Articles in the چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم Category
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

ئامرىكىدىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۇش زەھەردەك قىممەت. شۇڭا ھۈكۈمەت ھەممە ئادەمنى سۇغۇرتىغا قاتنىىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. خىزمىتى بارلارنىڭكىنى خىزمەت ئورنى ئېلىپ بىرىشى كىرەك. ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم داۋالنىش سۇغۇرتىسى بۇلۇشى كىرەك ( پۈتۈن ئامرىكىدا شۇنداقمۇ ئۇخمىدىم). ھىچ يەردە ئىشلىمەيدىغانلار ئۆزى ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئامرىكىدا بىر قىسىم نامراتلارنىڭ سوغۇرتىسى يوق. سوغۇرتىسى يوقلار كىچىدە جىددى قۇتقۇزۇشقا بارارمىش، جىددى قۇتقۇزۇشقا بارسا ھەقسىزمىش. ئۇندىن كىيىن تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ھۈكۈمەت تىزىملىغان نامراتلار، خىزمىتى بار بولسىمۇ بالىس جىق نامراتلار دىگەندەك بۇلار داۋالىنىپ بولغاندىن كىيىن ھۆكۈمەت كۈتۈرەرمىش،
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

بۇ يەردە ھازىرغىچە كوچىدا يا مەكتەپتە سوقۇشۇپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئادەتتىكى گەپ تالىشىپ ئورۇشۇپ قالىدىغانلار يوق دىيەرلىك. سوقۇشىدىغانلار ياكى ئېىتىشپ كىتىدىغانلار ئاساسەن قار جەميەت كۈرۈنۇشى بارلار، بىر بىرى بىلەن مەنپەئەت ئىشلىرى بىلەن ئېتىشارمىش. ئۇندىن باشقا جەميەتكە نارازىلىق ئىشلىرى بىلەن قورالنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باشقىلارنى ئېتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ بەزىدە خەۋەردە كۆرۈپ قالىمىز. مەسىلەن ۋىرگىنيەدىكى قاتىللىق. مەن تۇرۋاتقان يەردە ئۆتكەن يىلى بىرسى چىركاۋغا كىرىپ بىر مۇنچە ئادەمنى ئېتىۋىتىپتىكەن. ئۈزىمۇ شۇ چىركاۋغا بارىدىغاندىن ئىكەندۇق. بۇ يەردە كىچىك جىدەللەر، سوقۇشلار ئاز چىقىدىكەن. ئادەم بەك جىق كىرىدىغان كۇلۇبلاردا بەزىدە سوقۇشلار بۇلىدىكەن، خەۋەرلەردە كۆرۈپ قالىمەن
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

مەن تۇرۋاتقان بۇ يەر كىچىكلا مەخسۇس مۇشۇ ئۇنۋېرسىتىت ئۈچۈن قۇرۇلغان شەھەر، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 28 مىڭ ئەتراپىدا، جەمئى نۇپۇس 35 مىڭ ئەتراپىدا. بىر قەدەر بىخەتەر. بۇ يەردە ئىككەيلەن كۆپ ئىچىۋىلىپ مۇشتلاشسىمۇ ئەتىسى گىزىتكە چىقىىپ قالىدۇ. ئىككى يىل بولدى ئۆيگە قۇلۇپ سېلىپ باقمىدۇق، بۇرۇنقى ياتقان ئۆينىڭ بىرلا ئاچقۇچى باركەن، ئاچقۇ ياسايدىغان يەرگە بېرىپ ( بىز تۇرۋاتقان يەردە ياسايدىغان يەر يوققەن، قوشنا شەھەردە بار، 20 مىنۇت ماشىنا ھەيدەيمىز) ياسىتىپ كىلىش خوشياقماي قۇلۇپ سالمايتتۇق، ھازىر ياتقان ئۈينىڭ ئاچقۇچىنى ياتاقدىشىم بىلەن ئىككىلىمىز ئۈيگە كىرىپ بىر ھەپتىگىچە يۈتۈرۋەتتۇق. شۇڭا شۇنىڭدىن كيىن ئۈينى تاقىمىدۇق ( كۆچۈپ كىرگىلى بىر يېرىم يىل بولدى) . مىنىڭ يەنە بىر ۋېلىسىپتىم بار،
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

1) 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا ”فامىلە“ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش بولدى. ”بەكتۇر“ فامىلىسى ئاڭلىغۇچىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆيۈملۈك فامىلە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىنى بۇ فامىلە توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق تاپتىم. سىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا ”بەكتۇر“ قانداق رول ئوينىدى؟
جاۋاب: بۇ فامىلىنى دادام تېپىپ قوللىنىشنى قارار قىلغان. مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىسمى ئەمەس. ئەگەر، بىر ئىشنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ۋە ئاشۇ ياخشى كۆرگەن ئىشىنى نىشانلاپ توختىماي تىرىشسا، ھەرقانداق ئادام غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە ئىسمى “بوشتۇر” بولسىمۇ، غەلىبە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ فامىلىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ فامىلە نامىنى مەن ئەمەس، دادام تاللىغان. مېنىڭچە بىراۋ ئۈچۈن جەزبىدارلىققا ئىگە بولغان فامىلىنى تاللاش ۋە تاللىماسلىقنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ فامىلىسىگە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن مەن فامىلە قوللانغاننى ياخشى ئىشكەن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىز ئەجدادلىرىڭىزنى يەنى يىلتىزىڭىزنى ئېنىق تونۇيسىز.
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

بىز ۋەتەن ئىچىدە ئامېرىكىنى خۇددى ھەممىلا نەرسىسى بىزنىڭكىدىن ياخشىدەك، ئىلغاردەك ئويلاپ قالىمىز. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن. مەسىلەن تېلېگراف ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، بۇ ساھەدە تېخى بىز بەزى ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگىكەنمىز. مەسىلەن بۇ يەردىمۇ قول تېلېفوننى بىكار بېرىۋەتمەيدىكەن،خۇددى بىزنىڭكىگە ئوخشاش بىكارلىق بېرىشنىڭمۇ شەرتى بولىدىكەن. مەسىلەن مانچە يىللىق ئىشلىتىسەن دەپ توختام بولىدىكەن، يەنى ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە چوقۇم ھەر ئايدا مانچە دوللارلىق سۆزلىششى شەرتى بولىدىكەن. لېكىن بەك ياخشى تېلېفونلارنىمۇ بۇنداق ئاسانلا بەرمەيدىكەن. مەلۇم شەرىت قويغاننىڭ سىرتىدە يەنە باھاسى باركەن. توختام مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ئابۇنتلار تېلېفوننى توختىتىشنى
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

”ئامېرىكا بىر ئەركىن دۆلەت، كىشىگە ھېچقانداق چەكلىمە يوق. بولۇپمۇ ھاراق، تاماكا، ۋە باشقا بۇزۇقچلىقلارنىڭ ماكانى. “ مانا بۇ بىزنىڭ كىنولاردىن ئالغان تەسىراتىمىز . لېكىن ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىىكەن. بولۇپمۇ ھاراق، تاماكىغا بولغان كونتروللۇقى بەك قاتتىق بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ قاتتىقلىقىغا قاراپ، ”دۆلىتىمىزدە ھاراق، تاماكىغا چەكلىمە يوق ئىكەن، بۇ جەھەتتە جۇڭگودىن ئەركىن دۆلەت يوق ئىكەن“ دېگەن قاراشقا كەپ قالىدىكەن كىشى. گەرچە دۆلىتىمىزدە قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا ساتماسلىق، ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە قانۇن، بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز، نازارەتمۇ يوق دېيەرلىك.
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
بۇلار ناھايىتى ئەركىن ئىكەن. مەن دەسلەپتە كەلگەندە ناھايىتى كىچىك ئىشلارغىمۇ بەكلا دىققەت قىلدىم، تاماق يېيىشىتىن تارتىپ يول مېڭىشقىچە ئۆزۈمنى سالاپەتلىك تۇتۇشقا تىرىشتىم،بىرەر ئىشنى خاتا قىپ قويماي دەپ ھەممە ھەرىكىتىم، گەپ سۈزۈمگە دىققەت قىلدىم. لېكىن بۇلار ئۇنداق ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە ئەمەس ئىكەن. ئۆينىڭ ئالدىدا بىر باغچا بار ئىدى، باغچا گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ ئادەم ئىنتايىن كۆپ ئىدى، قارىسام باغچىغا كىرىدىغان ھېچ بىر يول كۆرمىدىم، چىملىققا دەسسەشنى لايىق كۆرمىدىم ، بىز چىملىققا دەسسەشنى ئېغىر ئالىمىز. كىيىن قارىسام ئەسلى بۇ چىملقتا مەخسۇس ماڭىدىغان يول يوق ئىكەن. قەيەردىن كىرىپ قاندا ماڭسىڭىز بۇلىدىكەن. ئاخىرى مەنمۇ دەسسەپ كىرىۋەردىم. بۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ دەسسەشكە تىگىشلىك
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

بۇ ئايرۇدۇرۇمدىم چىقىپ دەممۇ ئالماي يەنە بىر ئايرۇپىلانغا ئولتۇردۇم.چۇنكى مىنىڭ بارىدىغان يېرىم يەنە بۇ يەردىن 40 مىنوتلۇق ئايرۇپىلاندا بارىدىغان يەردە ئىدى. يىڭى ئايرۇپىلانغا چىققاندىن كىيىن بىر دەمدىلا نىشانغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا يەرلىك ۋاقىت چۇشتىن بۇرۇن سائەت 11 بۇلغانىدى. بۇ يەرنىڭ ئايرۇدۇرۇمى بەك كىچىككەن. ئايرۇدۇرۇمدىم چىقسام جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئالدىمغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بلەن قىزغىن كۈرۈشكەندىن كىيىن مەن ئۈچۈن بىر نەچچە كۈنلۈك تۇرىدىغان يەر تەمىنلەپ بەرمەكچى بۇلغان يەنە بىر جۇڭگۇلۇقنىڭ ئۈيىگە ئەكىلىپ قويۇپ كىتىپ قالدى. مەن تېخى بۇ يەردە تۇرىدىغان يەرنى ئالاقىلىشپ بۇلالمىغاچقا كىلىشتىن بۇرۇن تۇرىدىغان يەر
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئامرىكىغا ماڭىدىغان بۇلدۇم. شۇ كۈنلەردە بىر تۇرۇپ ئۈزەمگىمۇ ئشەنگۈم كەلمەيتتى. ئالى مەكتەپتە رەسمى كەسىپ ئۈگىنىشكە چۈشۈپ ئەتراپىمدىكى پۈتتۇرۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانچە مۇنچە ئامرىكىغا ماڭغانلىغىنى كۈرۈپ كۈڭلۈم بىر قىسما بوپ قالاتتى.ئو چاغلاردا تېخى ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنى ئەمدى ئۈگىنىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. بىر يەرلەردىن شۇندا تەسلىكتە ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تور ئادىرسىنى تېپىپ ئەمدىلا ئېغىزىم چىقىشقا باشلىغان ئىنگىلىس تىلى بىلەن ھېجىلاپ ئوقۇپ قارىسام ئامرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى بەك قىممەتكەن. تۇت يىل ئوقۇش پۇلى خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا بىر مىليۇندىن ئېشىپ كىتىدىكەن. لېكىن ئەتراپىمدىكى تونۇش كونا بالىلار يەنىلا ”ئامرىكىغا كىلەر ئايدا ماڭىمەن“ دەپ