Articles tagged with: Gulan
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ
بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىدە ئەرەبچە بەيتۇللاھ دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلاندى. خاتىپ بۇنىڭ ئېنگىلىزچە مەنىسىنى يېشىپ “ ئاللاھنىڭ ئۆيى “ دەپ چۈشەندۈرۈپ، مەسجىدنىڭ خاسىيىتى، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەبلىق قىلىۋاتقاندا ۋەتەندىكى بەيتۇللاغا ئۇچقان خىياللىرىمنى يىغالمىدىم. بەيتۇللاھ دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا يادىمغا قەھرىتاندىكى غۇلجام ۋە ”مەن ئۇيغۇرنىڭ!“ دېگىنىچە مەغرۇرانە سۈكۈتتە تۇرغان بەيتۇللا جامەسى كېلىدۇ. جامەنىڭ چىۋىننىڭ قانىتىدەك داغدىن خالى ئاق-سۈزۈكلىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىنى سېغىندۇرسا، مەغرۇر قەددى ئىلى پەرزەنتلىرىنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇرلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. خاتىپ تەسىرلىك دۇئانى باشلىىغاندىلا تۈگىمەس خىياللىرىمنىڭ نامىزىنى بەيتۇللادا چۈشىرىۋېتىپ جامائەت بىلەن ”ئامىن“ غا ئەگەشتىم. دۇئالاردىن ئېرىپ …
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »
ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟
– ”ئۇچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ كە باھا
ئاپتۇرى: گۇلەن
مەرھۇم ئا. مۇھەممەدئىمىن ئۇيغۇردا ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ۋە نوپۇزلۇق شەخس. ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىلىملەر نوقتىسىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ھوسۇللۇق ئەسەرلىرى دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن تېلۋىزور ۋە مەتبئاتلاردا كۆپ تەشۋىق قىلىندى. ئەسەرلىرى توختاۋسىز نەشىر قىلىندى. نەتىجىدە ئالىم ھاياتىدا نائىل بولمىغان نوپۇزغا ئېرشىتى. مەن بۇ يازمىدا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ”مىللەتلىك دەرىجىسى“ نى بېكىتكەن، “ ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا باھا بېرىپ ئۆتىمەن. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى دەرىجىسىنى بېكىتىپ …
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئاپتۇرى: گۇلەن
شىئېر ۋە تىل
مەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ دۇنياۋىي چوڭ تىللاردا شىئېر ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قىزغىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئوقۇرمەن دوستلۇرۇمنىڭ ئەدىپلەردىن شۇنداق بىر قابىلىيەتنى كۈتىشىگىمۇ ئاۋاز قوشىمەن. ئەلۋەتتە بىزدىن ئاشۇنداق دۇنياۋىي تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلالايدىغانلارنىڭ چىقىشى ھەممىمىزنىڭ ئارمانى. ۋاھالەنكى، يات تىلدا شىئېر يېزىش قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن، قانداق ئەھۋالدا مۇمكىنلىكتىن يىراق؟ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇنى ئىلىم نوقتىسىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئارمانلا قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ئەۋەتتە. مەن تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي. [/color]
يات تىلنى بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېگىلىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن يات تىلدا شىئېر يازالىشى مۇتلەق مۇمكىن. …
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »
سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟
ئاپتۇرى: گۇلەن
ھېيىت كەلدى، ھەر قېتىم ھېيىت كەلسە ئايالىم ھاياجانلىنىدۇ. بالام كىچىك بولغاچقىمۇ يا ئەتراپىدا ھېيىت كەيپىياتى بولمىغاچقمۇ قورچاق كۆرۈش بىلەن بەنت، بولىدۇ. مەن نېمە ئۈچۈن خوشال بولالماس بولۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالمىسىلا ئايالىمغا ئۈنسىز ئەگىشىمەن. ئۇنىڭغا خوش بولۇشۇپ بەرسەم كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپىدۇ. ئۆيدىكىلەر ھېيىتلىق تېلىفون ساقلايدۇ، ھېيىتقا مۇناسىپ بولالمىغان كەيپىياتىم بىلەن ئۇلارنىڭ سېغىنىشلىق ئىزگۈ سالاملىرىغا جۆر بولۇپ بولالماي قىينىلىمەن. ماڭا ئەسلىمەمدىكى دىكى ھېيتتىن قالغىنى دادام بىلەن ئوقۇغان ھېيىت نامىزى ۋە جامائەتنىڭ سۈرلۈك ۋە مۇڭلۇق تەكبىرىدىن ھىس قىلغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى. ماڭا بۇ تۇيغىدا بولغىلى ئەسىرلەر …
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئاپتۇرى: گۇلەن
ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا
2000-يىلى ”ئانا يۇرت“ نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنىرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمدا سوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى ھەرخىل كەيپىياتتا گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قۇماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سۇراشتۇرۇپ چىقتى. بىز ”ئانا يۇرت“تا تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال …
ئامرىكدىكى ئىشلار, توردىن تەمەچلەر, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
قەشقەرچە رىۋايەت ۋە ئۇيغۇرچە مەپكۇرە
تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى
قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى
قەشقەردىكى تاماشابىنلار
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
ئۈرۈمچىدە تالاشتا قالغان ئامېرىكىلىق
ئامېرىكىدا ”مەشرەپ“
ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟
ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا
سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟
شىئېر ۋە تىل
ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟ – – ”ئۇچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ كە باھا
تۈركىيەدىكى نورۇزۇم
مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسىلىلەر
ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئاپتۇرى: گۇلەن
ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟
-ئامېرىكىنى ”شەيتان“ دېگەن ئۇكا ئاغىنەمگە
قەدىرلىك ئۇكام؛
بۈگۈن ئانامدىن سېنىڭ تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىڭنى، ئادىتىڭ بويىچە ئانامنى يۇقلاپ كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ بەك مەمنۇن بولدۇم. ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن، ئىمانىڭنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئەقلىڭنى يەنىمۇ يۈكسەك قىلسۇن. ئانامنىڭ دېيىشىچە سەن مېنىڭ ”ئەگەر ئوقۇيمەن دەپ نىيەت قىلغان بولسا ئامېرىكىغا كەلسۇن، ئەگەر مەقسىدى ھەج قىلىش بولسا ئەرەبىستانغا بارسا مەيلى“ دېگىنىمگە قايىل ئەمەسكەنسەن. ئەگەر تېلىپۇننى ئامېرىكىدىن قىلمىغان بولسام، تازا بىر تەنبىھ بەرمەكچىكەنسەن. ئالدى بىلەن ساڭا شۇنى دەي. مەن مەيلى قەيەردىن تېلىپۇن قىلاي، كىملەرنىڭدۇر ئاڭلاپ قېلىشدىن قورقۇپ ئىستىگەنلىرىمنى دېيەلمەي قالمايمەن. چۈنكى مەندە باشقىلاردىن قورقۇپ يوشۇرىدىغان بىر گەپ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئاپتۇرى: گۇلەن
مەيلى كىم بولسۇن، قايسى ئىقلىمىدا ياشىسۇن، دۇنيادايىغىلىش، سورۇنلارسىز ئىنسان ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەرس. بولۇپمۇ ئۇيغۇرغائوخشاش جامائەتچىلىك ئېڭى ئالاھىدە كۈچلۈك مىللەتلەردە ئىنساننىڭ ئۆز سورۇن، مەشرەپلىرىدىن مۇستەسنا يالغۇز-يىگانەياشىشى تەسەۋۋۇردىن تولىمۇ يىراق. 2000-يىللىرى ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپكەخىزمەتكە ماڭغىنىمدا بىر دوستۇم ”ئۇ يەردە يالغۇز زېرىكمەمسەن؟“ دېگەنتى. بۇسۇئال ماڭا بىر قارىماققا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى، يەنە بىر ئويلىسام تولىمۇقىزىق. ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر يوق يەر نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەر بولۇپ كەتسىمۇ ”ئادەم يوق، زېرىكىشلىك“ بولاتتى. ئىچكىرىدە خىزمەت بىلەن يۈرۈپ خەنسۇلارنىڭسورۇنلىرىنىمۇ جىق كۆردۈم، لېكىن توختىماي گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىدىغان يېرى ياقمىدى. بۇنداق سورۇنلاردا گەپ بىلەن نەپ پاسلاشتۇرىلاتتى. سورۇن، ھاراق …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
يىڭىلاش: 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر قىسىم مەزمۇنلار قايتىدىن تەھرىرلەندى.
ئۈرۈمچىدە تالاشتا قالغان ئامېرىكىلىق
ئاپتۇرى: گۇلەن
ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ نەزىردىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى
يېقىندا ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن تېكساسلىق جەيسېننىڭ فەيىسبۇك(دوستلۇشۇش تورى) قا چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. رەسىمدە ئۇ ئۆزىنى قارىمايدىن ئىزدەپ كېلىپ مىھمان قىلغان بىر توپقازاق قىزلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. قىزلارنىڭ كىينىشى ئامرىكىدىكى كېچىلىك كۇلۇپتا ئوينايدىغان قىزلاردىنمۇ بەكرەك ئامېرىكىچە ئېدى. جەيسېن ئەسلى ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ دوستى بىلەن تونۇشىدىكەن. بىۋاستە تونۇشمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ قەدەر قىزغىن ئىزدەشلىرىگە ئانچە كۆنۈك بولمىغان بۇ بۇرادەر تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئاق ھاراقنى ئۇ قىزلار بىلەن تەڭ ئىچەلمەي مەسخىرىگە قالغانلىقى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
1. ئامېرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت
2. ”مەن قەشقەرلىك“
3. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
4. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى
5. يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق
6. يەسلىدىكى ”تەجرىبە“، ”تەتقىقات“ ۋە ئەدەپ
7. قىزىمىزنى ”ئامېرىكىچە“ تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟
داۋامى يېزىلىدۇ.
ئەگەر بۇنى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز يەنە گۇلەننىڭ تۈۋەندىكى يازمىلىرىنى ياخشى كۆرىشىڭىز مۇمكىن:
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار ( 23 باپ يېزىلىپ بولدى)
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
2. ئىزدىنىش سەپىرى
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
4. نېمە قىلىش كىرەك؟
5. يول قايان؟
6. خەير دوستلار
7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى
8. سالام، ھۆر شىتات
9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
10. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم
11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا
16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى …