Articles in the چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم Category
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
كىشى باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندا دائىم ئۆزىدە بار بىلەن خەقتە يوقنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ. دەسلەپتە ماڭا يوق بىلىنگىنى موزدۇز. ئامېرىكىدا موزدۇزنىڭ يوقلىقىنى ئايىقىمنىڭ پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەندە بىلدىم. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولغاچ پاشنىسى ئۇپرىمىسا كېرەك. مەن ”چېنىقىشقا ۋاقتىم چىقمىدى“ دەپ چېنىقىمەن دېگەن باھانە بىلەن بىر يىلغا يېقىن دەرسكە مېڭىپ باردىم. بۇ يەردە مەندەك چېنىقىمەن دەپ رەسمىيي كىيىنىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەم يوقكەن. چېنىقماقچى بولغانلار مەخسۇس تەنھەركەت كىيىملىرىنى كېيىپ چىقىدىكەن. نېمىلا دەپ باققىنىم بىلەن موزدۇزسىز بۇ شەھەر مېنى مايماق پاشنىلىق ئاياقلاردا ئىككى يىل ماڭغۇزدى. …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
مەن تۈرك خاتىپتىن مۇشۇ مەكتەپتىكى مەسجىدتە بۇرۇن ئىماملىق قىلغان سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ھەققىدە سورۇماقچى ئېدىم، قارىسام مېنىڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇرغانلار ساقلاپ كەتكىدەك شۇڭا تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.
ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپتە تۇرسۇنجان ئىسىملىك سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر ئىمام بولغانىكەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مائارىپ فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەندۇق. بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى 1940-يىللىرىنىڭ ئاخرىدا خوتەندىن سەئۇدىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇ كىشى شۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. ماڭا گېپىنى قىلىپ بەرگۈچى ھازىرقى كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە يۈرگەچكە تۇرسۇنجانغا ئانچە ياقمىغانمىش. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئوغلىنى مۇشۇ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا مەسجىدنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان بولساممۇ ئىككى جۈمەنى قازا قىلىۋەتتىم. بۇ يەردىكى ئىش بېجىرىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلىقىمنى ئېيتماي جۈمە كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەلىۋېرىپتىمەن. كېيىن بۇ ئىشلارنى ماڭا يارىدەملىشىپ چېپىشىپ بېرىۋاتقان جەرى خانىمغا ئېيتقانىمدا ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى ۋە مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى ئوچۇق چۈشەندۈرمىگىنىم ئۇنى تەئەججۈپلەندۈردى. مەن ئوچۇق ئېيتالمايتتىم، چۈنكى جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى بىر باشقۇرغۇچى مەمۇرىي خادىمدىن ئەمەس خىزمەتدېشىمدىنمۇ يوشۇرۇپ ئىككى يىلغا يېقىن يۇرتىمىزدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگەن تۇرسام، قانداقمۇ تۇيۇقسىز بۇ جۈرئەتكە كېلەلەيتتىم؟ ئېىنسان ھەر قانداق موھىتقا كۆنۈپ كېتىدىكەن، مەن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
10. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم
زىيالىينىڭ جەمئىيەتتىكى روللىرىنىڭ بىرى دۇنيادىكى يېڭى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى نۇتۇق ۋە يازما ئارقىلىق ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ مەزكۇر جەمئىيەت ئەھلىنىڭ تەپەككۇرىغا ئاراچ يارىتىشتۇر. بىز بۇ يەردە ئاراچ دېگەندە تىلنىڭ تەپەككۇر جەريانىدىكى پىكىر قىلغۇچى بىلەن پىكىر ئوبىكتى ئوتتۇرىسىدكى ۋاستىچىلىق رولىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە مەيداندا تۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي يۈزلىنىش ۋە ئىددىيىۋىيي ئېقىملارنى چۈشەندۈرۈپ، خۇلاسىلەپ، تۇرىدىغان زىيالىلىرىمىز بولمىغاندا خەقلەرنىڭ ئاشقازىنى شاما قىلىۋەتكەن ئەبجەش قاراشلارنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق جاھاننىڭ ئىشلىرىنى چۈشىنىدىغان بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. دۇنيانى بىۋاستە ئۇيغۇرچە چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دائىم يېڭى سۆز ئاتالغۇلارنى پەيدا قىلىشقا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
ئاخشامى تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىمدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ ئولتۇرسام ئىشىك بوش چېكىلدى. چىقىپ قارىسام، ئىككى ئۇيغۇر ئايال ۋە بىر ئون ئىككى ياشلار چامىسىدىكى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. دەقىقە ئىچىدە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە كېلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار مېنى سىرىتتا پاراڭلىشىقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى مۇشۇ مەكتەبتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەن يەنە بىرى لاۋرېنستىن ئۈچ سائەت يىراقتىكى بىر شەھەردە ياشايدىكەن، قىزچاق ھېلىقى ئۈچ سائەتلىك شەھەردىن كەلگەن خانىمنىڭ قىزىكەن، ئانىسى ئۇ قىزنى ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىۋېدى، شۇنداق …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
8. سالام، ھۆر شىتات
كانزاس ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇللار كۆپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان شىتات بولۇشىغا قارىماي قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپتارى بولغانىكەن. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ يولدىكى تاختىلاردىن ھۆر شىتات دېگەن ئىسىمنى كۆپ چېلىقتۇردۇم. ماڭا ”ھۆر شىتات“ دېگەن سۆز تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ۋە ”ھەرنىمە بولسا ھۆرلۈك ئەنئەنىسى بار كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپتىمەن“ دەپ ھاياجانلاندىم. مېنى ئالغىلى چىققان موڭغۇل بالىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ھۆر پىكىرلىك دەپ تەرىپلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئىچكى ئۇرۇشتا كانزاس شىتاتىغا قوشنا بولغان مىززورى شىتاتى قۇللۇقنى ھىمايە قىلغانىكەن. مىززورىلىق قۇلدارلاركانزاسقا ھۇجۇم قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلىپتۇ. شۇڭا ھازىرغىچە بۇ زىددىيەتنىڭ ئىپادىلىرى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى
ئايرۇپىلانغا چىقىۋاتقاندا مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ”ئەركىنلىك سەپىرىڭىز باشلاندى“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. مەن ئۇنىڭغا “ بۇ مېنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىمنىڭ داۋامى“ دېگەنىدىم. ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇم بەلكىم مېنى ماي گۈلى ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئەركىنلىك، يېڭى دۇنيا ئىزدەپ سەپەرگە چىققان ئەنگىلىيىلىك يېڭى دىن مۇخلىسلىرى (پروتېستانتلار) غا ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن. 1620 – يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىدە يېڭى دىن تەرەپتارلىرى تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا ئولتۇراقلاشقانىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ قارىسام مۇتلەق كۆپى جوڭگۇلۇق. شۇئان كۆزۈمگە ئايرۇپىلان ”ماي گۈلى“دەك، ئولتۇرغانلار ”قاچقۇن“ لاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. 2008-يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر ئىچىدە جوڭگۇلۇقلار ئىككىنچى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
6. خەير دوستلار
رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. بېيجىڭ ئۆزگىرەپتۇ، بىنالار تېخىمۇ ئېگىزلەپتۇ. بىر يېرىم مىليارتقا يېقىن خەلق تۆلەۋاتقان باج، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىن قېزىلىپ، ئېچىلىۋاتقان بايلىقلار بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىنى پارقىرىتىپ، يوللىرىنى كەڭەرتىپتۇ. يول بويىلىرىنىڭ يېشىللىقىغا، قەدىمكى بىنالارنىڭ، چىركاۋ-بۇتخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىغا ۋە گەۋدىلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن يول بويلىرىدا بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن پەقەت كۆرۈنمەيدىغان بىر قانچە چىركاۋنىڭ ئالاھىدە مەيدان بىلەن گەۋدىلەنگىنىگە بەكرەك دىققەت قىلدىم. قەشقەردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقنىڭ نەمۇنىلىرى بېيجىڭدىكى تارىختا خەلقنىڭ خۇنىغا پۈتكەن ئوردىلاردىنمۇ قەدىرسىزمىدى؟ خەلققە پوقىنى يىگۈزگەن قانخور پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئۆز جايىدا، ماۋزىدوڭنىڭ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
5. يول قايان؟
يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ ماڭا خۇددى قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى، بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
4. نېمە قىلىش كىرەك؟
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دېپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ ”سوڧىنىڭ دۇنياسى“ شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا مىللەتچى يەنە بىر بولسا ماركىسىزىمچى مىللەتچى قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىددىيە بار دەپ قارىمايتتىم. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم بىرى دۇنيادا ماركىسىزىمدىن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
2. ئىزدىنىش سەپىرى
ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»،«ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
-“ئەزگۈچى جاھانگىر“دىن ”ئەشەددىي دۈشمەن“ گىچە
ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن ”ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس“ دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەلكىم ”قەغەز يولۋاس“ دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان ”ئۇيغۇرچە“ بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (98-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. …
ئامرىكدىكى ئىشلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
گۈلەن
مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قونۇپ يېرىم سائەتكە بارماي ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇلدۇم. ئانامدەك بىر ئەرەب ئايال ماڭا قاراپ شۇنداق جىدىدىي بىر گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماڭا قارىتىپ تۆكىلىۋاتقان سۆزلەر مارجانلىرىدىن ئۇنىڭ جوردان دېگەن گېپىنى ئايرىۋېلىپ، <مەن جوردان (ئىئوردانىيە) لىق ئەمەس> دەپ ئېنگىلىزچە جاۋاپ بەردىم-يۇ، بىر ئېغىز ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان بۇ ئايالنىڭ ئوكيان ئاتلىغان غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. مېنى بۇ ئايال نېمىشقا ئەرەب دەپ قالغاندۇ؟ قاراپ باقسام قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان سومكامدىن جەينامىزىمنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. خىيالمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشتىلىدىغانلىقى كەچتى. بۇرۇن مەن بېيجىڭدا ئەرەبكە ئوخشتىلاتتىم. 2001-يىلى لەنجۇدا تالىبانغا ئوخشۇتۇلغانىدىم. ئىچكىرىدە خەنزۇلار، …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ
بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىدە ئەرەبچە بەيتۇللاھ دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلاندى. خاتىپ بۇنىڭ ئېنگىلىزچە مەنىسىنى يېشىپ “ ئاللاھنىڭ ئۆيى “ دەپ چۈشەندۈرۈپ، مەسجىدنىڭ خاسىيىتى، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەبلىق قىلىۋاتقاندا ۋەتەندىكى بەيتۇللاغا ئۇچقان خىياللىرىمنى يىغالمىدىم. بەيتۇللاھ دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا يادىمغا قەھرىتاندىكى غۇلجام ۋە ”مەن ئۇيغۇرنىڭ!“ دېگىنىچە مەغرۇرانە سۈكۈتتە تۇرغان بەيتۇللا جامەسى كېلىدۇ. جامەنىڭ چىۋىننىڭ قانىتىدەك داغدىن خالى ئاق-سۈزۈكلىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىنى سېغىندۇرسا، مەغرۇر قەددى ئىلى پەرزەنتلىرىنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇرلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. خاتىپ تەسىرلىك دۇئانى باشلىىغاندىلا تۈگىمەس خىياللىرىمنىڭ نامىزىنى بەيتۇللادا چۈشىرىۋېتىپ جامائەت بىلەن ”ئامىن“ غا ئەگەشتىم. دۇئالاردىن ئېرىپ …