Articles in the خەۋەر Category
ئىلىم-پەن, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

مەك دۇنياسى يىغىلشى ۋە كۈرگەزمىسى Macworld Conference & Expo ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى ئامرىكىدا ئۈتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىغىلىش بولۇپ بۇ يىغىلىشتا مەك كومپۇتېرىغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دە يۇمشاق دىتال ياسايدىغان شىركەت، كارخانىلار، ئوچۇر تېخنىكا خادىملىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلار يىغىلىپ ئەڭ يىڭى مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى ئورتاقلىشىدۇ، مەھسۇلاتلارنى كۈرگەزمە قىلىدۇ، داڭلىق تېخنىكا خادىملىرى لىكىسيە سۈزلەيدۇ، تېخنىكا ساھەسىدە چولپان ئاتالغان مەشھۇرلار قاتنىشىپ كۈرىدۇ ياكى نۇتۇق سۈزلەيدۇ. شۇڭا بۇ يىغىلىش ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى مۇھىم يىغىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ بىلىتىمۇ قىممەت ھىساپلىنىدۇ.
بۇ يىللىق يىغىلىش بىرىنچى ئاينىڭ 4 -كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئامرىكىنىڭ San …
ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

ۇنداق قىلىپ 15 مىنۇت ئىلگىرىكى ئەڭ يىڭى سايلام نەتىجىىىدە ئوبامانىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى 338 دىن ئېشىپ مەككەيننىڭ ئىرىشكەن 155 بىلىتىنى ئىككى قاتلاپ يىڭىپ ئامرىكىنىڭ پرېزىدىنتلىقىغا سايلانغانلىغىنى جاكالىدى. ئامرىكىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن بىلەت تاشلاش ياكى سىتاتىسكىلاش تېخى ئاخىرلاشمىدى. لېكىن كىيىنكى بىلەتنىڭ قانداق تاشلىنىشىدىن قەتئى نەزەر ئوباما يىڭىپ بولدى. ئامرىكا ئوباما دەۋرىگە كىردى. قارا تەنلىك ئامرىكىلىق ئادىل سايلام ئارقىلىق پرېزىدىنىتلىققا سايلىنىپ ئامرىكىدا بەلكىم دۇنيا تارىخىدىمۇ بىر يىڭى تارىخ يارىتىلدى.
ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

لىكىن مەن پارلامىنىت ئەزاسى ماككايننىڭ ئۇسۇلىغا قوشۇلالمايمەن،بىز كەسكىن تەدبىرلەرنى روسىيە ۋە جوڭگۇغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى بولماي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز،مىنىڭچە پا ئە ماككايىن بۇ نۇقتىغا قوشۇلىشى مۇمكىن:بىز يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى شەرتى ئاستىدا ئىران بىلەن بىر سودىنى پۇتۇشسەك بولىدۇ. بىراق ،مىنىڭچە بىز ئىرانغا بىۋاستە كەسكىن دىپلوماتىيە يولى بىلەن يۇزلىنىشىمىز كىرك،بۇ دەل مەن بىلەن پا ئە ماككايىن ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپتۇر. بىز جازالىماقچى بولغانلار بىلەن سۆزلىشش چارىسى كارغا كەلمىدى، بۇ چارە ئىرانغا ئاقمىدى.چاۋشىيەنگە ئاقمىدى.بىزنىڭ ھەرقىتىملىق يىتىم قالدۇرۇش ئۇچۇن قىلغان ترىشچانلىقىمىز ئۇلارنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇۋىلىش قەدىمىنى تىزلەتتى. مەن پىرىزدىنىت بولسام
ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

بۇ پائالىيەتنى پىرىزدىنتلىق مۇنازىرە كومىتىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، باشقا3 مەيدان پىرىزدىنتلىق ۋە مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىق مۇنازىرىسى ئۆكتەبىردە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇگۇن كەچلىك مۇنازىرە دىپلوماتىيە سىياستى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مەركەز قىلىپ ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇلار ئۆز دائىرسىدە يەنە يەرشارى مالىيە كىرزىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇنازىردە كەسكىن ھالدا 9مىنۇتلۇق ئۆلچەم بويىچە ئايرىلىدۇ. تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق قارارقىلىنىدىغان تەرتىپ بويىچە ھەر بىر نامزاتنىڭ نۆۋەتتىكى سۇئالنى جاۋاب بىرىشقا ئىككى مىنۇت ۋاقتى بولىدۇ.ماسلاشتۇرغۇچى بىلەن نامزاتلار ئوتتۇرسدىكى دىئالوگلار نامزاتلار جاۋاب بىرىپ بولغاندىن كىين ئىلىپ بىرىلىدۇ.جاۋاب بىرىلىدىغان
ئىلىم-پەن, ئىلھام, خەۋەر »

ئالىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن تېخىمى ئىچكىرلەپ تونۇشۇش، ئۆز- ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش، بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتلاردا ئىلاجى بولسا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتگە كىلىپ ئىلمى دوكلات بىرىش ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. مانا بۇ ھەپتە ئالىم تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتنى باشلىۋەتتى. ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئالىمنىڭ ئالدىغا چىقتى. بېيجىڭدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىمىز زەپەر ئابلىز بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپكە ھەمرا بولدى. بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپ جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن 9 – چىسلا ئۇ يەردە ئىلمى
ئىلھام, خەۋەر »

بۈگۈن قارىسام شەبنەم تورى سۈھبەت ئويۇشتۇرۇپتىكەن، چۈشۈرۈپ كۇرۇپ باقتىم. نىغمەتنىڭ تېلىۋىزوردىكى سۈزلەۋاتقان خەنزۇچىسىغا قاراپ ئۇنى مەن ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلەيدۇ دەپ قەتئى ئويلىماپتىكەنمەن. چۇنكى ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە سۈزلىگەن، جۇڭگۇ، خەنزۇ ئاساسى ئېقىم مەدىنىيـتىگە بۇنداق چوڭقۇر كىرەلىگەن ئادەم كىچىگىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مۇھىت بولمىغان شارائىتتا چوڭ بۇلغان، شۇڭا ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۈگەن كۆرگەن بۇ قىسقا سۈھبەت بۇ كۆز قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۈزگەرتىۋەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى سۈزلەيدىكەن، ئۇيغۇرچە بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن. دادىسى خەلىق نەشىرىياتنىڭ مۇھەرىرى ئىكەن
ئىلھام, خەۋەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئۇتكەندە بىز ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۈھبەت ئۈتكۈزۈپ ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە تەتقىقاتى توغرىسىدا بىر مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەنلىكىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق. ۋاقىت ئالدىراشچىلىقى ۋە تېخنىكا سەۋىيمىز قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخسىنى ئىشلەشتە سەل كەينىگە سۈرۈۋېتىپ قالدۇق. ھازىر بۇ فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈلىشى ئاساسەن پۈتتى. تورغا يوللاشتىكى چەكلىمە تۈپەيلىدىن تولۇق فىلىم جەمئى ئالتە ھۈججەتكە بۈلۈپ تەييارلاندى. بۈگۈندىن تارتىپ كۈندە بىر قىسىمدىن ئىلان قىلىمىز. ھازىر بىرىنچى قىسمىدىن ھوزۇرلانغايسىزلەر.
جەميەتكە نەزەر, خەۋەر, رەسىم »

2007 -يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر
بىز بۇ قىسىمدا، خەلقئارادىكى ۋە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش تۈردىكى باھالاش شەرتلىرى ۋە ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،سىناق تەرەقىسىدە ئىقدارىمىزنىڭ يىتىشىچە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىنى كۈزەتتۇق . باھالاش باسقۇچىدا ئىمكان قەدەر ئادىل بۇلىشىغا كۈچەپ جامائەت پىكىرىنى گەۋىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ كۈرۈلگەن ئاممىۋى شەخىسلەر قاتارىدىن نامزات تاللىدۇق، مۇشۇ يوللار بىلەن ئىرىشكەن ماتىريالنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ باھالاپ، ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان نامزاتنى بېكىتتوق. باھالىشىمىزنىڭ نەتىجىسى كوپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىلىك قلسىكەن دىگەن پىرىنسىپ نىشان قىلىندى، نىشانغا يېتەلىدۇقمۇ يۇق يەنىلا كەڭ جامائەتنىڭ ئېتراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم …
جەميەتكە نەزەر, خەۋەر, رەسىم »

2007 – يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر
ئالدى بىلەن ھۈزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولغىنىمىز 2007 – يىل شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ خەۋەر(ئىش)
2007 -يىل شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ خەۋەر(ئىش)
بىز بۇ تۈردە 2007 -يىلى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر مۇھىم دەپ قارالغان سىياسى، ئىجتىمائى، پەن-تېخنىكا، تەتقىقات، مەدىنيىەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم ئىش ۋە ۋەقەلەرنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تىزىپ چىقتۇق.
1. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى
جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى 2007 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 -كۈنىدىن …
جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »

2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر
ھەر يىلى ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايون ۋە ياشاۋاتقان خەلق توپى دائىرىسىدە ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنى ئەسلەپ ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باھالارنى بېرىپ ئۆتۈش يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئالغان بىر خىل پائالىيەت. ئادەتتە بۇ ئىشنى جەمئىيەتتىكى تەسىرى بار نوپۇزلۇق مەتبۇئات، تور بېكىتى ، ژۇرنال دىگەندەك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن بىزدە تېخىچە بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ بېرىلىپ باقمىدى. شۇڭلاشقا بىز بۇ يىل ئاخىرىدا تۈرداشلار ۋە دوستلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئادەم جۇڭگو ۋە خەلقئارادىكى ئوخشاش شەكىلدىكى باھالاش، رەتكە تىزىش ئۆلچىمىگە تەقلىد قىلىپ، 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قايتىدىن …
خەۋەر, رەسىم »

ئۇيغۇر قىزى نىگار nokia يانفونىنىڭ فوتو مودېلى بولدى
نىگار 1987-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندا ئائىلىسى بويىچە شىۋېتسىيەگە كۆچۈپ بارغان. نىگار شىۋېتسىيەگە بېرىپ ئىككى يىل تىل تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، ستوكھولم شەھىرىگە جايلاشقان سۆدرا لاتىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ(بۇ مەكتەپ بۇ يىل 6-ئايدىكى ئىستاتىستىكىدا شىۋېتسىيە بويىچە 1-دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ باھالانغان) تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىق سىنىپىغا يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان.
فوتو مودېللىقى، بولۇپمۇ خەلقئارا كاتتا كارخانىلارنىڭ ئېلان فوتو مودېللىقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن بىر يېڭى ساھە دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان نىگار بۇ يىل 8-ئايدا مەركىزى …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, خەۋەر »

شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پورتلەند ئايرۇدۇرۇمىدا قۇربانجان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئالدىن دىيشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتۇق. كۈرۈشكەندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىز قايتقىچە گىپىمىز ئۈزۈلمىدى. كىچىدىمۇ نەچچە سائەتلا ئۇخلىدۇق، كۈرۈشۈپ ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دىيىشىپ ئىككى مىنۇت پاراڭلىشىپلا كۈپ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭئارتۇقچە بۇلغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. ئالىم ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى قىزغىن ئىكەن. پىكرى ناھايتى ئۈتكۈر ئىكەن. گەپنى ناھايتى ئىخچام لېكىن مېغىزلىق قىلىدىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالىمنىڭ قازاقىستاننىڭ
خەۋەر »
Jeck ئىلاۋىسى: بۇرۇن دەپ ئۈتكەندەك. ھازىر مەھەللەم يالغۇز مىنىڭ بۇلماي بەلكى
مىنىڭ دوستلىرىمنىڭمۇ ئورتاق مەھەللىسى بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە باشقا
دوستلىرىمنىڭمۇ ھايات ھىكايىلىرى سۈزلىنىدۇ، خاتىرىلىرى ئىلان قىلىنىدۇ.
مۇشۇ خىيال بىلەن بۇ قېتىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن فىنلاندىيەدە ئوقۇۋاتقان
دوستۇم زۇمرەتنى قايىل قىلىپ ئۇنى مەھەللەمدىكى مىھمانلارغا تونۇشتۇرۇشنى
لايىق تاپتىم.
زۇمرەت بىلەن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا مەن چېڭدۇدا ئالى مەكتەپتە
ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تۇنۇشقان. ئۇ ۋاقىتتا زۇمرەت دالىيەن تەبىئى-سانائەت
پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىدا (大连理工大学) كومپيۇتېر فاكولتېتىدا ئوقۇيتتى. ئۇ ئوقۇش
پۈتتۈرگەندىن كىيىن بېيجىڭدىكى يىڭى شەرىق تىل تەربىيلەش
مەكتىۋى(新东方英语培训学校) نىڭ شىنجېن دىكى شۆبىسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.
جۇڭگۇدا ئىنگىلىس تىلى ئۈگۈنۈۋاتقان، چەتكە چىقىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ھەر
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ مەكتەپنى بىلمەيدىغىنى بۇلمىسا …