Home » Archive

Articles tagged with: Gulan

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ماي 2011 | No Comment | 671 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
7. قىزىمىزنى ”ئامېرىكىچە“ تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟
بەلكىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە بۇنچە دىققەت قىلغانلىرىمغا قاراپ ”بۇلار بالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئامېرىكىلىقنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قانچىلىك تەربىيەلەپ كېتىۋاتقاندۇ“ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۈزىتىش، ھىس قىلىش باشقا گەپ، شۇلاردىن بايدىلىنىش پۈتۈنلەي باشقا گەپ ئىكەن. بىز بالىمىزغا تاماق يىگۈزەلمەي، يەسلىدىكى ئوقۇتۇقۇچىسىدىن سورۇدۇق. قىزىم يەسلىدە تاماق يەيدىكەن. نېمىشقا ئۆيدە تماق يىمەيدۇ؟ شۇندىن كېيىن قىزىمنىڭ يەسلىدە قىلىدىغان ئىشلىرى بىلەن ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم. قىزىم يەسلىدە تاماق يەپ بولۇپ قاچىسىنى ئۆزى يىغۇشتۇرىدىكەن، شىرەسىنى ئۆزى سۈرتىدىكەن. ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بولۇپ ئۆزى يۇغۇشتۇرىدىكەن. ”ئوقۇتقۇچىسى ”ئۇخلاش …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ماي 2011 | No Comment | 488 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
6. يەسلىدىكى ”تەجرىبە“، ”تەتقىقات“ ۋە ئەدەپ
”سازاڭ ئوت يەيدۇ“ ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ گەپنىڭ نېمە سەۋەپتىن چىققانلىقىنى بىلىشكە قىزىقتىم. سوراشتۇرسام بالىلارغا كۈندە بىر قېتىم تەبىئەت بىلىملىرى چۈشەندۈرىلىدىكەن. بۇ تەربىيە مەكتەپنىڭ باغىچىسى (مەكتىپىمىزنىڭ باغچىسى بەك چوڭ، بىنالار ئورمانلار، چىملىقلار ئارىسىغا بېزەك ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويۇلغاندەكلا كۆرۈنىدۇ)، تەبىئەت مۇزىيى، تەبىئەت تارىخى مۇزىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋام قىلىدىكەن. بالىلار ئاۋال مەكتەپ باغىچىسىدا ئۆسۈملۈك ۋە ھاشاراتلاردىن ئەۋرىشكە توپلايدىكەن، ئاندىن سىرىتتا كۆرگەنلىرىنى مۇئەللىمىگە ۋە ساۋاقداشلىرىغا سۆزلەپ بېرىدىكەن. بەزىدە تېخى سىرىتتا كۆرگەن نەرسىلىرىنى سىزىپ ئوينايدىكەن. بىر كۈنى قىزىم تەبىئەت تەربىيىسىدىن بىلگەنلىرىنى مۇنداق بىر رەسىمگە يىغىنچاقلاپتۇ. …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ماي 2011 | No Comment | 468 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
5. يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق
بىر كۈنى يەسلىدىن تېلىپون كەپتۇ. نېمە بولغاندۇ، دەپ ئالسام، ”قىزىڭ سازاڭنى ئوت يەيدۇ، دادام شۇنداق دېگەن دەيدۇ، راست شۇنداق دېمىگەنسەن! مەنچە بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ سۇئالىغا ئەستايىدىل بولغىنىڭ ياخشى. بالىلار كىچىكىدىن سەمىمىي مۇئامىلىدە چوڭ بولغىنى ياخشى…“ دەپ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز ئېيتتى. دەسلەپ گەپنى تۈزۈك ئاڭقىرالمىدىم. كېيىن تەپسىلى ئويلاپ باقسام، قىزىمنىڭ ”سازاڭ نېمە يەيدۇ؟“ دېگەن ئىنگىلىزچە سۇئالىغا بايقىمايلا ئۇيغۇرچە ”ئوت“ دەپ جاۋاپ بېرىپ ئىشىمنى داۋام قىلغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. قىزىم ئۇيغۇرچە ئوت دېگەن سۆزنى ئوت-يالقۇن دېگەن مەنىدە چۈشىنىۋاپتۇ. …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ماي 2011 | No Comment | 543 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
4. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى
بالىلار يەسلىگە ھەر كىرگەندە ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بىلەن قول يۇيۇشقا بۇيرۇلىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر بالىغا بىردىن رەڭلىك تاختاي ئالغۇزۇپ قايسى قانداق رەڭلىك تاختاي ئالغانلىقىنى ئۈنلۈك دېگۈزىدىكەن. بالىلارغا كۆرپىچەكلەر تەييارلانغان بولۇپ كۆرپىچەككە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىكەن. بالىلار ھەر كۈنى ئولتۇرۇپ قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھايۋانلارنىڭ رەسىمى بار كۆرپىچەكتە ئولتۇرىدىكەن، ۋە شۇ كۈنكى ئىسمى شۇ ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىكەن. مەن بۇنى بالىلارغا كىچىكىدىن ھايۋانلارنى ئاسراش تەربىيىسى بەرگەنلىك بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. ئەتىگەندە بالىلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ماي 2011 | One Comment | 452 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
3. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
ئامېرىكىغا كېلىپلا چىكاگۇ ئايرۇدۇرۇمىدا دىققىتىمنى تارتقىنى ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆز سومكىلىرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان تۆت بەش ياشلاردىكى بالىلار بولدى. بۇ يەردە ياشاش جەرانىدا ماگىزىنلاردا ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كىيىملىرىنى  ئۆزلىرى تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ زوقلاندىم. بالام كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئويۇن مەيدانىغا چىقسام بالىسىنىڭ سۈتىنى بىر قولىدا، ئويۇنچۇق، كىيىم قاتارلىقلىرىنى يەنە بىر قولىدا كۆتۈرىۋالغىنى يالغۇز مەنكەنمەن. مېنىڭ قىزىمدەك تۆتكە يېقىنلاشقان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى ئويناپ ئۇنتۇپ قالماي ئۆزى يۇغۇشتۇرۇپ ئېلىپ قايتىدىكەن. مەندەك تۆت ياشقا ئازقالغان بالىسىغا قوغۇلاپ يۈرۈپ تاماق يۈگۈزىدىغان ئامېرىكىلىقنى …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[28 ماي 2011 | 2 Comments | 684 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
2. ”مەن قەشقەرلىك“
قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كۆپرەك كۆرگىنى بىر ئۇيغۇرىمىز بولدى. ئۇياقنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجىلىق تارانچىلاردىن بولسىمۇ چاخچاقنى يېرىم كۈندىن كېيىن چۈشىنىپ بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە رەنجىپ قالاتتى. ئۆزى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغىنىغا قارىماي ”بىز غۇلجۇلۇقلار“ دەپ سۆزلەپ قوياتتى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايىسى ۋىلايەتلىرىدىكى تارماقلىرىدا بىر خىسلەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەنچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىكى خىسلەت يۈكسەك غۇرۇر، قورقۇمسىزلىق ۋە ئوچۇق خاراكتىر. بولۇپمۇ مەن بۇ تارماق ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئورۇن، مەرتىۋە ۋە ھوقۇق سۈرۈشتۈرمەي مەسخىرە قىلالايدىغان ئەركەكلىكىدىن سۆيۈنەتتىم. شۇ سەۋەپتىن يېقىن ئەتراپتىكى بىر دىنبىر ئۇيغۇرۇم بولغان بۇ خانىمنىڭ ئۇيغۇردىكى …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[28 ماي 2011 | One Comment | 661 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
1. ئامېرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت
ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان ئامېرىكىغا “تۇيۇقسىز” كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئېدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يەسلىسى قىزىمنى قوبۇل قىلدى. قىزىم گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى بولمىسىمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بەھرىمەن بولىدىغان يارىدەم تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى. قىزىم ئوقۇيدىغان يەسلىدە ئېيىغا نەچچە مىڭ دوللار تۆلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىمۇ، بىزدەك ئىشلىشى ئىجازەتسىز بولغان، مۇكاپاتقا تايىنىپ ياشايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاش شارائىتتا تەربىيەلىنەلەيتتى.  يەسلىگە تىزىملاتقىلى بارغاندا …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | 2 Comments | 1,037 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس
بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلقاناللىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ھادىسە خەۋەر قىلىندى ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. رىياسەتچى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياشلىق ئاق تەنلىك بالىلارغا تېرىسىنىڭ ئاق قارىلىقى بويىچە رەتكە تىزىلغان قونچاق رەسىملەرنى كۆرسىتىپ  “قايسى بالا ئەسكى (دۆت، ناچار، سەت) ؟ قايسى بالا ياخشى (ئېسىل، ئەقىللىق، چىرايلىق)؟“ دېگەن سۇئاللارنى سورىدى. بالىلار ھىچ ئىككىلەنمەستىن تېرىسى ئەڭ قارا بولغان بالىنى دۆت، ناچار، سەت  دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىنى تېرىسىنىڭ قارا بولغانلىقى دېدى. تېرىسى ئەڭ ئاق بولغان  بالىنى بولسا ئەقىللىق، ياخشى، چىرايلىق، ئېسىل دەپ …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | 2 Comments | 970 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
22.  كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ
بۇ شەھەرگە كۈز كەلدى. ياپيېشىل چاققانغىنە بۇ شەھەر ئالتۇن رەڭگە كىردى. مەن ۋەتەننىڭ كۈز ئايلىرىنى سېغىنىمەن. بىزدە كۈز تولىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ. تويلار قاينايدۇ، دېھقاننىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ پۇل كۆرىدۇ. بىزنىڭ ئۇ توپراقلاردا سودىگەرلەرنىڭ رىسقى دىھقاننىڭ يانچۇقىغا باغلانغان. كادىر خەق بىلەن قىلغان سودىنى بىزنىڭ قەدىمكى ئوردۇكەنتتە « تۈپرۈك بىلەن ئاياق مايلىغاندەك» دەپ تىلغا ئالىدۇ تىجارەتچى تۇغقانلار. يات ئەلدىكى تۇنجى كۈز ماڭا تولىمۇ سۆرۈن تەلەت بىلىنمەكتە. سارغايغان ياپراقلار، يالىڭاچلانغان دەرەخلەر، سۇلغان گۈللەر، ماڭا سارغايغان يۈزلەرنى، ئۈمىتسىز كۆزلەرنى، ماتەملىك سۆزلەرنى ئەسلەتمەكتە. تۇيۇقسىز يادىمغا ئۆتكەن كۈزدە بەيگە مەيدانىدا بىر …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | 2 Comments | 1,020 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
شەرق داناسى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان » دەيدۇ. ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىملىق خاتالىقنىڭ كۆپىنچە چۈشىنىشكە ۋە ھىسىداشلىققا ئېرىشەلىشىدىكى ئاچقۇچى ئىبرەت ۋە ئىتىراپتۇر. بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق خاتىرلەپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قايتا سادىر بولسا بۇنى ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس، جازالانغىنى جازالانغان. مەنچە رىياللىق ۋە تارىخىنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى ئىبرەتتۇر. ئەگەر رىياللىق ۋە تارىخ خاتالىق ۋە تەجرىبىلەرنى ئىتىراپ قىلغان ئاساستا سەمىميىلىك بىلەن يېزىلمايدىكەن، يەكۈنلەنمەيدىكەن، زىددىيەتنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. زىددىيەتتىن ئىبرەت ئالىدىغان، ماجرادىن تەجرىبە يەكۈنلەيدىغان كىشىلەر بىر خەلقنىڭ ئىلىمدارلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. كىيورى …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | One Comment | 1,145 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر
بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا مۇنداق گەپنى كۆرگەندەك قىلغان.« ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە ئۆز يۇرتى بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ،   ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئېسىدە كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا (ئەلۋەتتە بۇ كىتاب 90 -يىللارنىڭ بېشىدا چىققان، ھازىر بۇگەپلەرنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى چاك باسمايدۇ)». ئەۋەتتە، بۇ يەردە كىمنىڭ  ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى موھىم ئەمەس، موھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە  مۇجىمەللىكى، شۇنداقلا ھازىر مەتبۇئاتلارنىڭ مۇشۇلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىدۇر. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جوڭگۇ ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى.خەلقئارا مېدىيەلەر ئۇيغۇرنى  مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | One Comment | 1,042 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى
ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بىر پروفېسسۇر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. تۈرك دوستۇم مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا ئۇنىمۇ بىللە چاقىرغانىكەن. ئۇ ئايال ئىسلام تەسەۋۋۇفى، كامىروندىكى بەربەر قەبىلىسىنىڭ تىلى قاتارلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىكەن. يولدىشىمۇ كامىرونلۇق بەربەركەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا تەتقىقاتچىلار قايسى مىللەت ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولسا ئاۋال شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا تىل ئۆگنىشنىڭ تەقەززاسىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ ئاخىرىدا مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار ئامېرىكىدا ھەيرانلىق قوزغىمايدىكەن.
بىز سۆھبەت جەريانىدا ئارىمىزدا نۇرغۇن تېمىلارغا ئورتاق قىزىقىش بارلىقىنى ھېس قىلىشتۇق. گەپ تەسەۋۋۇفنىڭ …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | One Comment | 1,048 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
18. ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى
ئامېرىكىدا رامازان بىر كۈندە باشلانمىدى، تۈرك قارداشلىرىمىز جۈمە كۈنى باشلىدى، ئەرەب بۇرادەرلەر شەنبە كۈنى زوھۇرلۇق يەپتۇ. بىز شەنبە كۈنى كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتقا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرۇمىزنى مىھمانغا تەكلىپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تۇنجى كۈنى تۇتالماي قالدۇق. مىھمانلارغا گەپ ئارىلىقىدا بۇنى تىلغا ئېلىۋىدۇق، ئۇلار كۈلۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلارمۇ شەنبە ئەتىگەن مىھماندارلىققا بارىمىز دەپ روزا تۇتالماپتۇ. يېڭى كەلگەن ئېنىمىزنىڭ ئامېرىكىلىق ياتاقدېشى ئەرەبچە ئۆگەنگەنىكەن، ئۆزىنىڭمۇ بىللە روزى تۇتقىسى بارلىقىنى، روزىنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىر يېرىم سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلگەن …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | 2 Comments | 1,462 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟
ئىيۇلدىن باشلاپ تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ئازاپلاردىن تاشقىرى، كۈتۈلمىگەن تەسەللىلەرمۇ مېنى يالغۇز قويمىدى. قاچانلاردىدۇر توردا تونۇشۇپ قالغان تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، تاتارلار، ھىندونۇزىيىلىكلەر تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى، بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بەردى. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياجانلىق ھىكايىسىنى پەقەت يازماي تۇرالمايمەن.
2003- يىللىرىغۇ دەيمەن توردىن مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايالنىڭ قازاقىستاندىن يېڭىلا بېىۋالغان ئىككى ياشلىق قىزى رازىيەگە ئۇيغۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىتىش ئۈچۈن يارىدەم سورايدىغانلىقى يېزىلغان ئېدى. مەن دەرھال خەت يېزىپ يارىدەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. بۇ ئىككەيلەن خېتىمدىن شۇنداق …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[27 ماي 2011 | 4 Comments | 1,561 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
شەرق مىللەتلىرىدە شەخسنى ئومۇمنىڭ  كۆزى بىلەن باھالاش، كىشىلىك قىممەتنى ئاۋامنىڭ ئىتىراپىغا باغلاش بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇلاردا يۈز ئابروي قارىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە سىرىتنىڭ تەسىرىنى ئىزچىل يىمىرىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كەلگەن خەنسۇلاردا بۇنداق قاراش بەك كۈچلۈك. خاسلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى سىڭدۈرېتىشكە ماھىر خەنسۇ مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا كىملىكىنى يۇقاتمايدىغان  يەھۇدىلارنىمۇ مىللىي ئاشقازىنىدا يەم قىلىۋەتكەن. بىر قېتىم  دەرسىدىن كېيىن خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قانچە ئامېرىكىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگۇ ھەققدىكى سۇئاللىرىغان پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنسۇ بالىلار جاۋاپ بەردى، مەن بۇنداق سورۇنلاردا كەمسۆز بولۇشقا تىرىشىدىغان …