Home » Archive

Articles tagged with: America

Headline, ئىلىم-پەن, چەتئەلگە چىقىش »

[21 دېكابىر 2010 | 3 Comments | 1,864 قېتىم كۆرۈلدى]
PhD مۇ ياكى MS مۇ؟

مەنمۇ بۇرۇن ئامرىكىدا ئوقۇش ئىلتىماس قىلغاندا MS ئوقۇشقا قارىغاندا PhD ئوقۇش ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلى (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى)غا ئىرىشمەك ئاسانراق دەپ ئاڭلايتتىم. ھازىر مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئىشلەۋاتقان ۋاختىمدىمۇ يەنىلا PhD ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلىغا ئىرىشمەك ئاسان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۈزەم بىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق بۇ كۆزقاراشنى ئايدىڭلاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن.
ئۇنۋېرسىتىتلار PhD ئىلتىماسىنى ئاۋال ئويلىشىدىغانلىغى راس.لېكىن PhD ئوقۇش ئىلتىماسىغا قويۇلغان تەلەپمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ. PhD /ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ياردەم پۇلىغا ئىرىشىش MS كە قارىغاندا ئاسان بۇلىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر MS دىپلومى بولمىسا PhD ئوقۇش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز ئاۋال MS ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كىرەك. شۇڭلاشقا سىز ئاۋال مەكتەپلەردىكى ھەر قايسى ئوقۇش پروگراممىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىز ۋە پروفىسسورغا ئىلخەت يېزىپ ئۇنىڭ PhD ياكى MS ئوقۇغۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.

ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

[10 ئۆكتەبىر 2008 | No Comment | 417 قېتىم كۆرۈلدى]
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(2)  The translated transcript of the 1st presidential debate

لىكىن مەن پارلامىنىت ئەزاسى ماككايننىڭ ئۇسۇلىغا قوشۇلالمايمەن،بىز كەسكىن تەدبىرلەرنى روسىيە ۋە جوڭگۇغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى بولماي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز،مىنىڭچە پا ئە ماككايىن بۇ نۇقتىغا قوشۇلىشى مۇمكىن:بىز يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى شەرتى ئاستىدا ئىران بىلەن بىر سودىنى پۇتۇشسەك بولىدۇ. بىراق ،مىنىڭچە بىز ئىرانغا بىۋاستە كەسكىن دىپلوماتىيە يولى بىلەن يۇزلىنىشىمىز كىرك،بۇ دەل مەن بىلەن پا ئە ماككايىن ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپتۇر. بىز جازالىماقچى بولغانلار بىلەن سۆزلىشش چارىسى كارغا كەلمىدى، بۇ چارە ئىرانغا ئاقمىدى.چاۋشىيەنگە ئاقمىدى.بىزنىڭ ھەرقىتىملىق يىتىم قالدۇرۇش ئۇچۇن قىلغان ترىشچانلىقىمىز ئۇلارنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇۋىلىش قەدىمىنى تىزلەتتى. مەن پىرىزدىنىت بولسام

ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

[10 ئۆكتەبىر 2008 | 2 Comments | 534 قېتىم كۆرۈلدى]
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى (1)  The translated transcript of the 1st presidential debate

بۇ پائالىيەتنى پىرىزدىنتلىق مۇنازىرە كومىتىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، باشقا3 مەيدان پىرىزدىنتلىق ۋە مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىق مۇنازىرىسى ئۆكتەبىردە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇگۇن كەچلىك مۇنازىرە دىپلوماتىيە سىياستى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مەركەز قىلىپ ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇلار ئۆز دائىرسىدە يەنە يەرشارى مالىيە كىرزىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇنازىردە كەسكىن ھالدا 9مىنۇتلۇق ئۆلچەم بويىچە ئايرىلىدۇ. تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق قارارقىلىنىدىغان تەرتىپ بويىچە ھەر بىر نامزاتنىڭ نۆۋەتتىكى سۇئالنى جاۋاب بىرىشقا ئىككى مىنۇت ۋاقتى بولىدۇ.ماسلاشتۇرغۇچى بىلەن نامزاتلار ئوتتۇرسدىكى دىئالوگلار نامزاتلار جاۋاب بىرىپ بولغاندىن كىين ئىلىپ بىرىلىدۇ.جاۋاب بىرىلىدىغان

ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[1 ئۆكتەبىر 2008 | 10 Comments | 889 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك Do Americans fight sometimes?

بۇ يەردە ھازىرغىچە كوچىدا يا مەكتەپتە سوقۇشۇپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئادەتتىكى گەپ تالىشىپ ئورۇشۇپ قالىدىغانلار يوق دىيەرلىك. سوقۇشىدىغانلار ياكى ئېىتىشپ كىتىدىغانلار ئاساسەن قار جەميەت كۈرۈنۇشى بارلار، بىر بىرى بىلەن مەنپەئەت ئىشلىرى بىلەن ئېتىشارمىش. ئۇندىن باشقا جەميەتكە نارازىلىق ئىشلىرى بىلەن قورالنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باشقىلارنى ئېتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ بەزىدە خەۋەردە كۆرۈپ قالىمىز. مەسىلەن ۋىرگىنيەدىكى قاتىللىق. مەن تۇرۋاتقان يەردە ئۆتكەن يىلى بىرسى چىركاۋغا كىرىپ بىر مۇنچە ئادەمنى ئېتىۋىتىپتىكەن. ئۈزىمۇ شۇ چىركاۋغا بارىدىغاندىن ئىكەندۇق. بۇ يەردە كىچىك جىدەللەر، سوقۇشلار ئاز چىقىدىكەن. ئادەم بەك جىق كىرىدىغان كۇلۇبلاردا بەزىدە سوقۇشلار بۇلىدىكەن، خەۋەرلەردە كۆرۈپ قالىمەن

ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[23 سېنتەبىر 2008 | 16 Comments | 964 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر.  My Daily Expenses in America

مەن تۇرۋاتقان بۇ يەر كىچىكلا مەخسۇس مۇشۇ ئۇنۋېرسىتىت ئۈچۈن قۇرۇلغان شەھەر، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 28 مىڭ ئەتراپىدا، جەمئى نۇپۇس 35 مىڭ ئەتراپىدا. بىر قەدەر بىخەتەر. بۇ يەردە ئىككەيلەن كۆپ ئىچىۋىلىپ مۇشتلاشسىمۇ ئەتىسى گىزىتكە چىقىىپ قالىدۇ. ئىككى يىل بولدى ئۆيگە قۇلۇپ سېلىپ باقمىدۇق، بۇرۇنقى ياتقان ئۆينىڭ بىرلا ئاچقۇچى باركەن، ئاچقۇ ياسايدىغان يەرگە بېرىپ ( بىز تۇرۋاتقان يەردە ياسايدىغان يەر يوققەن، قوشنا شەھەردە بار، 20 مىنۇت ماشىنا ھەيدەيمىز) ياسىتىپ كىلىش خوشياقماي قۇلۇپ سالمايتتۇق، ھازىر ياتقان ئۈينىڭ ئاچقۇچىنى ياتاقدىشىم بىلەن ئىككىلىمىز ئۈيگە كىرىپ بىر ھەپتىگىچە يۈتۈرۋەتتۇق. شۇڭا شۇنىڭدىن كيىن ئۈينى تاقىمىدۇق ( كۆچۈپ كىرگىلى بىر يېرىم يىل بولدى) . مىنىڭ يەنە بىر ۋېلىسىپتىم بار،

ئىنگلىس تىلى »

[8 ماي 2008 | One Comment | 685 قېتىم كۆرۈلدى]

بۈگۈن كىشى ئىسنملىرى توغرىلىق مۇنۇ سىتاتسكىنى كۈرۈپ قېلىپ قىززىقىپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم. ئىنگىلىزچە ئۈگىنىۋاتقانلارغا پايدىسى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
1. ئامرىكىدىكى ئەڭ كۈپ ئىشلىتىلگەن ئالدىنقى 100 كىشى ئىسىملىرى
Smith Johnson Williams Brown Jones Miller Davis Garcia Rodriguez Wilson Martinez Anderson Taylor Thomas Hernandez Moore Martin Jackson Thompson White Lopez  Lee Gonzalez Harris Clark Lewis Robinson Walker Perez Hall Young Allen Sanchez Wright King Scott Green Baker Adams Nelson Hill Ramirez Campbell Mitchell Roberts Carter Phillips Evans Turner Torres Parker Collins Edwards Stewart Flores Morris Nguyen Murphy Rivera Cook Rogers Morgan Peterson …

ئامرىكدىكى ئىشلار »

[31 مارت 2008 | 3 Comments | 678 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا سورۇندارچىلىق Parties in America

بىز ئۈرۈمچىدە دوستلار يىغىلىشىنى ئاشخانا، رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزىمىز، چىقىمنى بىر ئادەم كۆتۈرىدۇ. لېكىن ئامېرىكىدا ئوخشىمايدىكەن. بۇلار چوڭ بىر مۇراسىم بولۇپ كەتمىسە ئاساسەن سىرتلاردا يىغىلىش قىلمايدىكەن، ئاسەسەن بىر – بىرىنىڭ ئۆيىدە قىلىدىكەن، ساھىپخان كۆپرەك نەرسە تەييارلايدىكەن ، لېكىن باشقىلارمۇ ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ نەرسە – كېرەكلەرنى تەڭ ئېلىپ كېلىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۆي ئىگىسىگە ھەممىنى تاشلاپ قويمايدىكەن. بەزىدە نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ئادەم ئالىدىكەن، يىغىلىش ئاياغلاشقاندا بارلىق چىقىمنى تەڭ بۆلۈشىدىكەن. بىريىلنىڭ ياقى بىزنىڭ فاكولتىت كەم دىگەندە 6 قېتىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشى قىلدى. بۇلارنىڭ بىرسى شەھەر مەركىزىدىكى بىر زالدا بۇلدى، بىرسى شەھەر

ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلگە چىقىش »

[25 ئىيۇل 2007 | 7 Comments | 3,429 قېتىم كۆرۈلدى]
قۇدرەتتىن تورداشلارغا ئوچۇق خەت A Letter From Kudret

قۇدرەت ئامرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلۇپ يىقىندا قۇدرەتنى قىسقىىچە تۇنۇشتۇرۇپ يېزىلغان خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت دىگەن تىما ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا زىلزىلە قوزغىدى ۋە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قۇدرەت بىلەن پاراڭلاشقۇسى، ئۇ توغرىلىق كۆپراق بىلىپ باققۇسى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ تورداشلاردىن تاپشۇرۋالغان سۇئاللاردىن بىر نەچچىنى تاللاپ ئۇ سۇئاللارغا بولغان كۆز قارىشىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ئالدى بىلەن مەن ئۈچۈن تىلىگەن ئالىي تىلەكلىرىڭلار ۋە مەندىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن… شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھان مەزگىلى تۈپەيلى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، سىلەرگە …

Featured, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[29 ئىيۇن 2006 | 3 Comments | 1,023 قېتىم كۆرۈلدى]
نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار

بۇ ماقالە 2006-يىلى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يېزىلغان بولۇپ كىيىن بۇ بلوگقا كۈچۈرۈلۇپ كىلىنگەن. 2010-يىلى 2-ئايدا كىچىك ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى ۋە سىتاتسكىلار يىڭىلاندى. ئەسلى ماقالە بۇ يەردە بار.
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯜﺯ
ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﯩﻤﺎ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﯞﺍﺧﺘﯩﻨﭽﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﯩﻤﯩﺴﻰ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﻳﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ،ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮔﯩﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ”ﯞﺍﻱ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ؛ ﻳﺎﭘﯘﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻮﺧﺘﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﻧﻮﺑﯩﻞ …