ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز- قىزىمىزنى ”ئامېرىكىچە“ تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
7. قىزىمىزنى ”ئامېرىكىچە“ تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟
بەلكىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە بۇنچە دىققەت قىلغانلىرىمغا قاراپ ”بۇلار بالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئامېرىكىلىقنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قانچىلىك تەربىيەلەپ كېتىۋاتقاندۇ“ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۈزىتىش، ھىس قىلىش باشقا گەپ، شۇلاردىن بايدىلىنىش پۈتۈنلەي باشقا گەپ ئىكەن. بىز بالىمىزغا تاماق يىگۈزەلمەي، يەسلىدىكى ئوقۇتۇقۇچىسىدىن سورۇدۇق. قىزىم يەسلىدە تاماق يەيدىكەن. نېمىشقا ئۆيدە تماق يىمەيدۇ؟ شۇندىن كېيىن قىزىمنىڭ يەسلىدە قىلىدىغان ئىشلىرى بىلەن ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم. قىزىم يەسلىدە تاماق يەپ بولۇپ قاچىسىنى ئۆزى يىغۇشتۇرىدىكەن، شىرەسىنى ئۆزى سۈرتىدىكەن. ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بولۇپ ئۆزى يۇغۇشتۇرىدىكەن. ”ئوقۇتقۇچىسى ”ئۇخلاش ۋاقتى بولدى“ دەپ بولغىچە يوتقىنىغا كىرىپ بولىدىكەن. ئەمما ئۆيدە يۇقارقى قىلىقلىرىدىن بىرنى قىلمايدۇ. پەقەت مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىر ئىشىنى ئۆيدە قىلدى. بىركۈنى يېنىمدىن ئۆتمەكچى بولۇپ ”دادا، كەچۈرىسەن، مەن ئۆتۈۋالاي“ دېگەننى ئېنگىلىزچە دېدى. ئەمما ئۇيغۇرچىسىنى شۇنچە ئۆگەتسەممۇ دېمىدى. چۈنكى بىز ئۆيدە ئەر خوتۇن بىر-بىرىمىزگە ئۇنداق تۈزۈت قىلىپ يۈرمەيدىكەنمىز. تۈزۈت قىلىشىمىغانىكەن، تۈزۈتكە لايىق گەپلەرمۇ بولمايدىكەن، بىز دەپ كۆنمىگەندىن كېيىن قىزىمىزمۇ ئۆگىنەلمەيدىكەن. (بىز تۈزۈتنى تونۇمىغان، ياكى زىيادە ھۆرمەتلىكلەرگە قىلىدىكەنمىز، ئامېرىكلىقلار يېقىنلىرىغا بەكرەك تۈزۈتلۈك مۇئامىلە قىلىدىكەن). بۇنىڭدىن شۇنى بىلدىمكى، ئىنسان كىچىكىدىن موھىتتىن ۋە باشقىلاردىن ئۆلگە ئالىدىكەن. قىزىمنىڭ مەكتەپتىكى موھىتى ھەركىم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان موھىت بولغاچ قىزىم ئىشىنى تېپىپ قىلالايدىكەن. ئەمما ئۆيدە ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىز قىلىپ بېرىمىز شۇڭا ئۆيدە قىلمايدىكەن. كۆپىنچە مەن ئۆيدە داستىخان سالمايدىغان، يىغمايدىغان بولغاچ ئۇمۇ تەبىئى ھالدا بۇ ئىشلارنى باشقا بىرنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارايدىكەن. بىز تۈزۈتلۈك سۆز قىلمىغاندىكىن بىزدىن ئۈلگە ئېلىپ بىزگىمۇ تۈزۈتلۈك گەپ قىلمايدىكەن. دېمەك ئىنسان كىچىكىدىن باشلاپ سورۇن ۋە سالاھىيەتكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. يەسلى قىزىمنىڭ نەزىرىدە يەسلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قارار چىقىرىدىغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان سورۇن. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى سالاھىيىتى باشقىلار بىلەن باراۋەر. ھەتتا ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىسمى بىلەنلا چاقىرىدۇ، بىللە ئۇينايدۇ، ئۇلارنى يا مۇئەللىم، يا ئاچا دەپ چاقىرمايدۇ. بۇنداق ھەر ئىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئۇنىڭغا بىر مۇستەقىل ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى بەرگەن. ئۆيدە بولسا ئۇنىڭ ھەممە ئىھتىياجلىرى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەممە ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنىدىغان، ئۇ دائىم يېتەكلىنىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان سورۇن شۇڭا بۇ يەردە ئۇنىڭ كۆپ ئىشقا باش قاتۇرىشىغا ۋە قول سېلىشىغا ھاجەت يوق. بۇ يەردە ئۇنىڭ سالاھىيىتى باشقۇرۇلغۇچى، قوغۇدالغۇچى، تەلەپلىرى قاندۇرۇلغۇچى شۇڭا ئۇنىڭ سالاھىيىتى پاسسىپ، تايانغۇچى. بىز قىزىمىزنى ھىچ بولمىسا تامىقنى ئامېرىكىلىق بالىلارغا ئوخشاش ئۆزى يىسۇن دەپ نەچچە ئون قېتىم دېيىشتۇق، ئەمما ئايالىم تاماق پىشقاندا مەسئۇدەنىڭ كەينىدىن قوشۇقنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈشنى ئىزچىل تاشلىيالمىدى. بۇنى قىلالمىغىنىمىزدىن قارىغاندا ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرىشىمىز تەس ئوخشايدۇ.
مەن بىزنىڭ تۈرك ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىگە ۋە ئامېرىكلىق دوستلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغىنىمدا ئامېرىكلىقلار بىلەن ئارىمىزدىكى بىر پەرققە دىققەت قىلدىم. بىز تۈرك ئۇيغۇرلار ساھىپخان بولغان ۋاقتىمىزدا بالىمىز بىلەن مىھماننىڭ بالىسى ئوينۇشۇپ جىدەل قىلسا ياكى بىر ئويۇنچۇقنى تالىشىپ قالسا ئورتاق ھالدا بالىمىزدىن گۇناھ ئۆتسۇن ئۆتمىسۇن ئۆز بالىمىزغا تەنبىھ، بېرىدكەنمىز. ھەدىسە گۇناھنى ئۆز بالىمىزدا قويىدىكەنمىز. مەن ھەتتا بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ”قىزىم خاتا قىلدى، كەچۈرۈم سورىسۇن“ دېسەممۇ ئۇنىماي ھىچ خاتا قىلمىغان قىزىنى جىملىدى. بۇ ئادەتنى ئەلۋەتتە بىز ۋەتەندىن كۆتۈرۈپ كەلگەن. ۋەتەنگە قايتساق قىزىمىزنىڭ بۇنداق مەدەنىيىتىمىز سەۋەبلىك باراۋەرسىز مۇئامىلىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ئادىتىمىزگە قاراپ مەن قىزىمنى ھەممە ئادەم، ھەممە جايدا بىر بىرى بىلەن مۇتلەق باراۋەر دېگەن ئامېرىكىچە روھتا تەربىيىلىيەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەر قانداق ئىشقا بىر ۋاقىت چېكى بېكىتىدىغانلىقىنى باشقتا دېگەنىدىم. ئەلۋەتتە مەنمۇ بالامنى شۇنداق ۋاقىتچان روھتا يېتىشتۈرمەكچى بولدۇم. ئەڭ ئاددىسى قىزىمنىڭ قورچاق پىلىم كۆرۈشىگە بىر قېتىمدا بىر سائەت دەپ تۈزۈم بېكىتتىم. ئەمما ئۆزەم كىتاپ ئوقۇپ ياكى باشقا ئىش قىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا بېكىتىپ بەرگەن ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالدىم. يەنە بىرى ۋاقىتنى تەكىتلىگەن بولساممۇ قىزىمنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاقىتنى چەكلىمىسىز ئۇزارتتىم. نەتىجىدە قىزىمىزغا بەلگىلىك ئىشنى چوقۇم بەلگىلەنگەن سائەتتە قىلىش كېرەك دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرۈپ بولالمىدۇق. بۇندىن باشقا ئامېركىلىقلارنىڭ مۇكاپات جازاسى ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان تۈزىمى بالىلرىغا كىچىكىدىن سىڭدۈرىلىدۇ. ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. ئەڭ ئاددىيسى قىزىمنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرالمىدۇق. سەۋەبى بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدىنى ئۆزىمىز چىدىماي بۇزۇپ قويۇپ قايتا ئۆتمەس قىلىپ قويدۇق. قارىغاندا قىزىمىزمۇ ھىسسىياتنىڭ ھەرقانداق پىرىنسىپ ۋە توساقلارنى يىمىرىپ تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ چوڭ بولسا كېرەك. مەن بۇلارنى قىلالمىدىم دېگىنىم باشقىلارنىمۇ قىلالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ بالىمىزنى ئۆزىمىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق، ئۆز ئايىمىزدىكى ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن دېيىشىمىزى ئاسان ئەمەسكەن. بىز بالىمىزدا ساغلام قىلىق يېتىدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز قىلىقلىرىمىزنىلا ئەمەس ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ۋە مەھەللمىزىدىكى ھەتتا مەكتەپتىكىلەرنىڭ قىلىقلىرىنىڭ توغرا-دۇرۇسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەككەن. بۇلارنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىنسان ئۆزىنىڭ يۇقارقى ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن ئىزچىل ئۇتۇققا ۋە ئىززەتكە ئېرىشدىغان ئەگەر ئۇلاردىن مەھرۇم قالسا ئىزچىل زىيان تارتىدىغان چوڭ موھىتنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەككەن. ئۇنداق بولمىغاندا بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرەر مەزگىللىك تىرىشچانلىقى جەمئىيەتنىڭ ئېقىمى ئالدىدا سۈپۈرۈلۈپ كەتكۈدەك. قارىغاندا قىزىم ئامېرىكىدا ئايالىم ئىككىمىز بىلەن ئۇزاق ياشىسا بىزدىن ئۆگىنەلمىگەنلىرىنى مەكتەپتە ۋە ساۋاقداشلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرى بىلەن تولۇقلاپ ئامېرىكىچە ئادەم بولالىسا كېرەك. بىزنىڭ تۇيغۇلىرىمىز ئاجايىپ مۇرەككەپ. بىر بولسا دەيمىز قىزىمىز ئامېرىكىلىقلاردەك مۇستەقىل، ئىجاتچان، باراۋەرچىل. ھۆرلۈكسۆيەر، تۈزۈمچان، ۋاقىتچان بولسىكەن دەيمىز. يەنە بىر بولسا قىزىمىزنىڭ ئامېرىلىكلىقلاردەك راھەتپەرەس، ئۆزۈمچىل، كۆيۈمسىز بولمىسىكەن دەيمىز. بەزىدە بالىلىرى ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئاتا ئانىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزبالىدەك ئەمەسلىكىدىن، ئۇغۇللىرىنىڭ ئائىلىگە مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن قاقشاشلىرىنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاڭلاپ قالىمەن. ئويلاپ باقسام ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن سۆيۈنىدىغىنى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكلىقلاردىن ئۆگىنەلمىگەن تەرەپلەرنى ئۆگىنىۋالغىنىدىن ئىكەن، قاقشايدىغىنى ئۇيغۇرلۇقنى ئۆگىتەلمىگىنىدىن ئىكەن.
داۋامى: يېزىلىدۇ.
بېشى: 6. يەسلىدىكى ”تەجرىبە“، ”تەتقىقات“ ۋە ئەدەپ
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!