باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز-مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى

30 ماي 2011 453 قېتىم كۆرۈلدى بىر پارچە ئىنكاس

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن

3. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى

ئامېرىكىغا كېلىپلا چىكاگۇ ئايرۇدۇرۇمىدا دىققىتىمنى تارتقىنى ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆز سومكىلىرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان تۆت بەش ياشلاردىكى بالىلار بولدى. بۇ يەردە ياشاش جەرانىدا ماگىزىنلاردا ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كىيىملىرىنى  ئۆزلىرى تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ زوقلاندىم. بالام كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئويۇن مەيدانىغا چىقسام بالىسىنىڭ سۈتىنى بىر قولىدا، ئويۇنچۇق، كىيىم قاتارلىقلىرىنى يەنە بىر قولىدا كۆتۈرىۋالغىنى يالغۇز مەنكەنمەن. مېنىڭ قىزىمدەك تۆتكە يېقىنلاشقان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى ئويناپ ئۇنتۇپ قالماي ئۆزى يۇغۇشتۇرۇپ ئېلىپ قايتىدىكەن. مەندەك تۆت ياشقا ئازقالغان بالىسىغا قوغۇلاپ يۈرۈپ تاماق يۈگۈزىدىغان ئامېرىكىلىقنى كۆرمىدىم. بۇ يەردە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەندىن ھەيران قالغىنى بالامغا تاماق يۈگۈزۈشۈم بولدى. ئۇلارچە ئىنساننىڭ ھەر قاندىقى قورسىىقى ئاچسا تاماق يەيدىكەن. ئىنساننىڭ تاماق يىيىشى بولۇپمۇ بەدىنى مۇھتاج ماددا بولغان يىمەكلىكنى تەبىئىى خالاپ يىيىشى جانلىقلار دۇنياسىغا خاس تەبىئىي ھادىسكەن. بىزلا ئەمەس خوشنا شىتاتتىكى ئامېرىكلىققا تەگكەن ئۇيغۇر دوستىمىزمۇ بالىسىغا تاماق يىگۈزەلمەي ئاۋارە ئېدى. ئۇ باشقا ئامېرىكلىك ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا تاماق يۈگۈزمەي ئۆزىنىڭ يىيىشىگە تاشلاپ بېرىشىگە ھەيرانكەن. ئامېرىكىلىق ئېرىمۇ ئايالىنىڭ بالىغا تاماق يىگۈزىشىگە  كۆنۈپتۇ. بۇنىڭدىن مەن بالا تەربىيەسىدە ئانىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھىس قىلدىم. بىز مەيلى قەيەردە بولايلى بالىنىڭ مۇستەقىللىقىگە كىچىكىدىن سەل قارايدىكەنمىز. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەرىدە بالا مۇستەقىل ئىنسان ئىكەن. ھەمدە ئۇلار بالىنىڭ كىچىكىدىن مۇستەقىل ئادەم بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

مەن ئامېرىكىلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە ۋە ئاشخانىلاردا بالىلارنىڭ چوڭلار بىلەن تەڭ داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرىدىن زوقلاندىم. ھەرقانداق ئاشخانىلاردا چوڭلارنىڭ ئورۇندۇقى ئۈستىگە قويۇلۇپ بالىلارنى چوڭلار بىلەن تەڭ تاماقلىنىشىغا لايىقلاشۇرۇلغان بالىلار ئورۇندۇقى باركەن. ئامېرىكىلىقلار بالىرىغا گەپ قىلغاندا بالىسى بىلەن تەڭ بولۇش ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۆزىگە تىك قاراپ گەپ قىلىدىكەن ھەم بالىلىرىدىن شۇنداق ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇلاردا بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا بالىلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. بەلكى ئاتا ئانىسىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇشى، قانداق كەيپىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشى شەرت قىلىنىدىكەن. بۇ جەھەتتە بىزدىن ئاسمان زېمىن پەرق قىلىدىكەن. يەنە بۇلاردا ئاتا-ئانىلىرى خاتالاشسا بالسىدىن كەچۈرۈم سورايدىكەن. ئامېركىلىقلار ئائىلىسىدىكىلەرنى تونۇشتۇرغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىرىدىن تارتىپ ئىتلىرىغىچە تونۇشتۇرىدىكەن ۋە سىزنىڭ ھەممەيلەنگە باراۋەر سالام قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىدىكەن. داستىخاندا ساھىپخان ۋە مىھماننىڭ  بالىلىرى چوڭلار بىلەن تەڭ مىھمان بولىدىكەن. داستىخاندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا بالىلار خالىغانچە گەپ قوشىدىكەن. بۇنداق چاغدا بالىلار نېمە دېيىلىشىدىن قەتئى نەزەر چوڭلار بېرىلىپ ئاڭلايدىكەن. بىزدە مىھمان كەلسە بالىلارنى يېقىن يولاتمايدىغان، بالىلارنىڭ مىھماننىڭ گېپىگە ”قوشۇق سېلىش“لىرى قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەت بار. مەنچە بۇ بالىمىزنى خەقلەر بار يەردە ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. كىچىككىنە قىزىمنىڭ ئامېرىكلىق بالىلاردىن بىر پەرقى،  بالام ئادەم كۆپ يەردە ئانىسىنىڭ كەينىگە ياكى مېنىڭ كەينىمگە ئۆتۈۋالىدۇ. بۇنى مەندىن بىر قانچە يىل بۇرۇن كەلگەن باشقا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن سورۇۋېدىم ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭمۇ ئوخشاش خۇيى باركەن. مەنچە ئامېرىكىلىقلاردا پەرزەنتلەرگە ھەممە ئادەم، ھەر ۋاقىت، ھەر يەر، ھەر قانداق شارائىتتا باراۋەر دېگەن ئىددىيە سىڭدۈرىلىدىكەن.

بىر كۈنى خوشنىمىزنىڭ قىزى بالام بىلەن بىللە ئوينىدى. قىزىمدىن بىر ياش چوڭ بۇ قىز قىزىمغا بەك ئامراق ئېدى. لېكىن نېمىشقىكىن بۇ ئامېرىكىدا بالىلار سىرىتقا چىقىپ قوشنا بالىلار بىلەن مەھەللىدە ئوينىمايدىكەن. شۇ كۈنى ئاپىسى قىزىغا  45 مىنۇت ئويناش ۋاقتى بېرىپتۇ. قىزىم ئىككىسى ئويناپ ئۇ 45 مىنۇتنى بىردەمدىلا توشقۇزۇپ قويۇشتى. قىزچاق ئانىسىدن يەنە ئازراق ۋاقىت بېرىشىنى ئۆتۈنىۋىدى، ئانىسى ئاران ئۈچ مىنۇت ۋاقىت بەردى. قىزچاق بىزدىن ئانىسىغا دەپ ئويناشقا ئىجازەت ئېلىپ بېرشىمىزنى ئۆتۈندى. بىز نېمە دېيەلەيتتۇق؟. بىز ئۈن چىقارماي تۇرغاندىن كېيىن قىزچاق بىزدىن رەنجىدى بولغاي، ۋاقىت توشقاندا بىزگە خوشمۇ دېمەي چىقىپ كەتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى بىلەن قىزى ئىشىك ئالدىمزىدا پەيدا بولدى. ئانىسى قىزىنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە ئويناپ بىزگە رەخمەت ئېيتماي چىقىپ كەتكىنى توغرىسىدا بىزدىن كەچۈرۈپ سورىدى ۋە قىزىنىمۇ بىزدىن كەچۈرۈم سورىغۇزدى. ئەگەر بىزدىن كەچۈرۈم سوراشقا قوشۇلمىسا بۇندىن كېيىن پەسكە چۈشۈپ قىزىم بىلەن ئويناشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى دەپ ”تەھدىت“ ساپتۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىدىمكى ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئەركىنلىكنىڭ مەلۇم چەك ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپات بىلەن جازانىڭ بىللە ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ قىممەتلىك، چەكلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى، جاھاندا ياخشىلىقنىڭ چوقۇم مىننەتدارلىققا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى  بىلدۈرۈپ چوڭ قىلىدىكەن.

بىز ئامېرىكىلىق ئائىلىلەرگە مىھمانغا بېرىپ شۇنى بايقىدۇقكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرى مىھمانلارغا بەك يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئامېرىكلىلىقلار ئۆيىڭىزگە كەلسىمۇ بالىڭىزغا پەۋقۇلاددە قىزغىن بولۇپ كەتمەيدىكەن. بەلكى خۇددى سىزگە ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىز ئۆيگە دوستلىرىمىز كەلسە بالىمىزنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە، چالغۇ چېلىپ بېرىشكە، ئىشقىلىپ بالىمىز قادىر بولغان بىرەر ئارتۇقچىلىقنى مىھمانلار ئالدىدا نامايان قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىكەنمىز. سىز ئامېرىكىلىلارنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا بارغاندا بالىسى رەسىم سىزىۋاتقان بولسا ”مەن ئالدىراش“ دېسە بالىسىنى سىز بىلەن كۆرۈرشۈشكە زورلىمايدىكەن. ياكى رەسىمنى ئېلىپ چىقىپ سىزگە كۆرسۈتۈشنى تەلەپ قىلمايدىكەن. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ”ئۆزلۈك ۋە كىملىك“ ناملىق كىتابىدا ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كەلگەن ئىككى شىۋىتقا ساھىپخاننىڭ قىزى ئۇسسۇل ئويناپ بەرسە ئۇلارنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقى، بۇنىڭدىن قىزىنىڭ يىغلاپ كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. ئەسئەت مۇئەللىم بۇنى شىۋىتلارنىڭ سوغۇققانىغا باغلايدۇ ۋە بۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋىتلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پىسخىكا پەرقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مەنچە بۇ يەدە ئۇقۇشماسلىقلا بولغان خالاس. چۈنكى مىھماندىن سورالماي، تۇيۇقسىزلا نومۇر كۆرسىتىلسە، ئەزەلدىن مۇنداق مىھمانغا ساھىپخان پەرزەنتلىرىنىڭ تەكلىپسىز ئويۇن كۆرسىتىشىنى كۆرۈپ باقمىغان غەرپلىكلەر ھەيران قالىدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق پەرق پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئۇسسۇل. بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختاپ، باشقىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق پەرزەنتىمىزنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايمىز. بالىمىزدىكى ئاكتىپچانلىق نەتىجىدە باشقىلارنىڭ باھاسىغىلا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ باھاسىدىن چۈشۈپ كەتسە، ياكى قىلغانلىرى باھاسىز قالسا بالىمىز ئاكتىپلىىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەردىكى باشلىق بولالمىسا خىزمەت قىلغىسى كەلمەيدىغان، قىلغان ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق، تۆرگە ئولتۇرۇشقا خۇشتار، ئۆيىدە بالىسىغا سۆڭەك يوق، مىھمانغا شورپا بېرىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرقىسمى دەل ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن نەتىجىسىنى خەقلەرنىڭ باھاسىدىن ئىزدەيدىغان تەربىيەدە چوڭ بولغىنىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىسىنى مىھمانلار ئالدىدا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشكى تەكلىپ قىلماسلىقى بالىلارغا ئاكتىپلىقنى باشقىلارنىڭ باھاسىدىن ئەمەس ئۆز قىزىقىشىدىن ۋە شۇ قىزىقىشنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسە قولغا كەلگەن ئۇتۇقتىن ئىزدەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. مەسىلەن، مەن بالام رەسىم سىزسا ياخشى سىزسۇن سىزالمىسۇن مۇنداق قاراپلا ”ياخشى سىزىپسىز، سىز بەك ئەقىللىق“ دەيدىكەنمەن. بالام شۇنىڭ بىلەن ”پەللىگە يەتتىم، مەن ئەقىللىق “ دەپ قاراپ سىزىشتىن توختايدىكەن، ياكى شۇ تەرىزدە سىزىشنى داۋام قىدىكەن. ”ياخشى سىزىپسىز “ دېسەم شۇنچە ھاياجانلانغان بالام، يەنە بىرسى قوپۇپ ”بۇ بولماپتۇ،“ دېسە يەنە شۇنچە ئاسان بەل قويۇۋېتىدىكەن. مەن كۆزەتكەن ئامېرىكىلىقلار بالىسىنىڭ رەسىمىگە ئىنچىكىلەپ  قاراپ چىقىپ ئەگەر ياخشى سىزالمىغان بولسا ”مەن سېنىڭ بۇ رەسىمىڭگە ئامراق ئامراق“ دەيدىكەن ۋە ”ئەگەر بۇ سىزىقنى مۇنداقراق تارتساڭ، ئۈنىمى ئاجايىپ ياخشى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، سىناپ باقامسەن؟“ دەيدىكەن. نەتىجىدە كېيىن ناۋادا بىرسى رەسىمنى ”سىزالماپسەن“ دېسە ئۈمىتسىزلىنىش ئورنىغا ”قايسى سىزىقنى تارتالماپتىمەن؟“ دەپ سورايدىكەن-دە قۇرۇق ئۈمىدلىنىپ، سەۋەپسىز ئۈمىدسىزلىنىشتىن ساقلىنالايدىكەن. مەن قىزىمنى سەمىمىيەتسىزلەرچە ماختايدىكەنمەن، ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنىڭ ئەمگىكىگە تەپسىلى كۆرۈپ باھا بېرىدىكەن ۋە رىغبەتلەندۈرىدىكەن.

يەنە بىر بايقىغىنىم ئايالىم ئىككىمىز قىزىمىز تاماق يېمىسە“ سەئىدە ئاچاڭ(قەشقەردىكى نەۋرە ئاچىسى) تاماق يىيەلمەيدىكەن، شۇڭا تېلىپۇندا ساڭا گەپمۇ قىلالماس بولۇپ قاپتۇ. سەن دېگەن تاما يىيەلەيسەن شۇڭا تېلپۇندا چوڭ ئاناڭ بىلەن سۆزلىشەلىدىڭ“، دەيدىكەنمىز. قىزىمىز قوپقىلى ئۇنىمىسا ”تىيىنلارمۇ تۇرۇپتۇ، قۇچشقاچلارمۇ تۇرۇپتۇ، پەقەت سەنلا ئۇخلاپ قاپسەن“ دەيدىكەنمىز. ماڭغىلى ئۇنىمسا ”قېنى قىزىم كىم يامان بىر بەسلىشىپ باقمايمىزمۇ“ دەپ ئاستا مېڭىپ يالغاندىن ئۇتۇلۇپ بېرىپ ئالدايدىكەنمىز. ئىشقىلىپ بالىمىز بىلەن ئۆزىمزىنى، يىراقتىكى قېرىنداشلىرىنى ھەتتا قۇرۇق قوڭغۇزلارنىمۇ سېلىشتۇرۇپ بولىدىكەنمىز.  نەتىجىدە بالىمىزنىڭ مەقسىدى پەقەت سېلىشتۇرۇش ئوبىكتىنىلا يېڭىشتە قېلىپ تويغىنىنى بىلمەي تاماق يەيدىكەن، ھارغىنىنى بىلمەي يۈگرەيدىكەن. بىز قىزىمىزدىكى ئاكتىپىقنىڭ مەنبەسىنى خەقنىڭ باھاسى، قۇرۇق ماختاشقا باغلاپ قويغاننى ئاز دەپ باشقىلاردىن ئۈستۈ تۇرۇشقىلا باغلاپ قويىدىكەنمىز. مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرىنى بۇنداق دەپ رىغبەتلەندۈرگىنى كۆرمىدىم. قىزىق يېرى، مەن بىلەن بىر قارار ئوقۇيدىغان بىر خەنسۇ، بىر كورىيان بار قالغانلىرى ئامېركىلىقلار. بىللە دەرس ئاڭلاپ قالساق كورىيەلىك بىلەن خەنسۇلا قەغىزىمنى كۆرىدۇ ياكى نەتىجەمنى سورايدۇ. ئەگەر ئۇلار قەغىزىمنى قەغىزى بىلەن قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ كەتسە ”ھە قارىغاندا سەندىن يۇقۇرى ئاپتىمەن“ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر گەپ قىلماي كۈلۈپ قويسا ”تۆۋەن ئاپتىمەن“ دەپ ئويلايمەن. قارىغاندا كورىيانلار ۋە خەنلەرمۇ بالىلىرىنى كىچىكىدىن بىزدەك ھەممە ئىشتا باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ چوڭ قىلسا كىرەك. مەن مۇشۇ كۈگىچە نومۇرۇمنى سورىغان، ياكى قەغىزىنى مېنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغان بىرمۇ ئامېرىكلىقنى كۆرمىدىم.

داۋامى: 4. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى
بېشى: 2. ”مەن قەشقەرلىك“


بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى

بىر ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..