Articles tagged with: America
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
3. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
ئامېرىكىغا كېلىپلا چىكاگۇ ئايرۇدۇرۇمىدا دىققىتىمنى تارتقىنى ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆز سومكىلىرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان تۆت بەش ياشلاردىكى بالىلار بولدى. بۇ يەردە ياشاش جەرانىدا ماگىزىنلاردا ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كىيىملىرىنى ئۆزلىرى تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ زوقلاندىم. بالام كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئويۇن مەيدانىغا چىقسام بالىسىنىڭ سۈتىنى بىر قولىدا، ئويۇنچۇق، كىيىم قاتارلىقلىرىنى يەنە بىر قولىدا كۆتۈرىۋالغىنى يالغۇز مەنكەنمەن. مېنىڭ قىزىمدەك تۆتكە يېقىنلاشقان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى ئويناپ ئۇنتۇپ قالماي ئۆزى يۇغۇشتۇرۇپ ئېلىپ قايتىدىكەن. مەندەك تۆت ياشقا ئازقالغان بالىسىغا قوغۇلاپ يۈرۈپ تاماق يۈگۈزىدىغان ئامېرىكىلىقنى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
2. ”مەن قەشقەرلىك“
قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كۆپرەك كۆرگىنى بىر ئۇيغۇرىمىز بولدى. ئۇياقنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجىلىق تارانچىلاردىن بولسىمۇ چاخچاقنى يېرىم كۈندىن كېيىن چۈشىنىپ بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە رەنجىپ قالاتتى. ئۆزى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغىنىغا قارىماي ”بىز غۇلجۇلۇقلار“ دەپ سۆزلەپ قوياتتى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايىسى ۋىلايەتلىرىدىكى تارماقلىرىدا بىر خىسلەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەنچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىكى خىسلەت يۈكسەك غۇرۇر، قورقۇمسىزلىق ۋە ئوچۇق خاراكتىر. بولۇپمۇ مەن بۇ تارماق ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئورۇن، مەرتىۋە ۋە ھوقۇق سۈرۈشتۈرمەي مەسخىرە قىلالايدىغان ئەركەكلىكىدىن سۆيۈنەتتىم. شۇ سەۋەپتىن يېقىن ئەتراپتىكى بىر دىنبىر ئۇيغۇرۇم بولغان بۇ خانىمنىڭ ئۇيغۇردىكى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
1. ئامېرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت
ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان ئامېرىكىغا “تۇيۇقسىز” كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئېدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يەسلىسى قىزىمنى قوبۇل قىلدى. قىزىم گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى بولمىسىمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بەھرىمەن بولىدىغان يارىدەم تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى. قىزىم ئوقۇيدىغان يەسلىدە ئېيىغا نەچچە مىڭ دوللار تۆلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىمۇ، بىزدەك ئىشلىشى ئىجازەتسىز بولغان، مۇكاپاتقا تايىنىپ ياشايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاش شارائىتتا تەربىيەلىنەلەيتتى. يەسلىگە تىزىملاتقىلى بارغاندا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس
بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلقاناللىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ھادىسە خەۋەر قىلىندى ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. رىياسەتچى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياشلىق ئاق تەنلىك بالىلارغا تېرىسىنىڭ ئاق قارىلىقى بويىچە رەتكە تىزىلغان قونچاق رەسىملەرنى كۆرسىتىپ “قايسى بالا ئەسكى (دۆت، ناچار، سەت) ؟ قايسى بالا ياخشى (ئېسىل، ئەقىللىق، چىرايلىق)؟“ دېگەن سۇئاللارنى سورىدى. بالىلار ھىچ ئىككىلەنمەستىن تېرىسى ئەڭ قارا بولغان بالىنى دۆت، ناچار، سەت دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىنى تېرىسىنىڭ قارا بولغانلىقى دېدى. تېرىسى ئەڭ ئاق بولغان بالىنى بولسا ئەقىللىق، ياخشى، چىرايلىق، ئېسىل دەپ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ
بۇ شەھەرگە كۈز كەلدى. ياپيېشىل چاققانغىنە بۇ شەھەر ئالتۇن رەڭگە كىردى. مەن ۋەتەننىڭ كۈز ئايلىرىنى سېغىنىمەن. بىزدە كۈز تولىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ. تويلار قاينايدۇ، دېھقاننىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ پۇل كۆرىدۇ. بىزنىڭ ئۇ توپراقلاردا سودىگەرلەرنىڭ رىسقى دىھقاننىڭ يانچۇقىغا باغلانغان. كادىر خەق بىلەن قىلغان سودىنى بىزنىڭ قەدىمكى ئوردۇكەنتتە « تۈپرۈك بىلەن ئاياق مايلىغاندەك» دەپ تىلغا ئالىدۇ تىجارەتچى تۇغقانلار. يات ئەلدىكى تۇنجى كۈز ماڭا تولىمۇ سۆرۈن تەلەت بىلىنمەكتە. سارغايغان ياپراقلار، يالىڭاچلانغان دەرەخلەر، سۇلغان گۈللەر، ماڭا سارغايغان يۈزلەرنى، ئۈمىتسىز كۆزلەرنى، ماتەملىك سۆزلەرنى ئەسلەتمەكتە. تۇيۇقسىز يادىمغا ئۆتكەن كۈزدە بەيگە مەيدانىدا بىر …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
شەرق داناسى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان » دەيدۇ. ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىملىق خاتالىقنىڭ كۆپىنچە چۈشىنىشكە ۋە ھىسىداشلىققا ئېرىشەلىشىدىكى ئاچقۇچى ئىبرەت ۋە ئىتىراپتۇر. بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق خاتىرلەپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قايتا سادىر بولسا بۇنى ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس، جازالانغىنى جازالانغان. مەنچە رىياللىق ۋە تارىخىنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى ئىبرەتتۇر. ئەگەر رىياللىق ۋە تارىخ خاتالىق ۋە تەجرىبىلەرنى ئىتىراپ قىلغان ئاساستا سەمىميىلىك بىلەن يېزىلمايدىكەن، يەكۈنلەنمەيدىكەن، زىددىيەتنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. زىددىيەتتىن ئىبرەت ئالىدىغان، ماجرادىن تەجرىبە يەكۈنلەيدىغان كىشىلەر بىر خەلقنىڭ ئىلىمدارلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. كىيورى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر
بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا مۇنداق گەپنى كۆرگەندەك قىلغان.« ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە ئۆز يۇرتى بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ، ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئېسىدە كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا (ئەلۋەتتە بۇ كىتاب 90 -يىللارنىڭ بېشىدا چىققان، ھازىر بۇگەپلەرنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى چاك باسمايدۇ)». ئەۋەتتە، بۇ يەردە كىمنىڭ ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى موھىم ئەمەس، موھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە مۇجىمەللىكى، شۇنداقلا ھازىر مەتبۇئاتلارنىڭ مۇشۇلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىدۇر. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جوڭگۇ ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى.خەلقئارا مېدىيەلەر ئۇيغۇرنى مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى
ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بىر پروفېسسۇر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. تۈرك دوستۇم مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا ئۇنىمۇ بىللە چاقىرغانىكەن. ئۇ ئايال ئىسلام تەسەۋۋۇفى، كامىروندىكى بەربەر قەبىلىسىنىڭ تىلى قاتارلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىكەن. يولدىشىمۇ كامىرونلۇق بەربەركەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا تەتقىقاتچىلار قايسى مىللەت ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولسا ئاۋال شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا تىل ئۆگنىشنىڭ تەقەززاسىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ ئاخىرىدا مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار ئامېرىكىدا ھەيرانلىق قوزغىمايدىكەن.
بىز سۆھبەت جەريانىدا ئارىمىزدا نۇرغۇن تېمىلارغا ئورتاق قىزىقىش بارلىقىنى ھېس قىلىشتۇق. گەپ تەسەۋۋۇفنىڭ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
18. ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى
ئامېرىكىدا رامازان بىر كۈندە باشلانمىدى، تۈرك قارداشلىرىمىز جۈمە كۈنى باشلىدى، ئەرەب بۇرادەرلەر شەنبە كۈنى زوھۇرلۇق يەپتۇ. بىز شەنبە كۈنى كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتقا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرۇمىزنى مىھمانغا تەكلىپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تۇنجى كۈنى تۇتالماي قالدۇق. مىھمانلارغا گەپ ئارىلىقىدا بۇنى تىلغا ئېلىۋىدۇق، ئۇلار كۈلۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلارمۇ شەنبە ئەتىگەن مىھماندارلىققا بارىمىز دەپ روزا تۇتالماپتۇ. يېڭى كەلگەن ئېنىمىزنىڭ ئامېرىكىلىق ياتاقدېشى ئەرەبچە ئۆگەنگەنىكەن، ئۆزىنىڭمۇ بىللە روزى تۇتقىسى بارلىقىنى، روزىنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىر يېرىم سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلگەن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟
ئىيۇلدىن باشلاپ تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ئازاپلاردىن تاشقىرى، كۈتۈلمىگەن تەسەللىلەرمۇ مېنى يالغۇز قويمىدى. قاچانلاردىدۇر توردا تونۇشۇپ قالغان تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، تاتارلار، ھىندونۇزىيىلىكلەر تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى، بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بەردى. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياجانلىق ھىكايىسىنى پەقەت يازماي تۇرالمايمەن.
2003- يىللىرىغۇ دەيمەن توردىن مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايالنىڭ قازاقىستاندىن يېڭىلا بېىۋالغان ئىككى ياشلىق قىزى رازىيەگە ئۇيغۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىتىش ئۈچۈن يارىدەم سورايدىغانلىقى يېزىلغان ئېدى. مەن دەرھال خەت يېزىپ يارىدەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. بۇ ئىككەيلەن خېتىمدىن شۇنداق …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا
ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مىللەتبىز، ئۆلۈمگىمۇ چاخچاق ئالغاچ بارىدىغان، يىغلىسىمۇ ئاھاڭغا سېلىپ، قوشاق قاتىدىغان. قېرىنداش تۈركىيە تۈركلىرى ئۇيغۇردىكى بۇ سەنئەت تالانتىنى ھازىرقى سىياسىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ، نامايىشنى قۇشاقتەك رېتىملىق، ئاھاڭدار شۇئارلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىقىرىشىدۇ.. مەنچە قانچە قېتىملىق تارىخىي قىرغىنچىلىق، پىشكەللىك ۋە مەھرۇملۇقلاردىن ئامان قالغان مىللەتنىڭ خاراكتىرىدە بۇنچىلىك ئۆزگىچىلىكنىڭ بولۇشى تاساددىپىلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەن بىلىدىغان تىللاردا ئوت ھەققىدىكى سۆزلەر ئۇيغۇرچىدىكىدىن ھەم ھەم ئاز ھەم رەڭسىز. ھاياتنى ئوتتەك قىزغىنلىقتا سۆيگەن بۇ مىللەت ئاشىقلىق، قەتئىيلىك، جاسارەت، پىداكارلىق، مەردانىلىك، ھالاللىق قاتارلىق خىسلەتلەرنى ئوتقا ئوخشۇتۇپ نۇرلاندۇرۇپ ئۆگەنگەن. ئوت ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىسا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
كىشى باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندا دائىم ئۆزىدە بار بىلەن خەقتە يوقنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ. دەسلەپتە ماڭا يوق بىلىنگىنى موزدۇز. ئامېرىكىدا موزدۇزنىڭ يوقلىقىنى ئايىقىمنىڭ پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەندە بىلدىم. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولغاچ پاشنىسى ئۇپرىمىسا كېرەك. مەن ”چېنىقىشقا ۋاقتىم چىقمىدى“ دەپ چېنىقىمەن دېگەن باھانە بىلەن بىر يىلغا يېقىن دەرسكە مېڭىپ باردىم. بۇ يەردە مەندەك چېنىقىمەن دەپ رەسمىيي كىيىنىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەم يوقكەن. چېنىقماقچى بولغانلار مەخسۇس تەنھەركەت كىيىملىرىنى كېيىپ چىقىدىكەن. نېمىلا دەپ باققىنىم بىلەن موزدۇزسىز بۇ شەھەر مېنى مايماق پاشنىلىق ئاياقلاردا ئىككى يىل ماڭغۇزدى. …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
ئەسلى مەن بۇ ھەقتە « ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز نەدە؟» دېگەن تېمىدا ھىكايەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنى يازماقچىدىم. بىر ئوقۇرمەن بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر يازماي ۋە تەھلىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى. ئامېرىكىقلار باشىقىلارغا باھا بەرگەننى مەنچە يامان كۆرمەيدۇ، ئەمما ئاساسسىز گەپ تاپسىڭىز بالاغا قالىسىز. ئۇلاردا پاكىتسىز، لوگىكىسىز باھا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بىزدىكىدىن سەل ئاز. ( غەيۋەت، مەسخىرە، باتناش دېگەنلەر ئىنسانلارغا ئورتاق، ئامېرىكىدىمۇ جىق، ئەلۋەتتە) . ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى سەمىمىيلىك. كىشىلەرنىڭ ئىزگۈ نىيەت ۋەئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۆرگەندە زوقلىنىش ۋە زوقلانغانلىقىنى ئاجايىپ نەپىس تىللار بىلەن بايان قىلىش ئۇلاردا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
مەن تۈرك خاتىپتىن مۇشۇ مەكتەپتىكى مەسجىدتە بۇرۇن ئىماملىق قىلغان سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ھەققىدە سورۇماقچى ئېدىم، قارىسام مېنىڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇرغانلار ساقلاپ كەتكىدەك شۇڭا تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.
ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپتە تۇرسۇنجان ئىسىملىك سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر ئىمام بولغانىكەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مائارىپ فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەندۇق. بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى 1940-يىللىرىنىڭ ئاخرىدا خوتەندىن سەئۇدىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇ كىشى شۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. ماڭا گېپىنى قىلىپ بەرگۈچى ھازىرقى كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە يۈرگەچكە تۇرسۇنجانغا ئانچە ياقمىغانمىش. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئوغلىنى مۇشۇ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا مەسجىدنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان بولساممۇ ئىككى جۈمەنى قازا قىلىۋەتتىم. بۇ يەردىكى ئىش بېجىرىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلىقىمنى ئېيتماي جۈمە كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەلىۋېرىپتىمەن. كېيىن بۇ ئىشلارنى ماڭا يارىدەملىشىپ چېپىشىپ بېرىۋاتقان جەرى خانىمغا ئېيتقانىمدا ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى ۋە مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى ئوچۇق چۈشەندۈرمىگىنىم ئۇنى تەئەججۈپلەندۈردى. مەن ئوچۇق ئېيتالمايتتىم، چۈنكى جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى بىر باشقۇرغۇچى مەمۇرىي خادىمدىن ئەمەس خىزمەتدېشىمدىنمۇ يوشۇرۇپ ئىككى يىلغا يېقىن يۇرتىمىزدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگەن تۇرسام، قانداقمۇ تۇيۇقسىز بۇ جۈرئەتكە كېلەلەيتتىم؟ ئېىنسان ھەر قانداق موھىتقا كۆنۈپ كېتىدىكەن، مەن …