باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز- ”مەن قەشقەرلىك“

28 ماي 2011 685 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن

2. ”مەن قەشقەرلىك“

قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كۆپرەك كۆرگىنى بىر ئۇيغۇرىمىز بولدى. ئۇياقنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجىلىق تارانچىلاردىن بولسىمۇ چاخچاقنى يېرىم كۈندىن كېيىن چۈشىنىپ بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە رەنجىپ قالاتتى. ئۆزى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغىنىغا قارىماي ”بىز غۇلجۇلۇقلار“ دەپ سۆزلەپ قوياتتى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايىسى ۋىلايەتلىرىدىكى تارماقلىرىدا بىر خىسلەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەنچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىكى خىسلەت يۈكسەك غۇرۇر، قورقۇمسىزلىق ۋە ئوچۇق خاراكتىر. بولۇپمۇ مەن بۇ تارماق ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئورۇن، مەرتىۋە ۋە ھوقۇق سۈرۈشتۈرمەي مەسخىرە قىلالايدىغان ئەركەكلىكىدىن سۆيۈنەتتىم. شۇ سەۋەپتىن يېقىن ئەتراپتىكى بىر دىنبىر ئۇيغۇرۇم بولغان بۇ خانىمنىڭ ئۇيغۇردىكى جىمى تارىخى ۋە رىيال پىشكەللىكنىڭ مەنبەسىنى قەشقەرلىككە دۆڭگەپ چاخچاق قىلىشلىرىغا كۈلكە، چاخچاق بىلەن جاۋاپ قايتتۇراتتىم. مېنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ”مەن ئۈرۈمچىلىك“ دېيەلمەسلىكى ئېدى. مەندىن ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچۇلۇرۇم تولا يۇرتۇمنى سورايتتى. كىشىلەرنىڭ گېپىگە دىققەت قىلسام، ئۇيغۇردىن بىر كىشىنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە ھەممەيلەن ئۇنىڭ يۇرتىنى بىلىشكە ئالدىرايتتى. ھەتتا زىيالىلار ئارىسىدا بىر مەشھۇرنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە يىللاپ مۇنازىرە قاينايتتى. شۇ تالىشىۋاتقانلاردىن ”شۇ مەشھۇرنىڭ ساڭا نەپ بەرگەن بىر ئېغىز گېپىنى دەپ  باقسىنا“ دېسىڭىز تىرناق تاتىلايتتى. مەن مۇشۇنداق پۈچەك تۇيغۇلاردىن قىزىمنى يىراق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنى پەقەت ئۇيغۇر دەپ بىلىشنىلا ئارزۇ قىلاتتىم. مەن قىزىمنى ئۇيغۇرلۇقنى تەبىئىي رەۋىشتە  ھىس قىلسىكەن دەپ تىلەيتتىم. كاج تەلەي قىزىم ھېلىقى پاجىيەدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ۋاقىتىسز ئەمما ۋەھىمە ئىچىدە ھىس قىلدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ تولا جۆيلۈپ “ ئاپا قاچاييى(قاچايلى)، xx لار كەيدى(كەلدى)“ دەپ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىشلىرىدىن ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئازابىنى تەڭ تارتتىم. يېڭى كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى تۇنجى قېتىم ئاپتۇبوس بىلەن ئويناتقىلى ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ بىكەتكە كەلدىم. ئاپتوبۇس كېلىپ توختىشىغا قولۇمغا چىڭ ئېسىلىۋالغان قىزىم يىغلاپ ئاپتۇبۇسقا چىققىلى ئۇنىمىدى. ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاپتوبۇسقا چىقىرالمىدىم. ئۆيگە قايتىپ ئايالىمدىن سەۋەبىنى ئوقتۇم ۋە ئۆزەممۇ يىغلاپ كەتتىم. مەن سىياسىي ئەۋزەللىكنىڭ ۋە ئىختىسادىي مەنپەئەتنىڭ قوغۇدۇغۇچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مىللەتچىلىككە نەپرەتلىنىمەن. مەن قىزىمنىڭ بىر ئىنسان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرلۇقنى مۇئاۋىن شۇجى بولۇش ئۈچۈنلا كېرەك قىلسا مەن ئۇنىڭ شۇ ئۇيغۇرلىقىدىنمۇ نەپرەتىلىنىمەن.

قىزىمدىن كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سورۇدۇم،

-تاتلىقىم سىز قايسى مىللەتتىن؟

-ئۇيغۇي.

سىز قايسى يۇرتتىن، يۇرتىڭىز نېمە؟

-         ھە…

-         ئاي بالام سىز نەدىن كەلدىڭىز؟

-         گۈل ئانامنىڭ قېشىدىن.

دېمەك، ئايدىڭ بولدىكى، قىزىم يۇرت دېگەن گەپنىڭ مەنسىنى تېخى بىلمەيدىكەن. بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار يۇرتىنى بىلىپ مىللىتىنى بىلمەيتتى، ئۈچ ياش توقۇز ئايلىق قىزىم بۇنىڭ ئەكچىسە مىللىتىنى بىلىپ يۇرتىنى بىلمەيدىكەن. روسلار تەرىپىدىن ئورتا ئاسىيانىڭ يېڭى خەرىتىسى سىزىلىشتىن بۇرۇن  ئۇيغۇرلار ئۆزىنى تۈرك دېگەن ۋە بەزىدە يۇرتلار بويىچە ئايرىپ كەلگەن، تىلىنى بولسا تۈركچە دەپلا ئاتىغان. تىلنى تۈركچە دېيىش پەقەت تىل يېزىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان موللا ئۆلىمالاردا ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىدىغانلاردا ساقلانغان. مانا بۈگۈن يېڭى تارىخ يېزىلماقتا، ئۇيغۇر بالىلىرى يۇرتىدىن بۇرۇن مىللىتىنى بىلمەكتە ئېدى. ئارىدىن ئىككى ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قىزىمدىن يەنە سورۇدۇم. چۈنكى مەن مېنى تولا قەشقەرلىق دەپ مازاق قىلىدىغان ”غۇلجۇلۇق“ قېرىندىشىمنىڭ قىزىمنىڭ كىملىك چۈشەنچىسىگە قانچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى بىلمەكچى ئېدىم. قىزىم بۇ قېتىم ”مەن قەشقەرلىكتىن كەلگەن“ دېدى. پىسخىك تىلشۇناسلىقتا قوشۇمچە بىلەن سۆز مىڭىدە ئىككى يەردە ساقلىنامدۇ ياكى بىر يەردىمۇ دېگەن مۇنازىدە بولىدىغان.  قىزىمنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا سۆزلەر قىزىمنىڭ مىڭىسىدە قوشۇمچە قوشۇلغان شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. يەنە بىر ھەپتە ئۆتكۈزۈپ سورۇدۇم. قىزىم بۇ قېتىم ”مەن قەشقەردىن كەلگەن، مەن قەشقەرلىك“ دېدى. قارىغاندا ئىنسان سوزنى ئاۋۋال قوشۇمچىدىن ئايرىماي ئۆزلەشتۈرېۋىلىپ ئاندىن ئايرىپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالسا كېرەك. شۇنداق قىلىپ قىزىم قەشقەرگە يېقىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، قەشقەردىن نەچچە ئون مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى ئامېرىكىدا قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالدى. بۇ ھىكايەت ئائىلە تەربىيىسى بەك موھىم، دەپ ھەدىسە ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسى، بۇنىڭ تالانتلىق بالا تەربىيەلەش دەستۇرى دېگەن كىتابلىرىغا دۈم چۈشۈشلەرگە سالقىن قارىشىمىزنى ئەسكەرتىدۇ. بالىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قانداق تونۇشى، نېمىنى سۆيۈپ، نېمىدىن نەپرەتلىنىشى يالغۇز بىزنىڭ تەسىرىمىزدىنلا بولمايدىكەن. مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك، ئائىلىدە بىز ھىچ قاچان ”قىزىم سەن قەشقەرلىك“ دەپ تەربىيە قىلمىغان. قوشنام دائىم مېنى ۋە يېڭى كەلگەن قىزىمنى ”قەشقەرلىك ئۇنداق قىلىدىكەن“، ”قەشقەرلىك بۇنداق دەيدىكەن“، ”قەشقەرلىكنىڭ بالىسى دېگەن زادى ئۇندا، مۇنداق“ دەۋەرگەندىن كېيىن قىزىم ئۆزىنى ”قەشقەرلىك“ دەپ بىلىۋاپتۇ. تاشقى موھىتنىڭ بالىلارنىڭ كىملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا يەنە بىر مىسال. قىزىم بىر كۈنى ”مەن ئۇسسۇل ئۆگىنىمەن“ دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۇۋالدى. سەۋەبىنى سورۇسام، بىر خەنسۇ خوشنىمىز ئۇنى ”ئۇسسۇل ئويناپ بەر“ دەپ تۇرۇۋاپتۇ. قىزىم ”ئوينىيالمايمەن“ دېسە، ”ئۇيغۇر بالىلىرى دېگەن ئايىقى چىققاندىلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ“ دېگەنمىش. شۇ ئان كاللامغا يالقۇن روزىنىڭ ”بىز قانداق بولۇپ ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قالدۇق؟“ دېگەن ماقالىسى كەلدى. جاۋاپ تولىمۇ ئاددىي، سەھنىدە بەختىيارلىقتىن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان رەڭگارەڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنى تولا كۆرۈپ كۆنگەن خەنسۇلارنىڭ بىرى بولغان قوشنامنىڭ ئۇيغۇرغا بەرگەن باھاسى قىزىمنىڭ ئۇسسۇل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتاتتى. مەن ئىچكىرىدە ئاتا-ئانىسى خەنزۇۋان بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى پەقەت سۆزلىيەلمەيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرگەن. قىزىق يېرى ئۇلار ئۇيغۇرچە بىلمىگەن بىلەن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالايتتى، سەۋەبىنى سورۇسام خەنسۇ ساۋاقداشلىرى تولا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا ئويناشنى ئۆگەنگەنىكەن. دېمەك بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى كىملىكىمىزگە ئەمەس باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى كىملىكىمىزگە قاراپ سىلجىۋېتىپتىمىز. بۇنى ئەلۋەتتە بىزگە موھىت سىڭدۈرېۋېتىپتۇ. ئائىلە تەربىيىسى موھىم، ھەممە ئادەم ئىشنى ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىشى كېرەك دېگەندەك گەپلەرگە مەلۇم جەھەتلەردە ئارىمزىدىكى ”ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي“ دېگەن بىخەتەر جان بېقىش پەلەسەپىسى يوشۇرۇنغان. بالىمىزنىڭ ئادىمىيلىكىنى بىز ئائىلىمىزدىلا قۇرۇپ چىقالمايمىز. ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى بالىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ئەڭ ئاجىز. شۇڭا مەنچە ئىشىمىزنى ئائىلىمىزدىنلا ئەمەس مەھەللىمىزدىن باشلىغىنىمىز ئەۋزەل. مەسىلەن، بالىمىزنى ئۇيغۇرچە چوڭ بولسۇن دېسەك مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تۈرلۈك پائالىيەلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز لازىم. مەنچە مەھەللە چېيى، قورۇ چېيى ئويناۋاتقان ئاتا ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئىتوت ھەپتىسى، ئۇيغۇرچە بالىلار درامما ھەپتىسى، ئۇيغۇرچە چۆچەك ھەپتىسى، پۇتبول ھەپتىسى ئۇيۇشتۇرسا تامامەن بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئارامغا چىققان بوۋايلار، مومايلار پىداكار بولۇشنى خالايدۇ. قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئارامغا چىققان دادامنىڭ ئەڭ كۆپ تاپىلايدىغان گېپى قىزىمنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى جىكىلەش بولدى. دادام ھەر قېتىم قىزىمنىڭ يېنىمدا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسا دىلى يايراپ ھاياجاندىن ئاۋازلىرى تىتىرەپ كېتىدۇ. مەنچە بۇنداق ئۇيغۇر بوۋايلا ئاز ئەمەس. مەن بالامنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئۆزگىرىش جەيانىنى ۋە دادامنىڭ قىزىم بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشنى شۇنچە كۈچلۈك تەلەپ قىلىشلىرىنى يېزىش ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ بالىمىزنىڭ كاللىسىغا ئورناۋاتقان تۇيغۇلارغا دىققەت قىلىشىنى ۋە بوۋا-مومىلارنىڭ ئۇلاردىن ئەنسىرەشلىرىگە ھەمدەمدە بولۇشلىرىنى ئارمان قىلىمەن.

داۋامى: 3. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
بېشى: 1. ئامېرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت

بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى

2 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..