاينىپ قالدى.مەسىلەن“دوك ۋەزىر لىۇيوڭ“،“چىئەنلۇڭ خاندانلىقى“،“تەدبىركار جىشاۋلەن“قاتارلىقلار.بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا،تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىسمىلا ھەقىقى بۇلۇپ،ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلۇپ چىققان.ھەتتاكى 360گىرادۇس بۇرىۋەتكەن.مەسىلەن ئالساق،دوك ۋەزىر لىۇيوڭ دېگەن فىلىمدە،“يېزىق ماجىراسىنى“لىۇ يوڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،بۇ ماجرانى تۈزەيدۇ.ئەمەلىيەتتىكى تارىختا بولسا،لىۇيۇڭ جىئاڭسۇدىكى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتتا،ئارقىمۇ-ئارقا ”يېزىق ماجراسى“نى پەيدا قىلىپ خانغا مەلۇم قىلىپ،تۆھپە كۆرسىتىپ،ئەمىلى ئۆسىدۇ.لىۇيوڭ ”تەشرىپدارلىق“تىن ئۆتكەن ۋاقىتتا

ئويلانمىلار, كولتىگىن »

[19 سېنتەبىر 2008 | 3 Comments | 485 قېتىم كۆرۈلدى]
[Koltigen] دىھقانلارنىڭ چىقىش يولى نەدە How to make our farmers rich?

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان،يېزا ۇتەخەسسىسلىرى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن، نۇرغۇن يازغۇچى،شائىرلار دېھقانلارنىڭ ئەجرىنى،چەككەن جەبرى- جاپاسىنى مەدىھلەپ ھېكايە،شېئىرلارنى يازغان،كادىرلار بولسا ئۇلارنىڭ جاپاسىنى مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنداقلا دېھقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ،يەنىلا نۇرغۇن دېھقانلار نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئالدى كەينىدە چۆرگىلەپ كېتەلمىدى. شەھەردىكى كوچا-كويلاردا كېتىپ بارغان،نەرسە كېرەك سېتىۋالغان كىشىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى،كىيىنىشىدىنلا ئۇنىڭ دېھقان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس،شۇنداقلا

ئويلانمىلار, كولتىگىن »

[20 ئاۋغۇست 2008 | 4 Comments | 578 قېتىم كۆرۈلدى]
«خەيىر خوش» مۇشەررەپكا! Good bye to Musharraf

مۇشەرەپ ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن كىيىن،گەرچە پاكىستاننىڭ ئىقتسادىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بىلەن،سىياسى سەھنىسى بىر كۈن تىنىچ بۇلۇپ باقمىدى.پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ”خەلق پارتىيىسى“ بىلەن“ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شىرىپ مەزھىپى“دىكى پارتىيە، تەشكىلاتلار ھاكىمىيەت سىرتىدا قالدۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ داھىيلىرى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان بولغاچقا،مۇشەررەپ رەھبەرلىك قىلغان پارتىيە، كۆپ قىسىم پاكىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرەلمىگەن ۋە پاكىستانغا تۇلۇق ۋەكىللىك قىلالمىغان . مۇشەررەپ ئىككى قېتىملىق پېرىزدىنىت سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ پېرىزدىنىت بولغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولغاچقا شۇنداقلا ھەر قېتىم

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[8 ئاۋغۇست 2008 | 8 Comments | 441 قېتىم كۆرۈلدى]
شەپقەتچىمىز ئىخلاس شىركىتىگە تەكلىپ

ئەمدى گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەم كەچلىك تاماق يەپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تور «ماتىلاپ» ئولتۇرۇپ ئىخلاس شىركىتى توغرىلىق ئىككى خەۋەرگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى ( خەۋەرنىڭ ئادىرىسى تۈۋەن تەرەپتە بىرىلدى) . خەۋەردە دىيلىشىچە ئىخلاس شىركىتى خوتەندە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىدا لىنتا كىسش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت رەھبەرلىرى بېرىپ تەبرىكلەپتۇ. ئىتايىن خوش بولدۇم. يەنە قارىسام قەشقەردىمۇ بىرمەكتەپ قۇرۇپتۇ، ئۇ مەكتەپمۇ ئىش باشلاپتۇ. دىمەك بىرلا ۋاقىتتا ئككى مەكتەپ قۇرۇپتۇ ( يەنە باشقا يەردىمۇ قۇرغاندۇ بەلكىم، ئۇخماي قالغاندىمەن). ناھايتى خوش بولدۇم. مائارىپقا ياردەم قىلغانلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچىلىك. خوتەندەك نامرات رايوندا بىر مەكتەپ ئارتۇق قۇرۇلسا

ئويلانمىلار »

[22 ماي 2008 | 33 Comments | 2,164 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى  : Weddings in  Uyghur Style on An American's Eye

ئۈتكەن ھەپتە مەن بىر ئۇيغۇرچە توي مۇراسىمىغا قاتناشتىم. توغرا، ھىچ بولمىغاندا توينىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىيىنكى يېرىمىغا تولۇق قاتناشتىم. كۈرەلەيسىز، ئۇيغۇر تويلىرى تولۇق ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، كۈندۈزدە ۋە ئاخشامدىمۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.ھازىرسىز غەرىپتىكى تويلارنى كۈز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن بۇلسىڭىز ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ناھايتى قىزىقارلىق، بەكلا باشقىچە،ھاھا.

مەسىلەن، سىز غەرىپتە توي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالسىڭىز ئۇنى كەم دىگەندە بىر ياكى بىر ئاي بۇرۇن تاپشۇرۋالىسىز. لېكىن مەن بۇ توينىڭ باغىقىنى توينىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى تاپشۇرۋالدىم، شۇنداقلا باشقىلار ئۈز قۇلى بىلەن بەردى تېخى.

ئويلانمىلار »

[13 مارت 2008 | 3 Comments | 504 قېتىم كۆرۈلدى]
ﺩﯛﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﯘﺷﯘﺷﻰ

ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ، ﭘﻪﻳﻼﺳﯘﭖ.ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﯩﺮ، ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﻪﻙ ئۇزۇن ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﺍ “ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﯕﻪﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺩﯛﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ تەجرىبىسىگە ئىگە دىسە“ بەك كاللامدىن ئۈتۈپ كەتمەيتتى. كىيىن بارغانسىرى تارىخ، سىياسى ئوقۇغانسىرى بۇ گەپنىڭ تىگىگە چۈشىنىۋاتىمەن. ئوزۇن يىل دۈلەت، ھاكىمىيەت باشقۇرغان مىللەت ياكى جەمەت دىسە باشقىچە قارايدىغان بولدۇم. بۇنداقلار باشقۇرۇش جەھەتتىكى كىچىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسىمۇ چوڭ سىياسى قاراردا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمەيدىكەن.

ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[11 ئاۋغۇست 2007 | 5 Comments | 2,107 قېتىم كۆرۈلدى]
(C)دوكتۇر رەيھانگۇل بەكتۇر بىلەن سۆھبەت A Discussion with Dr. Reyhan Bektur

1) 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا ”فامىلە“ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش بولدى. ”بەكتۇر“ فامىلىسى ئاڭلىغۇچىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆيۈملۈك فامىلە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىنى بۇ فامىلە توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق تاپتىم. سىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا ”بەكتۇر“ قانداق رول ئوينىدى؟
جاۋاب: بۇ فامىلىنى دادام تېپىپ قوللىنىشنى قارار قىلغان. مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىسمى ئەمەس. ئەگەر، بىر ئىشنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ۋە ئاشۇ ياخشى كۆرگەن ئىشىنى نىشانلاپ توختىماي تىرىشسا، ھەرقانداق ئادام غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە ئىسمى “بوشتۇر” بولسىمۇ، غەلىبە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ فامىلىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ فامىلە نامىنى مەن ئەمەس، دادام تاللىغان. مېنىڭچە بىراۋ ئۈچۈن جەزبىدارلىققا ئىگە بولغان فامىلىنى تاللاش ۋە تاللىماسلىقنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ فامىلىسىگە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن مەن فامىلە قوللانغاننى ياخشى ئىشكەن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىز ئەجدادلىرىڭىزنى يەنى يىلتىزىڭىزنى ئېنىق تونۇيسىز.