فىنلاندىيەدىكى قارا لەيلىسى-زۇمرەت Uyghur girl from Finland Zumrat
Jeck ئىلاۋىسى: بۇرۇن دەپ ئۈتكەندەك. ھازىر مەھەللەم يالغۇز مىنىڭ بۇلماي بەلكى
مىنىڭ دوستلىرىمنىڭمۇ ئورتاق مەھەللىسى بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە باشقا
دوستلىرىمنىڭمۇ ھايات ھىكايىلىرى سۈزلىنىدۇ، خاتىرىلىرى ئىلان قىلىنىدۇ.
مۇشۇ خىيال بىلەن بۇ قېتىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن فىنلاندىيەدە ئوقۇۋاتقان
دوستۇم زۇمرەتنى قايىل قىلىپ ئۇنى مەھەللەمدىكى مىھمانلارغا تونۇشتۇرۇشنى
لايىق تاپتىم.
زۇمرەت بىلەن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا مەن چېڭدۇدا ئالى مەكتەپتە
ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تۇنۇشقان. ئۇ ۋاقىتتا زۇمرەت دالىيەن تەبىئى-سانائەت
پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىدا (大连理工大学) كومپيۇتېر فاكولتېتىدا ئوقۇيتتى. ئۇ ئوقۇش
پۈتتۈرگەندىن كىيىن بېيجىڭدىكى يىڭى شەرىق تىل تەربىيلەش
مەكتىۋى(新东方英语培训学校) نىڭ شىنجېن دىكى شۆبىسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.
جۇڭگۇدا ئىنگىلىس تىلى ئۈگۈنۈۋاتقان، چەتكە چىقىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ھەر
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ مەكتەپنى بىلمەيدىغىنى بۇلمىسا كىرەك. جۈملىدىن مەنمۇ
بۇ مەكتەپتە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ toefl ۋە gre سىنىپىدا ئىككى قېتىم
ئوقۇدۇم. ئۇ بۇ مەكتەپتە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ
كىلىپ esl دا ئىشلەپ كەينىدىن فىنلاندىيەگە ئوقۇشقا چىقتى. ھازىر شۇ يەردە
ئاسپىرانىتلقتا ئوقۇۋاتىدۇ. فىنلاندىيە ئادەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بەك
بىلىپ كەتمەيدىغان، لېكىن ئوقۇشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان ياۋرۇپادىكى يەنە بىر
ياخشى دۈلەت. زۇمرەتنى تۇنۇشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مەقسەتمۇ شۇ بانىدا چەتكە
چىقىش يولىدا ئامال چارە ئىزلەپ يۈرگەن ئوقۇغۇچى بالىلارنى بۇ دۈلەتنى
ئويلىنىپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىش. يول بارغانسىرى ئېچىلىدۇ.
چىقارغان رەسىملەرنى زۈمرەتكە تورنىڭ ھەممە يىرىدە تارقىلىپ سازايى
بولۇپ كەتمەسلىكىگە ۋەدە بىرىپ چىقاردىم. شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ بۇ تىمىنى
باشقا يەرگە كۈچۈرۈپ چاپلىماسلىغىنى ئۈمىت قىلىمەن. بەك چىقارغۇڭلار كىلىپ
كەتسە ئۇلىنىش بىرىپ قويۇڭلار. باشقىلارنىڭ شەخسى ئىززەت ھۈرمىتى ۋە
شەخسىيتىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيتى.
قېنى ئەمىسە گەپنى زۈمرەتتىن ئاڭلايلى.
تۈۋەندىكىسى زۈمرەت يازمىسى.
فىنلاندىيەگە كىلىشىمنىڭ سەۋەبىنى ئۇنۋېرسېتىتنى پۇتتۇرگەنكې كېيېنكې
تۇرمۇشۇمدىن باشلاپ سۆزلەپ كەلسەم بۇلىدۇ. ئۇنۋېرسىتىتنى پۇتتۇرگەندىن
كېين گەرچە تاپقان خىزمىتىم ئۆزەمنىڭ ئۆز كەسپې كومپېيوتېر سېستېمىسىغا
مۇناسىۋە تلىك خىزمەت بولمىسىمۇ لېكىن ئىنگىلىس تىلىغا مەن قىززىقاتتىم.
مىنىڭچە ئادەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن چۇقۇم ئۈزى ئوقۇغان كەسپىدە
خىزمەت قىلىشى شەرت ئەمەس. ھەم ئۈزەممۇ ئىنگىلىس تىلى ئۈگىنىش جەريانىدا
تىل ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىشكە ئامراق بۇلۇپ قالدىم. تاپقان خىزمىتىممۇ ياخشى
ئىدى. ئۈرۈمچىگە قايتىپ خىزمەت ئىزدىسەممۇ ئاتا ئانامنى ۋە ئۇرۇق
تۇققانلارنى يول ماڭدۇرۇپ، بىر مۇنچە پۇل خەجلىتىپ خىزمەت تاپساممۇ ئۈزەم
تاپقان خىزمەتچىلىك ھەم ئۈزەم ياخشى كۈرىدىغان ھەم كىرىمى ياخشى بۇلغان
خىزمەتكە ئىرىشەلىشىم ناتايىن ئىدى. مەن جۇڭگۇدىكى نەچچە مىڭلىغان ئالى
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان يىڭى شەرىق تىل
تەربىيلەش مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم . بۇ پۇرسەتكە
ئېرىشىشمۇ ئاسانغا چۈشمىدى . بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئۆزىدىلا 500دىن ئارتۇق
كاندىدات تىزىملاتقان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېنگىلىس تىلى كەسپىدە
ئوقۇۋاتقاندىن سىرىت باشقا مەندەك ئۆزىنى سىناپ باققۇچىلارمۇ بار ئىدى. شۇ
كۈنى يېزىقچە ئېمتىھاننى بىرىپ بولغاندىن كىيىن مەن بىلەن تەڭ كەلگەن
ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە قايتىۋاتاتتىم .ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىگە
تېلفۇن كىلىپ قايتىپ كىلىپ يەنە بىرقىتىملىق يېزىقچە ئېمتىھانغا كەل دەپ
تېلفۇن قىلغىلى تۇردى يىنىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇغۇچىغىمۇ تېلفۇن كىلىپ
تاقلىغىنىچە كىتىپ قالدى.ئىچىم ئاچچىق بولۇپكەتتى.گەرچە تولۇق
ئوتتۇردىن باشلاپ ئىنگىلىس تىلىنى قوشۇمچە دەرىس سۈپىتىدە ئۈگەنگەن
بولساممۇ ئۇتتۇرۇپ قويغۇنۇمغا تەن بەرگىم كەلمىدى. لىكىن ئامال يوق
يەنە ئۆزەمگە ‹‹زۇمرەت سەن ئۇلاردىن ئېنگىلىسچىنى ئالتە يىل كىچىكىپ
ئۆگەنگەن، كىيىن چوقۇم تىخىمۇ ياىشى پۇرسەت چىقىدۇ ،كۈڭلۈڭنى بۇزما» دەپ
ئاq لارچە تەسەللى بەردىم. شۇنداق ئويلاپ يولدا كىتىپ بېرىپ ياتاققا يۈز
مىتىرچە قالغاند ئا تېلفۇنۇم جىرىڭلىدى.
–祖米热提(ular ismimni aran okup tvgatti)麻烦你再回来参加一次面试可以吗
– 当然可以 .
دىگىنىمنىلا بىلىمەن. كەينىمگە يۈگۈرگىنىمچە ئىمتىھان مەيدانىغا
قانداق ئۇچۇپ بارغانلىقىم ئىسىمدە يوق. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى شۇ قىتىملىق
يۇز-تۇرانە ئېمتىھاندىن كىيىن پۇتۇن مەكتەپ بويىچە شۇنچە كۆپ كاندىدات
ئىچىدىكى بىردىن بىر يىڭى شەرىق تىل تەربىيلەش مەكتىۋىنىڭ مۇئەللىملىكىگە
قوبۇل قىلىنغان قىز ئوقۇغۇچى بولدۇم،ئوغۇللاردىن دالىيەن بويىچە ئۈچى بار
ئىدى. ئوقۇشنى رەسمى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئۈيدىكىلەر بىلەن جەم
بۇلۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مەكتەپنىڭ بېيجىڭدىكى باش شىتاتىغا كەتتىم. ئۇ يەردە
ئون بەش كۈن ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىمدىن كەچ سائەت ئون يېرىمگىچە
ئوخشىمىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاش ۋە ئۆزەممۇ دەرىس
بېرىشتەك جاپالىق تەربىلىنىشتە (魔鬼培训) تە بولدۇم. بۇجەرياندا بەك جىق
نەرسىلەرنى ئۈگەندىم. مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى، شۇ
ۋاقىتتا شىنجاڭ ئونۋىرسىتىدا 30 يىلدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى بولغان دادامغا
بولغان قايتىدىن قوزغالغان ، يۈرىگىمدىن ئۇرغۇپ چىققان ھۆرمىتىمنى تىل
بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.
شۇنداق قىلىپ شىنجىنغىمۇ كەلدىم. بۇ بىرمۇ تونۇش يوق، پۇتۇنلەي
ناتونۇش بىر شەھەر. ئاۋال مۇسۇلمان ئاشخانىسىنى تاپالماي كۆپ جاپا
تارتتىم، كىچىك كاتەكتەك ئۆيدە 6 ئادەم ياتتۇق .ئۇلار ھەدەپ تاماق ئىتىپ
ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن سىرىت تۇنجى قىتىملىق رەسمى
دەرىس بەك ئېغىر كەلدى. كىيىنچە ئاستا -ئاستا دەرىس ئۆتۈشنىڭ ئېپىگە
كىرىۋالدىم. ئوقۇغۇچىلىرىم ماڭا ئامراق ئىدى. 祖米老师~~~دەپ دەرىس ئارلىقىدا
كافى، چايلارنى سۇنۇپ بېرەتتى. ئەلۋەتتە ئالىيىپ قارايدىغان
ئوقۇغۇچىلىرىممۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغىمۇ كۆندۇم. چۇنكى كىيىنراق ھەممە
ئادەمنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقىپ بولالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. new
oriental english school دىكى بىر يىرىم يىللىق ھاياتىم تولىمۇ مەنىلىك
ئۆتتى دەپ ئويلايمەن, بۇ جەرياندا بەك جىق بەك جىق نەرسىلەرنى ئۆگەندىم.
تۇنجى قىتىملىق دەرىسخانىدىكى ھودۇقۇش؛ قىشلىق، يازلىق تەتىلدىكى كۈنىگە
10 سائەتتىن دەرىس ئۆتۈش؛ دەرىسنى توختاۋسىز ئۆتۇپ ئاۋازىم پۈتۈپ
گاراڭ-گۇرۇڭ ئەركىشى ياكى ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى پەرىق قىلغىلى
بولماي قىلىش؛ شۇنداق بولسىمۇ ئامالنىڭ يوقلىقىدىن داۋاملىق مىكروفۇننى
تۇتۇپ دەرىس سۆزلەۋاتقىنىمدا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ يىغلاپ
كىتىشلىرى (بۇلار مۇبالىغە ئەمەس ) ، ئەرزان ھەم ياخشى ئۆي تاپالماي يىرىم
يىلنىڭ ئىچىدە بەش قېتىم ئۆي كۆچىشىم…..بۇلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ
كۆزۈمگە لىققىدە ياش كىلىدۇ.
كۇنلەر ئۆتىۋەردى، ئاستا-ئاستا neworiental english school نىڭ
رىتىمسىز تۇرمۇشىدىن زىرىككىلى تۇردۇم. بۇنىڭغا سەۋەپ بولغىنى ئىچىمدە
كىچىكىمدىنلا پۈكۈپ قويغان بىر ئارزۇ بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ چەتئەلگە چىقىپ
ئوقۇش ئارزۇسى!
بۇ ئارزۇيۇم مىنى جىم ئولتۇرغۇزمىدى. دەسلەپ كاناداغا ئىقتىساس
ئىگىسى كۆچمىنى بۇلۇپ چىقىش توغرىلىق ئىزدەندىم،بىراق ئۇنىڭغا 4يىل خىزمەت
تارىخى بولمىسا بولمايدىكەن. ئۇنىڭغا 4يىل ساقلاشقا كۆزۇم يەتمىدى. قايسى
دۆلەتكە چىقىشنى بىلمەي تىت -تىت بولۇپ تۇرغان شۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچىدىكى
教育留学生服务中心 دىكى قەدىناس دوستۇمدىن تېلفۇن كەلدى، «فىنلاندىيەگە بىرىپ
ماگىستىرلىق ئوقۇش پۇرسىتى بار ئىكەن سىناپ باقامسەن> دەپ قىسقىلا
سورىدى. ئەلۋەتتە «سىناپ باقىمەن» دىدىم. شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىكى
ئالاقىدار ئادەملەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلار كىلىپ ئىمتىھان ئالىدىغان
كۇنىگە ئۈلگۈرۇپ بېرىپ ئېمتىھان بەردىم. فىنلاندىيەنى دەپ شىنجىندىكى
يۇقىرى مائاشلىق بىراق جاپالىق ئەمما مەنىلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلىقنى
تاشلاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. ئۆزۈمنىڭ بىر چوڭ قىماغا دو
تىككەنلىكىمنى بىلەتتىم. بىراق ئۆزۈمنىڭ چوقۇم ئۇتىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم
كامىل ئىدى.
ئەلۋەتتە ئۈرۇمچىدىكى چاقىرىق قەغىزى ساقلاش جەريانىدا جىم ئولتۇرماي
ئۈرۈمچىدىكىenglish first ef دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. ئاخىرى
كۆڭلىمدىكىدەك چاقىرىق قەغىزى كەلدى. بىراق ئەلچىخاننىڭ ielts نەتىجىنىمۇ
تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاپىلا-شاپىلا 20 كۇن
تەييارلىق قىلىپ ielts غا ئۈلگۈرۈپ بېيجىڭغا باردىم. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا
ئەلچىخانىغىمۇ بىرىپ ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. شۇ كۈنى
دەككە -دۈككە ئىچىدە ئەلچىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ۋىزا ئالالماي
قالارمەنمۇ دەپ كىرمىگەن خىياللار قالمىدى. ئەلچىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر
قالدۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈشۈپلا دەيدىغان گىپىمنى ئويلاپ قولۇمدىكى
ماتىرىيالىمغا قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم. "ياخشىمۇ سىز " (ئۇيغۇرچە) دىگەن
ئاۋازنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. بىر چىرايلىق،
ئىگىز بويلۇق، يىشىل زۇمرەت كۆزلۈك فىن ئايال ئالدىمدا تۇراتتى. ھاڭۋىقىپ
ئېچىلىپ قالغان ئاغزىمنى تىزلىك بىلەن ياپتىمدە، مەنمۇ "ياخشىمۇ سىز" دەپ
جاۋاپ قايتۇردۇم. سۆزلىشىش جەريانىدا بىلدىمكى ئۇ ئايالنىڭ بېيجىڭدا بىر
ئۇيغۇر دوستى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى ئۇگىتىۋىتىپتۇ، ئۇ ئايال ماڭا ئۇيغۇر
تىلى بىلەن فىن تىلىنىڭ ئورال-ئالتاي تىل سېستىمىسىغا كىرىدىغانلىقىنى ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تىلنىڭ جىق ئورتاقلىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كەتتى. فىن
تىلىدىمۇ ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە بار ئىكەن. ئېنگىلىسچىدەك
proposition 介词 يوق ئىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچىدەك ھەرخىل كىلىش
قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدىكەن. فىنلاندىيەگە كەلگەندىن كىيىن ھىس قىلىشىمچە فىن
تىلىدىكى قوشۇمچە ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆپ ھەم مۇرەككەپ ئىكەن. ئەلچى ئايال
بىلەن بىردەم ئۇيغۇرچە بىردەم بىردەم ئېنگىلىسچە بىردەم خەنزۇچە
پاراڭلىشىپ سوراشقا تىگىشلىك سوئاللار بىر تەرەپتە قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى
مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ قېتىملىق كۈرۈشۇشنى كۈلكە – چاقچاق بىلەن
ئاخىرلاشتۇردۇق. قايتىپ چىقسام خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ھەيرانلىق بىلەن فىن
تىلدا سۆزلەشتىڭلارمۇ دەپ سورىدى. پەخىرلىك ھېسياتىم بىلەن بىشىمنى ئىگىز
كۆتۈرۈپ« ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشتۇق» دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇلار ھەيران قالدى.
مىنىڭ كۆڭلۈم فنلاندىيەگە نىسپەتەن ئىسسىق بولۇپ قالدى.
شۇنداق قىلىپ ھەممە ئېشلار جايىدا بولۇپ ھاياتىمدىكى ئۈچىنچى چوڭ
سەپىرىمگە ئاتلاندىم. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىرىنچى سەپىرىم دالىيەن تەبىئى ۋە
سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتى، ئىككىنچىسى يىڭى شەرىق تىل تەربىيلەش مەكتىۋى
ئىدى. ئايروپىلانغا گەرچە بىرىنچى قىتىم ئولتۇرۇشۇم بولمىسىمۇ فنلاندىيەگە
ئۇچىدىغان ئايروپىلان باشقىچە بولىدىغاندەك تويماي دىرىزىدىن تالاغا
قارىدىم. يېنىمدا بىر خەنزۇ، بىر فىن بار ئىدى. خەنزۇ يولداش بىلەن
پاراڭلىشىۋاتقىنىمدا فىن يولداش ھەيرانلىق ئىچىدە مېنىڭ نەدىن
كەلگەنلىكىمنى سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم. بۇنداق
سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىشكە يادا بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇلار ئىككى ئادەم
ئىكەن. جوڭگو بىلەن بولغان بازارنى ئېچش ئۈچۈن جۇڭگو بېيجىڭغا جىق كىلىپ
-كىتىپ تۇرىدىكەن.ئۇلار ماڭا فنلاندىيەنى چۈشەندۈرۈپ كۆپلىگەن يول
يورۇقلارنى بەردى. ئايروپىلاندىن چۈشكىچە ئۇلار ماڭا خىزمەت كارتۇچكىسىنى
قالدۇرۇپ «ۋاقتىڭ بولسا بىزگە تېلفۇن قىلغىن، بىز سەندەك خەنزۇچىنىمۇ
ياخشى سۆزلەيدىغان، ئېنگىلىسچىغىمۇ پۇختا بولغان ئادەمگە مۇھتاج » دىدى.
كۆڭلۈم يەنە بىر قىتىم بۇ ئاق كۆڭۈل فنلاندىيىلىكلەردىن سۆيۈنۇپ ئىسسىق
بولدى.
ئايرودورومغا مەن بۇرۇنلا ئالاقىلىشىپ قويغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىمغا
چىقتى، بىر ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بېرىپ تاماق يىدىم ،ئۈزەمنى
ئۇرۇمچىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يېراقلىقتىكى جايدا ئىكەنلىكىمنى ھېس
قىلالمىدىم. helsinki شەھىرىنى بىر كۈن ئايلىنىپ ئۈزۈمنىڭ مەكتىپى
تۇرۇشلۇق بولغان لەختى شەھىرىگە قاراپ يول ئالدىم. لەختىگىمۇ كەلدىم،
ئالدىن زاكاس قىلىپ قويغان ئوقۇغۇچىلار ياتىقىگە تاكسى بىلەن كەلدىم.
ئالدىمغا ئىككى خەنزۇ قىز چىقىپ قارشى ئالدى ۋە ياتىقىمنىڭ ئاچقۇچىنى
قۇلۇمغا بەردى. ياتاقتا ئۈچ قىز بىللە تۇرىدىكەنمىز، ھەر بىرىمىزنىڭ
ئايرىم ھۇجرىسى بار ئىكەن، ئاشخانىدا ھەممە ئائىلە سايمانلىرى تەييار
ئىكەن. توڭلاتقۇ، توك ئوچاق، دوخوپكا، قاچا قۇمۇش قۇيىدىغان ئىشكاپ
دىگەندەك نەرسىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەر قانداق ئۆيدە تەييار سەپلەنگەن
بۇلىدىكەن ،تۇربىنى ئاچسىلا ئىسسىق سۇ چۈشىدىكەن .ھا ھاھا ! بۇنى كۆرۇپ
شېنجېندىكىدەك يېرىم يىل ئىچىدە بەش قېتىم ئۆي كۆچىدىغان تارىخىمنىڭ
فىنلاندىيىدە تەكرارلانمايدىغانلىقىغا كۆزۇم يېتىپ چوڭقۇر بىرنى ئۇھ !!
!دەۋەتتىم. شۇ خوشاللىق ئىچىدە ھوجرامنىڭ ئىشىكىنى ئاچسام، كېيىم -كېچەك
قۇيىدىغان يوغان بىر ئىشكاپتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. ئىككى خەنزۇ قىزغا
«مىنى بازاغا ئاپىرىڭلار مەن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئالاي» دېسەم، ئۇلار
«شەنبە ،يەكشەنبە كۈنى فىنلاندىيىدە ھېچقانداق يەرنى ئاچمايدۇ» دىدى. بۇنى
ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. داق يەردە ياتارمەنمۇ دەپ تۇرسام خەنزۇ قىزچاق ماڭا
بىر ئارتۇق ماتروسنى بېرىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۈزەم ئەكەلگەن كۆرپە
يوتقانلىرىم
بىلەن ( جېك : ھا ھا، يوتقان كۈرپىنى كۈتۈرۈپ بارغانما ) كەچلىك
كېيىم كېچەكلىرىمنى ياستۇق قىلىپ بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم .ھازىر ئۇيۇم
ئۆي جاھازى بىلەن تۇشۇپ مەرى بەك ئىسىق بوپكەتتى. دەرستىن يېنىپ ئۆيگە
كىلىۋالغىچە كۆزۇم تۆت بوپكىتىدۇ، مەكتەپتىكى ئىشلىرىم فىنلاندىيىگە
كەلگەندەك ئۇنداق ئاسانغا توختىمىدى. كەسپىمنى ئالماشتۇرغان بولغانلىقى
ئۈچۈن (ھازىر ئىقتىساد كەسپىنى ئوقۇماقچى بۇلغان ئىدىم )، بىر يىل
تەييارلىق سىنىپىدا فىن تىلىنى قۇشۇمچە قىلىپ ئوقۇشقا توغرا كەلدى. بۇ بىر
يىل تەييارلىقتا ئوقۇش جەريانىدا بۇ قىلغان قارارىم توغرىمىدۇ دەپ جىق
ئويلاندىم. بۇلۇپمۇ قىنلاندىيىنىڭ قىشىنى ئۆتكۈزۈش تەس كەلدى.
فىنلاندىيىنىڭ قىشى ھەم سۇغۇق( بىراق ئۇرۇمچى بىلەن جىق پەرقى يوق) ھەم
ئۇزۇن ئىكەن.سوغۇققىغۇ مەيلى دىدىم. بىراق بەك قاراڭغۇ بۇلىدىكەن.
بۇلارنىڭ كىچىسى. چۇشتىن كىيىن تۆتلەردىلا قاراڭغۇ چۇشۇۋېلىپ ئادەمنى
بىئارام قىلىدىكەن، قىشتىكى كۆڭۈلسىزلىك بىلەن تاس قالدىم خاتا قارارلارنى
چىقىرىپ قويغىلى. كىيىن چىدىماي دادام ئاپامغا تېلفۇن قىلسام ئۇلار ماڭ«
باتۇر قىزىم، شېنجىندىكى شۇنچە جاپاغا چىدىغان يەردە بۇنىڭغىمۇ چىداپ
كىتىسىز» دەپ مەدەت بەردى، ئائىلەمنىڭ مەدەتلىرى ئاستىدا ئاغزىمدا « ئاتا
دىگەن زۇلپىقار ،ئانا دىگەن تىل تۇمار» دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ ئۇ
كۈنلەرگىمۇ خوش دىدىم .
فىنلاندىيىدە ئىش تېپىش بەك قىيىن، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ئىشسىزلىق
نىسپىتى ئىنتايىن يۇقىرى. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش نىسپىتى
ئاساسەن نۆلگە تەڭ. تاپسىمۇ قاچا يۇيۇش، تازلىق قىلىش دىگەندەك ئىشلار
ئاران چىقىدۇ. مەن يازلىق تەتىلدە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئۇرمىغان تېلفۇنۇم،
ئەۋەتمىگەنcv, resume رىم قالمىدى. بىرسىدىنمۇ خەۋەر يوق .يانچۇق
بارغانسىرى نىپىزلەشكە باشلىدى. قۇرققىلى باشلىدىم. مۇشۇنداق تىتىلداپ
تۇرغان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز سېرتمامدىن ئايرۇپىلاندا ئۇچراپ قالغان
فېنلارنىڭ business كارتوچكىسى چىقىپ قالدى. غەيرەتكە كىلىپ تېلفۇن قىلسام
ئۇفېن نىمە ئۈچۈن بالدۇرراق قىلمايسەن تېلفۇننى دەپ قاخشاپ كەتتى، ئىچىمدە
بۇمۇ تۈگەپتۇ دە دەپ ئويلىدىم. بىراق ئۇ فىن ئاخىرىدا سەن ماڭا cv,resume
رىڭنى ئەۋەتىپ بەر ھازىرچە تەرجىمە قىلىدىغان ئىش بار دىدى. ئاخىرىدا
ئۇلارنىڭ شېركىتىگە ئىككى ئايلىق توختام تۈزۈپ ئىنتايىن ياخشى چېنىقىش
پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.بۇ جەرياندا شېركەتكە ۋەكالىتەن exhibition غا
قاتنىشىپ شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. ھازىر شۇ
شىركەت ئۈچۈن جۇڭگونىڭbusiness جەھەتتىكى ئۆرۈپ ئادەتلىرى توغرىسىدا
ئىزدىنىۋاتىمەن. ئۇلارمۇ مىنىڭ خىزمىتىمدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى. بۇ
مىنىڭ
ئېشەنچىمنى تىخىمۇ ئاشۇردى. ھازىر ئۆزۇم ئېنتايىن ياخشى كۆرىدىغان
كەسىپ international business (خەلقارالىق سودا ) نىڭ ماگىستىرلىقىنى
ئوقۇۋاتىمەن. خۇدايىم بۇيرىسا ئۈگەنگەن بىلىمىمنى ئەمەلىيەتتە ئۈنۈملۈك
ئىشلىتىش ئارزۇيۇم بار. فىنلاندىيىدىكى تۇمۇشۇم ئاستا-ئاستا رەتكە
چۈشىۋاتىد. خۇدايىم بۇيرىسا تىخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. كۈلگۈسىگە بۇلغان
بەك چوڭ ئىشەنچىم بار. ئالدىمدىكى بىر يىرىم يىللىق ماگىستىرلىق يولى
ئەمدى باشلاندى. مىنىڭچە بۇ يولنى مىڭىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بىراق
ھاياتنىڭ مەززىسى نامەلۇم بولغان كەلگۈسىگە ئىنتىلىش ئەمەسمۇ؟
ئۈمۈتكە تولغان كەلگۈسى مىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بىراق قۇرۇق ھاياجان
بولۇپ ئەمەلى ھەرىكەت بولمىسا تېخى بولمايدۇ. شۇڭا مەنمۇ داۋاملىق
تىرىشىمەن.ئاپتاپقا تولغان فىنلاندىيەدىن پارلاق كەلگۈسى بىخ ئۇرغۇسى!!!!
tomorrow is another day!!! life is short, make good choices!!!
—————-
(تورداشلارنىڭ سۇئاللىرى، مەن يازماي ئۈتكۈزىۋەتكەن جايلار ياكى ياخشى
تىلەكلىرى بولسا دوستۇم تۇرسۇنجان (jeck ) نىڭ مەھەللىسىدىكى مۇشۇ
يازمىنىڭ ئاخىرىغا يوللاپ قويسا مەن كۈرۈپ تۇرىمەن. ئەگەر مۇھىم ئىش ئۈچۈن
ئالاقە قىلماقچى بۇلسىڭىز تۇرسۇنجاندىن مىنىڭ ئالاقە ئادىرسىمنى ئالسىڭىز
بۇلىدۇ )
تۈگىدى.
jeck تەھرىلىدى.
ئەسلى نۇسخىدىكى لاتىنچە يېزىلىشتىن كونا يېزىققا بىر ھەرىپ بىر
ھەرىپتىن ئۇرۇپ ئۈزگەرتىپ بەرگەن گۈزەل قىز مەڭگۈ نۇرغا كۈپتىن كۈپ
رەھمەت.
(بۇ تىما ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ئايرىما تىما قىلىپ يوللىنىدۇ)
(جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى
ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاش
يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى
چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم
ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن
كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)
رەھمەت سزگە! ھەدە ،مەن سزدىن ۈگۈنيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام.بۇ تېما ماڭا بەكمۇ ئىلھام بولدى. رەھمەت سىزگە!!ئىشلىرىڭزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يارايسىز قىزچاق!!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel