باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟

31 يانۋار 2011 2,716 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس

ئاپتۇرى: گۇلەن

ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟
-ئامېرىكىنى ”شەيتان“ دېگەن ئۇكا ئاغىنەمگە

قەدىرلىك ئۇكام؛

بۈگۈن ئانامدىن سېنىڭ تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىڭنى، ئادىتىڭ بويىچە ئانامنى يۇقلاپ كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ بەك مەمنۇن بولدۇم. ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن، ئىمانىڭنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئەقلىڭنى يەنىمۇ يۈكسەك قىلسۇن. ئانامنىڭ دېيىشىچە سەن مېنىڭ ”ئەگەر ئوقۇيمەن دەپ نىيەت قىلغان بولسا ئامېرىكىغا كەلسۇن، ئەگەر مەقسىدى ھەج قىلىش بولسا ئەرەبىستانغا بارسا مەيلى“ دېگىنىمگە قايىل ئەمەسكەنسەن. ئەگەر تېلىپۇننى ئامېرىكىدىن قىلمىغان بولسام، تازا بىر تەنبىھ بەرمەكچىكەنسەن. ئالدى بىلەن ساڭا شۇنى دەي. مەن مەيلى قەيەردىن تېلىپۇن قىلاي، كىملەرنىڭدۇر ئاڭلاپ قېلىشدىن قورقۇپ ئىستىگەنلىرىمنى دېيەلمەي قالمايمەن. چۈنكى مەندە باشقىلاردىن قورقۇپ يوشۇرىدىغان بىر گەپ يوق. ئويلىغانلىرىمنى ئەزەلدىن يوشۇرماي دەپ كەلدىم، بۇندىن كېيىنمۇ دەيمەن. ساڭا ئوخشاش مېنى قەدىرلەيدىغانلار تېلىپۇندا ماڭا ”يوق ئىشلارغا ئارىلشما، ئادەم جىق يەرگە بارما، گەپ قىلغاندا ئەتراپىڭغا باق، سەن كەتكەن بىلەن بىز بۇ يەردە، بىزنى خاتىرجەم ياشىغىنى قوي، دۆلىتىمىز شىنجاڭغا ئۇنداق يارىدەم بېرىۋاتىدۇ، بۇنداق يۆلەۋاتىدۇ…“ دەپ كېتىسىلەر. ئادەتتىكىچە ئەھۋال سورىساممۇ سۆزۈڭلارنىڭ بىسمىللاھسى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى، كومپارتىيەنى مەھىيەش بىلەن باشلىنىدۇ. مەن گېپىڭلارنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ جوڭگۇلۇق دوستلىرىمغا ئاڭلاتتىم، ئۇلار بۇنداق سۆزلەرنى ”مەدەنىيەت ئىنقىلابى“ تەسۋىرلەرنگەن كىنولاردىنلا ئاڭلىغانىكەن. يا مەن سەۋەبلىك سىلەرنى مۇشۇ كۈنگىچە بىرەر قاسقان شەپكىلىك ئىزدەپ كەلمىسە، يا مەن بىرەر كۈن دېگەنلىرىم سەۋەپلىك ھەپسىگە كىرمىسەم، مېنىڭ ئامېرىكىدىن قىلغان تېلىپۇنۇمدىن نېمانچە ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر؟ شۇڭا  ھەرقانداق گەپ بولسا تېلىپۇندا ئوچۇق دە، تېلىپۇندا ئوچۇق دېيەلمەيدىغان گەپلىرىڭىنى ماڭا مەڭگۈ دېمە، مەن ھىچكىمنىڭ ئوچۇق دېيەلمەس سىرلىرىغا شىرىك بولالمايمەن. ئاڭلىشىمچە سەن مېنىڭ ئامېرىكىغا كەلگىنىمنى ”مودا قوغلاشقانلىق“، ”غەرپكە چوقۇنغانلىق“ دەپ چۈشىنىدىكەنسەن. “ ئىمان بىلەن ياشاشقا ۋە ئۇقۇشقا ماس كېلىدىغان شۇنچە جىق مۇسۇلمان دۆلىتى تۇرسا بارىدىغانغا يەر چىقمىغاندەك ئامېرىكىغا كەتتى“ دەپسەن. گەپ چوقۇنۇش ھەققىدە دېيىلگەنىكەن، ساڭا شۇنى ئوچۇقلاي، مەن قىبلىگە يەنى غەرپكە قاراپ سەجدە قىلىمەن. سېنىڭ قىبلەڭ شەرقتە بولسا يول بولسۇن. مەن مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە قىبلىدىن باشقا تەرەپكە سەجدە قىلمىدىم، ئاللاھتىن باشقىغا يۈكۈنمۈدۈم. ئۆزىنى  باشقىلارغا خۇدا دېگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان، يېزىۋاتقان، سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ئادەتتىكى ئازغۇچى بەندىلىكىنى ئېسىگە سالغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتتىن ئىككى قېتىم ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ھېلىمۇ پات-پات كۆرەلمەس، قىتىغۇر، پۇتاقچى دېگەن توھمەتلەرگە ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمەن. گۇناھىم شەخسكە ۋە شەخسلەر چوقۇنۇنغان تەرەپكە چوقۇنمىغانلىقىمدۇر. سەن موداغا ئەگەشتى دەپ قاپسەن، مەنمۇ بىر ئازغۇچى ئىنسان بولغاچقا زاماندا ئاققاننى خەلققە ياققاننى قىلىشتىن پۈتۈنلەي خالى بولالمىدىم، ئەمما ئامېرىكىغا كېلىشىم مودىدىن ئەمەس. ساڭا دېسەم مەن ئامېرىكىدا ئوقۇشنى قارار قىغىنىمدا ئامېرىكىغا كېلىش مودا ئەمەس ئېدى، ھازىركەتمەسلىك مودا. ئەگەر ئەينى چاغدا ھازىرقىدەك كەتمەسكە كېلىش مودا بولسا ئېدى كەلمىگەن بولاتتىم. مانا ھازىرقى مودىغا ئەگەشمىگىنىم ئۈچۈن كېتىمەن دەپ يا ۋەتەندىكىلەرنى يا بۇ يەردىكىلەرنى ئىشەندۈرەلمەي يۈرىمەن. چۈنكى بىزنىڭ كالامىمىز خەق قىغاننى ئەمەس، ھەق بۇيرىغاننى تەۋسىيە قىلىدۇ. سەن بىلمىسەڭ كېرەك، بىزنىڭ موھتىمىزدا بەندە بولۇش ئەمەس خۇدا بولۇش مودا، ئىلىمدار بولۇش ئەمەس ئەمەلدار بولۇش مودا، ئادەم بولۇش ئەمەس ئادەمخور بولۇش مودا. سورۇنلارغا بارساڭ خەق سېنىڭ خىزمەت ئورنۇڭغا، ئەمىلىڭگە، پۇلۇڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ھىچ كىم سېنىڭ نەدە ئوقۇغۇنۇڭ بىلەن ھىساپلاشمايدۇ، ئۇنۇۋانىڭغا، مۇئاشىڭغا قارايدۇ. خەق ساڭا تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچۇڭنىڭ نېمە ئىش قىلالىغىنى بىلەن ئەمەس، قانداق ئەمەل تۇتالىغىنى باھا بېرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ھىچ كىمنىڭ لاياقەتلىك پۇقرا، دىيانەتلىك ئىنسان بولغۇسى يوق، ئۇلارنىڭ نىشانىچە يا چوڭ بېلىق بولۇپ يۇتىسەن ياكى كىچىك بېلىق بولۇپ يۇتۇلىسەن. سەنچە ”ئىمان بىلەن ياشاشقا ماس“ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھالى يۇقارقىدەك ئەمەسمۇ؟ ساڭا بىر مىسال كەلتۈرەي. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن تاپشۇرۇقۇمنى كۆچۈرىۋالغىنى ئۈچ ئەرەبىستانلىق، بىر جوڭگۇلۇق. مەن پاراڭلاشقان ئوقۇتۇقۇچىلارنىڭ ئورتاق قارىشىدا ئىمتىھاندا كۆچۈرىدېغىنى خەنسۇ ۋە ئەرەپ. مەكتىپىمىزدە ئەرەبىستانلىق بىلەن جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئەڭ كۆپ ئالىدىغان ئىنگىلىز تىلى مەركىزىدە ئوقۇش پۈتكۈزەلمەي ئەڭ ئۇزاق ئوقۇيالايدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارغا ئاتا ئانىسى پۇلنى چەكلىمىسىز بېرىدۇ، چۈنكى بۇ پۇللار ئۇلارنىڭ چۆنتەكلىرىگە مىھنەتسىز، چەكلىمىسىز  كىرگەن. ئۇلار ئەڭ قىممەت ماشىنىنى نەخ پۇلغا ئالالايدۇ ۋە قائىدىگە ئەڭ كۆپ خىلاپلىق قىلىپ ئەڭ كۆپ جەرىمانە تۆلىيەلەيدۇ. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تىزىملىتىش ئىشخانىسى (بۇ يەرگە ئوقۇغۇچىلار دەرسكە تىزىملىتىش، دەرستىن چېكىنىش، دېپلۇم.. قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كىرىدۇ) غا يېزىلغان ئەرەبچە ۋە خەنسۇچە ”ئۆچىرەتتە تۇرۇڭ“ دېگەن خەتنى كۆردۈم. مەن بېيجىڭدا بىر قېرىنداشقا ۋىزا بېجرىشىپ بەرگىلى بېرىپ ئەڭ قوپال مۇئامىلىنى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىن كۆرگەنىدىم. سەندىن سوراپ باقاي، بىزنىڭ دىنىمىزدا ئىنسان ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلى ئەمەسمىدى؟ ئەجەبا ۋەكىلىنى دۈشكەللىگەنلىك ئېگىمىزنى مىننەتدار قىلامدۇ؟ قۇرئاننى قانۇن قىلغان دۆلەتنىڭ پەرزەنتىلىرى تاپشۇرۇقتا كۆچۈرمىچىلىك قىلسا، ئۇلارنى ئىمان بىلەن ياشاۋاتقان دېيەلەمدۇق؟ كوڭزىچىلىقنىڭ ”ئەدەپ“ تەربىيىسىنى ئىككى مىڭ يىل كۆرگەن بىر مىللەت نېمىشقا ئۆچرەتتىكى ئەدەپنى ئۆگىنەلمىدى؟ بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى ئالى مەكتەپكىچە ئالغان ”جوڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاق“ تەربىيىسى نېمىشقا بىزگە ساختىلىق قىلماسلىقتەك ئەڭ ئەقەللى ئەخلاقنى ئۆگىتەلمىدى؟ يۇقارقى ئوخشىمىغان ئىدولوگىيەگە تەۋە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قىلىقى نېمىشقا شۇنچە ئوخشىشىدۇ؟ بۈگۈن جۈمە خۇتبەسىدە ئىمام سەن سۆيۈنگەن بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ھۆكۈمدارىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكىنى ئالقىشلىدى. مەزكۇر ھۆكۈمدار خاتىبىمىز تۇغۇلغاندىن بېرى ھاكىمىيەت سۈرگەنىكەن. بۇ ھۆكۈمداردىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل بەزى كىشىلەر بەك رازىكەندۇق. بۇ دۆلەت ئىختىسادنى گۈللەندۈرۈپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپتۇ. خاتىپ بۇنى ”ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى دۇنيا مەئىشەتلىرى بىلەن پەردىلەپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجلىرىنى ماددىي پاراغەتكە بۇرىۋەتتى. نەتىجىدە بۇ دۆلەت ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىختىسادى ئەڭ گۈللەنگەن شۇنداقلا بۇزۇقچىلىق ئەڭ يامرىغان دۆلەتكە ئايلاندى. ماددىي پاراغەت سەۋەبىدىنلا كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ چىرىك، مۇستەبىتلىكىگە سەبرى قىلىپ كەلگەن ئېدى. دۇنياۋىي كىرزىس سەۋەبلىك دۆلەت نامراتلىشىپ، تەمىنلەنگەن مەئىشەت توختىغان زامان خەلق كوچىغا چىقىپ نەچچە ئون يىل بوغۇلغان مەنىۋىي ئىھتىياجلىرىنى بىراقلا پارتلاتتى“. سان پىرانسىسكودا ياشاۋاتقان مەشھۇر ئۆلىما ھەمزە يۈسۈپنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار “ مەن مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەمەس غەرپتە مۇسۇلمان بولۇپ ياشىسام دەيمەن، چۈنكى غەرپتە ئىجازەت بېرىلگەن مۇسۇلمانلىق يولى مۇسۇلمانلىق يولىغا يېقىنراقتۇر“.

“I would rather to live as a Muslim in the West than in the most of Muslim countries, because the way Muslims are allowed to live in the West is closer to the Muslim way”

سەن ئېنگىلىزچىنى ياخشى بىلىسەن، شۇڭا دېگەنلىرىمگە شۈبھەڭ قالمىسۇن ئۈچۈن ئەسلى مەزمۇننى كۆچۈرۈپ قويدۇم. ھەمزە يۈسۈپ ئەلجەزىرە تېلىزىيەسىدە رىزخان بىلەن قىلغان مۇلاقاتتا يۇقاردا دېگەنلىرىنى مۇنداق نوقتىلاردا ئوچۇقلىدى. بىرىى، ئامېرىكىدا ئىنسانلار ئۆزى خالىغان دىنغا، ھىچ بىر چەكلىمە ۋە قۇرقۇنچسىز ئىتىقاد قىلالايدۇ، دىن ھەققدىكى پىكىرلىرنى خالىغانچە ئىپادە قىلالايدۇ. كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلار ئىتىقادىغا ئالاقىدار پەرقلىق چۈشەنچىلىرىنى ئىپادە قىلغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك غايىپ بولىدۇ ياكى تۇتۇپ كېتىلىدۇ. غەرپنىڭ مۇكەممەل ئەدىلىيە سېستىمىسى ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەدىلىيە سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئىنسان ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ قوغۇدالمايدۇ. ئەگەر ئىنسان ھوقۇقىنى قوغۇدېماقچى بولسا پارا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ… بۇلار ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرى. مەن ئەرەبىستانلىق، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى چۈشەنچىلىرىنى مەسجىددە بىر بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلاشقانلىرىنى كۆرگەندە ھەيران قالغانمەن. (چۈنكى ئامېرىكىدا ئىككى ئەرنىڭ ئۇنداق يېقىن پىچىرلىشىشلىرى كىشىگە جىنىسبازلارنى ئەسلىدىتىدۇ، نورمال كىشىلەر سىياسى چۈشەنچىلىرىنى ئۇنداق پىچىرلاپ سۆزلەشمەيدۇ) گەرچە ئۇلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ماڭا نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ھۆكۈمدارلىرى قەلبىگە تېرىغان قورقۇنچنى ھىچ يوقۇتالمىغاندەك تۇيۇلدى. بەزى خۇتبىدىكى سۆزلەردىن ئۇلارنىڭ ئالاقىزادە بولۇپ بىر برىگە قاراپ كەتكەنلىرىنى كۆرگىنىمدە نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئاللاھ قورقۇنچىنى ئەمەس ئىنسان قورقۇنچىنى موھۈرلىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن. سەن شۇنىڭغا ئىشىنەلمەيسەن بەلكى، مەن نىيويورك كوچىلىرىدا، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە پارتىلىتېۋىتىلگەن قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا ئەر ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ يولدىلا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھىچكىم ھەيرانمۇ قالمىدى. ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى يۇتىيۇبتىنمۇ تاپالايسەن، ئىشەنمىسەڭ كۆرۈپ باق. يەنە شۇ نيويوركتا بىر بۆلۈك ئامېرىكلىق مۇسۇلمانلار تېرورچىلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ ۋاراقچە تارقاتتى. مۇخبىرغا “ مەن بىن لادىننى ياقتۇرىمەن، ئۇ ئۇلۇق ئىنسان“ دېگەن كۆرۈنۈشلەرنى تېلۋىزوردىن كۆردۈم. پىكىر ئەركىنلىكى دېگەن مانا شۇ. شۇنىڭغا ئىشەنكى، مەن بۇ يەردە ھىچ قايسى دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلمايۋاتىمەن. پەقەت كۆرگەنلىرىمنى سەن بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمەن. ئەرەبىستاندا ئوقۇشنى قارار قىلغان بولساڭ مېنىڭ باشقا گېپىم يوق. يۇقارىدا دەپ ئۆتكەندەك جوڭگۇلۇقلار بىلەن ئەرەبىستانلىقلارنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىقلىرى جىق ئورتاق. شۇڭا ئاسان كۆنۈپ كېتىسەن.  قارىغاندا مەسلىھەتنى بۇيرۇق دەپ چۈشۈنۈپ قاپسەن. ئامېرىكىدا ئارمىيەدىن بۆلەك يەردە ئىنساننىڭ مۇرەسسەسىز بۇيرۇق بېرىشى ۋە ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەنچە ئەرەبىستاندا ئوقۇشۇڭنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئوقۇشۇمنى ئىنكار قىلىشىڭنىڭ ھىچ زۆرۈرىيىتى يوق.  ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ مەن تۇرۇۋاتقان ئامېرىكنى ”شەيتان“ غا چىقىرىشتىمۇ ئۆزەڭگە ئوخشاشلاردىن باشقالارنى قايىل قىلغۇدەك ئاساسىڭنىڭ بارلىقىغىمۇ گۇمانىم بار. ئەگەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ، شەيتاننىڭ نېمىلىكىنى ماڭا قايىل قىلارلىق دەپ بېرەلىسەڭ سېنىڭ قويغان ”ساقىلىڭ“ غا ھۆرمەت قىلىپ، سۆزۈڭنى خاتا بولسۇن توغرا بولسۇن داۋاملىق ئاخرىغىچە تىڭشايمەن.

تۈگىدى.

گۇلەننىڭ توردىكى يازمىلىرى جۇغلانمىسى بۇ بەتتە بار.

7 ئىنكاس بار »

  • ئاقتۇرك :

    مۇشۇ ساقالنى ئۇزۇن قويۋېلىپ بالىنى كوچىدىن تېپۋالغاندەك باقىدىغان سۆز قىلسا كاپىىر – مۇسۇماندىن چۇشىدىغانلار نىڭ ھېچ بىر بىلمىنىڭ تايىنى يوق . كالىسى كاپىر – مۇسۇمان بىلەن توشاپ كەتكەن باشقىا ئورۇن يوق

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » * ئىللەت تۈزەلمەي مىللەت تۈزەلمەس » ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟ :

    [...] مەنبە: جېك بلوگى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 10 August 2011 ئاپتۇر: Alnoor024 تەۋە سەھىپە: * ئىللەت تۈزەلمەي مىللەت تۈزەلمەس [...]

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » * ئىللەت تۈزەلمەي مىللەت تۈزەلمەس » ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار :

    [...] گۇلەننىڭ بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تىمىلىرى: ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز ئۈرۈمچىدە تالاشتا قالغان ئامېرىكىلىق ئامېرىكىدا ”مەشرەپ“ ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟ [...]

  • Jeck Blog » Blog Archive » ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار :

    [...] گۇلەننىڭ بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تىمىلىرى: ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز ئۈرۈمچىدە تالاشتا قالغان ئامېرىكىلىق ئامېرىكىدا ”مەشرەپ“ ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟ [...]

  • ۋولقان :

    ئامىركا «شەيتان» ئەمەسمۇ؟
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    ھۆرمەتلىك «ئامىركا شەيتانمۇ؟» دەپ سۇئال قويغان ئاكاشلارغا:
    ئاكا خىتىڭنى كۆرگەندىن كىيىن كۆڭلىم شۈنچىلىك يۈرۈپ كەتتى، چۈنكى سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېيتىپ بىرىپسەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئاكا سىنىڭ خىتىڭدىكى « ئوقىماقچى بولسا ئامىركىغا كەلسۈن، ھەج قىلماقچى بولسا مەككىگە بارسا مەيلى» دىگەن گىپىڭنى «شەرىئەت ئۈگەنمەكچى بولسا ئەزھەرگە بارسۇن، تەبىئەت ئۈگەنمەكچى بولسا خارۋاردقا» دەپ چۈشەندىم. چۈنكى مىنىڭ سەئۇدىغا (ياكى مىسىردىكى ئەزھەرگە) بىرىشىم سەن ئېيتقان شۇ ئەرەبىستانلىقلارنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ھەق دىنى ئىسلامنى ئۈگۈنىش (ۋەياكى پادشاھ ئۈنىۋېرسىتىتىدا ئىلىم ئىلىش ئۈچۈن). ئاكا سەل كاللام ئىچىلغاندىن كىيىن سنىڭ ئامىركىدا ئوقۇشۇڭنى تېخىمۇ قوللاش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئەينى زاماندا يۇنانلىق كۆپ خۇدالىق دىندىكى ئۇستازى ئارىستوتىلدىن ئىلىم ئالغانكەن. ئىسلام دۇنياسى يىقىنقى ئەسىرلەردە ھەرقايسى جەھەتلەردە كۆپ ئارقىدا قالدى، شۇ ۋەجىدىن ئىلىم مەرىپەت جەھەتتىكى ئورنىنىمۇ قولدىن بىرىپ قويدى. ھازىر بىزدە ئەڭ كەم نەرسە دەل ھەرقايسى پەن ساھەسىدىكى يىڭى بىلىملەر، بولۇپمۇ تەبىئەت، سانائەت پەنلىرى. شۇڭا سىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ مۇسۇلمانلار ئىچىدىن چىققان ياخشى ئالىم بولۇشىڭنى تىلەيمەن (چۈنكى ئامىركا ئىجتىمائىي پەندىمۇ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، سىنىڭ كەسپىڭگە ئائىت ئالىملارنىڭ ئىچىدە چومىسكى يادىمدا ئەڭ قالغانلارنىڭ بىرى). ئەگەر مەن دىنى ئىلىم ئەمەس، دۇنيالىق ئىلىملىرىنى ئۈگەنمەكچى بولسام چوقۇم يىنىڭغا ئامىركىغا بارىمەن. چۈنكى ئۇيەردە دۇنيالىق ئىلىملىرىنىڭ كانى بار. ئاكا سەن خىتىڭدا ئامىركا ۋە ئامىركىلىقلارنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلەرنى، 11سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەن بىنانىڭ ئەتراپىدا، يول ئۈستىدىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقىيالايدىغانلىقىنى، مەكتىۋىڭدىكى ئەرەب ۋە جۇڭگۇلۇق ئوقوغۇچىلارنىڭ قانداق ناچارلىقىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنى تەقۋادار دەپ ھىسابلايدىغان ئەرەبلەر بىلەن دىنسىزلىق تەربىيەسىدە چوڭ بولغان خەنزۇلارنىڭ نەقەدەر ئوخشاشلىقىلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپسەن. مەن ساڭا ئۇلارنىڭ (سەئۇدىلىق ۋە باشقا ئەرەبلەرنىڭ) سەندىگەندىمۇ كۆپ ناچار تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بىرەيمۇ؟ ئەگەر ساڭا ھەقىقەتەن كىرەك بولسا؟. ئامىركىنىڭ ياخشىلىقلىرى ھەققىدە توختالساق بەلكىم سەن دىگەندىمۇ كۆپ ياخشىلىقلىرى بولسا كىرەك. ئۇلار ئىلىم پەن جەھەتتە ئىنسانىيەت 5000 يىللىق تارىخىدا قولغا كەلتۈرمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇلار ئىجتىمائىي، ئادىمىيەت، سانائەت، تەبىئەت پەنلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە بۈيۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «ماي گۈلى» ناملىق كىمىدە ئامىركىغا كەلگەن تۈنجى پىروستەنتلارنىڭ غايسىنى ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارئۈچۈن «كانئان»نى قۇرۇپ چىقتى. ئامىركىلىقلار يەنە ئۆزلىرىدە ئاز بولمىغان ئەقەللىي ئىنساندا بولۇشقا تىگىلىش ئىنسانى پەزىلەتنى يىتىلدۈردى (گەرچە ئامىركا ھۆكىمىتىدە بۇخىل ئىنسانىلىقتىن ئەسەر تىپىلمىسىمۇ). ئۇلارنىڭ بۇتەرەپلىرىگە دۇنىيادىكى ھەرقانداق بىر قەۋىم ياكى شەخىس كۆز يۇمالمايدۇ. ماڭا تەسىر قىلغان ئىشلاردىن بىرى ئامىركا ئىراققا ئۇرۇش ئىچىش نىيىتىنى ئاشكارلاپ، تاجاۋۇز قىلىش كۈنلىرىگە ئاز قالغاندا بىر قىسىم ئامىركىلىق ئىنسان ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى ۋە بىر تۈركۈم شەخىسلەر قەدىمى مەدەنىيەت بۆشىكى باغدادقا كىلىپ ئادەم سىپىلى ھاسىل قىلىپ ئامىركىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقغا قارىشى تۇرغان ئىدى. ئىنسانىلىقتا ئۇلاردىكى نۇرغۇن شەخىسلەر بەلكىم كۈندە ئاللاھ دەپ، بەشۋاخ نامازنى تەرىك قىلمايدىغان نۇرغۇن مۇسۇلمانلاردىن، ھەتتا ئاللاھنىڭ مۇقەددەس ماكانىغا بىرىپ شۈنچە مۆجىزاتلارغا شاھىد بولغان ھاجىلاردىن، «ئىننەمەل مۆئمىنۇن ئىخۋەتۇن (مۆئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قىرىنداشلاردۇر)» دەپ دەۋا قىلىۋاتقان ئۆز زىمىنلىرىدىن ئۇچۇپ چىققان ئامىركا ئايرۇپىلانلىرى ئىراقتىكى، ئافغانىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى، ئۆزلىرىنىڭ قىرىنداشلىرىنى قىرغىن قىلىشى ئۈچۈن بازا تەمىللىگەن شۇ مۇستەبىتلەردىن ياخشى بولىشى مومكىن. چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە ھەمدە دۇنىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەلھەمدۇللاھ مۇسۇلمانمەن، خۇدايىم بۇيرىسا، خۇدا ھەققى دەپ گىپىگە سىنى ئىشەندۈرىدىغان، ئودىلىڭدىن ئۆتتىمۇ ئىغىزدىن چىققىنىغا ئىگە بولالمايدىغان داموللا، ھاجىلىرىمىز، سەن كۆرگەندەك «بىر مۆئمىندە خيانەتكارلىق بىلەن يالغانچلىقتىن باشقا بارلىق يامان خۇي تېپىلىشى مومكىن» (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان 22224) دىگەن ھەدىسنى يادلاپ شاما قىلىۋەتكەن ئىمتىھاندا ئالدامچلىق، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ ئىلىمگە خيانەت قىلىدىغان ئەرەبلەردەك مۇسۇلمانلىرىمىز كۈرمىڭ. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇ سەن بىلەن بىز ئويلىندىغان مەسىلىلەر.
    ئاكا سەن خىتىڭدە سانفىرانسىسكودىكى بىر شەيىخنىڭ مۇلاقىتىدىن نەقىل ئاپسەن، ئېيتقانلىرىغا مەنمۇ قوشىلىمەن. مەن ئامىركىدا بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلامىيتىنى ساقلاپ ياشاشقا، دەۋرىمىزدىكى خىلى كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك، كەڭ دائىر بەلگىلەپ بىرىلگەنلىكىنى بىلىمەن. لىكىن سەن بىلەن مەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھىچ بىرى شەرىئەت ئىستىلاسىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە كىرمەيدۇ. كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلىتىدىكى ھاكىمىيەتلەر ھەتتاكى ئاساسى قانۇنىغا ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» يەنى شەرىئەت قانۇن تۇرغۇزۇش ئاساسى دەپ يىزىپ قويغان بولسىمۇ. بىر نەرسە ئىسىڭدە بولسۇن، بۇ ئىككىسىنى سىلىشتۇرغاندا بىرىنىڭ سىزىپ بەرگەن دائىرسى كىچىك (مۇستەبىتلەرنىڭ)، يەنە بىرىنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىسى چوڭ، ئەمما ماھىيەت ئوخشاش. پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار» (سۈرە ئەئراف 123) ئاكا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارغا دائىر بەلگىلەپ بىرىش ھوقوقى باردەپ قارايدۇ، ئۇلار بۇ نوقتىدا فىرئەۋىن بىلەن ئورتاقالىققا ئىگە. ئاكا سەن ئامىركىنىڭ ئەدىلىيە سىستىمىسنىڭ ئادەم ئادەمنى يىلىندۇرمايدىغان، ئىنسانى ھوقوققا كاپالەتلىك قىلىش ئىماكنىيتى تامامەن مومكىنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپسەن، ئەسلى ئەقەللىي ئىنسانى دۆلەتتە بولۇشى كىرەك بولغان قائىدە-مىزانلار سەن بىلەن بىزدەك ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ھەققى ھوقۇقىنى قوغداش، توغرا بىر ئىشىنى بىجىرىش ئۈچۈنمۇ نەچچە رەت، نەچچە كامارغا ئۈسۈپ، نەچچە باشلىققا يالۋۇرۇپ، ھەل قىلالمىساق يەنجىيۇ يەنجىيۇ كاۋلۈ كاۋرۇلار بىلەن ھەل قىلىپ، 250يۈەنلىك پاسپۇرتنى 20000يۈەنگە بىجىرىپ كۈنۈپ قالغان، ھەقىقى قانۇن تۈزۈم، مىزان، ئىنسانىلىق، ئەخلاق، ئىمان – ئېتقادنىڭ تەمىنى تىتىپ باقمىغانلار ئۈچۈن يۈكسەك بىلىنىشى تەبئىي ئەھۋال. بۇنى ئۇيغۇرچىدا «قىز كۆرمىگەن ئەركەككە كەمپىر گۈل كۆرۈنۇپتۇ » دەپ ئىپادىلىسەك تېخىمۇ توغرا كىلەر. ئاكا ئىككىلىمىز ئوخشاشلا ئۆزلىرىنى باشقىلارغا خۇدا دىگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان، يىزىۋاتقانلارنىڭ ئۇلارنىڭ بەندە ئىكەنلىكىنى ئىسىگە سالغانلىقىمىز، ھەم ئۇلارنى خۇدا ئورنىدا كۆرۈشنى خالىمىغانلىقىز ئۈچۈن خىزمىتىمىزدىن ئىستىپا بىرىپتىكەنمىز. خۇدالىق خالىققا خاس ئىدى، لىكىن دەۋرىىمىزدە پەقەت سەن دەۋاتقان شۇ بىر تۈركۈم ئىنسانلارلا ئەمەس، نۇرغۇن ئىنسانلار، دۆلەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ياشاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەقەت ئۆزلۈرىلا ئەڭ توغرىغا ۋەكىلىك قىلىمەن، مىنىڭ يولۇملا ئەڭ توغرا شۇڭا ھەممىڭ مۇشۇ يولدا ماڭسەن دەيدۇ. ئامىركىمۇ ھەم بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى. سىنىڭ « غەرپنىڭ مۇكەممەل ئەدىلىيە سېستىمىسى ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كىشىلەر ھوقۇقلىرىنى قوغۇداش ئۈچۈن ئىنسانغا يىلىنمەيدۇ، پارا بەرمەيدۇ»دەپ تەرىپلىگەن مۇكەممەل ئەدىليە سېستىمىسىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقىنى، ئېيتىپ ئۆتكىنىڭدەك دۇنيانىڭ باشقا يەردىكىگە ئوخشاش « ئادەتتىكى ئازغۇچى بەندە» تۈزگەن قانۇن تۈزۈمدۇر، ھەرگىزمۇ ئازمايدىغان خۇدانىڭ ئەمەس. ئۇلارغا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن خۇدا بەرگەنمۇ؟ خۇدا ئۇلار ئۆزۈڭلار خالىغانچە قانۇن تۈزۈم تۈزۈپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنى تەسسىپ قىلىپ توغرا خاتاغا ھۆكۈم قىلىڭلار دىگەن بولغىمىتى؟ « اﷲ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر [45]» (سۈرە مائىدە) ئاشۇ ئەدىلىيە سىستىمىسى 2001-يىلى 11- سىنتەبىر ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ 2998ئادەمنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەب بولغانلارغا تىرۇرچى قالپىقىنى كۆيگۈزۈپ ئىسلام دۇنياسىغا ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىنى قوزغاشقا باھانە تىپىپ بىرەلىدىيۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ 2008-يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2009-يىلى 1- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە غەززەگە ھۇجۇم قىلىپ 1500 ئادەم (كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلار) نىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تىرورلۇق، فاشىزىملىق قىلمىشىنى قانات ئاستىغا ئالىدۇ. ھەتتا شۇ فاشىزىملارغا قارىشى كۆرەش قىلغانلارغا تىرورچى، تىرورلۇق تەشكىلات قالپىقىنى كىيىگۈزىدۇ. ئاشۇ ئەدلىيە سىتىمىسىنىڭ ھىمايىسىدە تېخى يىقىندىلا بىر ئامىركىلىق پاكىستاندا ئىككى پۇقرانى ئىتىپ تاشلىدى، ئارقىدىن ئۇلارنى قۇراللىق ئۇنسۇرلار دەپ قالپاق كىيگۈزدى، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇ دىپلىماتنى قولغا ئالغان ئىدى، قويۇپ بىرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدى، ھەتتا پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەگەر پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇنداق قىلمايدىكەن ئامىركا پاكىستانغا ئەسكەر چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئەسكەرتىش بەردى. سىنىڭچە ئۇ ئىككى پاكىستانلىقنىڭ جىنى جان ئەمەس، بىر ئامىركىلىق دىپلۇماتنىڭ (كىيىنكى ئاخباراتلاردا كۆرسىتىلىشچە ئەمىلىيەتتە ئۇ دىپلۇمات ئەمەس بەلكى مەخپى خادىم)جىنى جان. سەن دەۋەتقان ئاشۇ ئەدىلىيە سىستىمىسى سىۋىت – ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئافغانلار ياردەم بەرگەنلەرنى رامبودەك قەھىرمان دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا، ئامىركا-ئافغانىستان ئۇرۇشىدا بۈگۈن ئافغانلارغا ياردەم بەرگەنلەرگە خەلىقئارالىق تىرۇرچى قالپىقىنى كىيگۈزىۋاتىدۇ. سەن دەۋاتقان ئاشۇ ئەدىلىيە سىستىمىسى ھەريىلى قانچىلىك ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە سىتاستىكا قىلىپ خاتىرلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئۇلارغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەيدىيۇ، لىكىن ئۆزلىرنىڭ نەچچە يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ جىنىغا زامىن بولغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ قويغانمۇ؟ ئاكا سەن مىنىڭ يۇتۇبىدا 11 سىنتەبىر خارابىسى ئەتراپىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنمىلەرنى كۆرۈپ بىقىشىمنى دەپسەن، مەن يۇتۇبى ئوچۇق ۋاقتىدا ئۇلارنى كۆرگەنتىم. لىكىن مەن يىقىندا ئامىركىلىقلارنىڭ (بۇلار تېخى ئەسكەرلەر ئەمەس ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلەرنىڭ قىلغانلىرى ئايرىم) M16 بىلەن قۇرئاننى ئوققا توتقانلىقىنى كۆردۈم، ھەمدە قۇرئاننى ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنلىكلىرىنى كۆردۈم. مەن ئامىركا ئەسكەرلىنىڭ ئىراقتىكى ئەبۇ غەرىپ تۈرمىسىدە مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قانداق خۇرلىغانلىقىنى كۆردۈم. (يەنە بەلكىم نۇرغۇن قاقباشلار ئەگەر ھەقىقى دىمكىراتىيەنى بەرپا قىلمىغان بولسا بۇ سۈرەتلەر ھەرگىز ئىلان قىلىنمايتتى دىگەن قۇرۇق خىياللار بىلەن ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىشى مومكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىش شەكلى بولۇپ، ئۇلار ئەرەبلەرنى جۈملىدىن دۇنىيا مۇسۇلمانلارنى قىلچىمۇ كۆزگە ئىلىپ قويمىغانلىقىنىڭ ئەينەن دەلىلى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئۇ كۆرۈنمىلەرنى ئىلان قىلشى دۇنىيا مۇسۇلمانلىرىغا نوچى بولساڭ قىنى كەلمەمسە دىگەن سىگىنال ئىدى، چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلايتتى ھەم ئەمەلىيەتمۇ ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى.) بەلكىم ئۇلار قىلغان فاشىت قىلمىشلارنى گىتلىرمۇ قىلمىغان بولغىيتتى. بۇلار تېخى بىزگە مەلۇم بولغانلىرى مەلۇم بولمىغانلىرىچۇ؟ ئايال ھەمشىرلەرنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ گۇۋانتومىرغا سولانغان مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ ئاكا ئىراق ئۇرىشىدا 650مىڭ ئادەم ئۆلدى (2010-يىلىدىكى تەكشۈرۈش، بۇ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مۇنداقچە ئېيتقاندا دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيە يەركەننىڭ نۇپۇسى تامام قىرىلىپ تۈگىدى. ئەگەر ئامىركا دىيارمىزغا ھۇجۇم قىلىپ 650 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەب بولغان بولسا، ئەبۇغەرىب تۇرمىسىدىكى خۇرلىنىۋاتقان مەزلۇمەلەر سىنىڭ ئۆز سىڭلىڭ، مىنىڭ ئاچام، بولغان بولسا سەن يەنە ئامىركا شەيتانمۇ دەپ سۇئال قويۇپ يۈرەرمىدىڭ؟ ئاشۇ ئەدىلىيە سىتىمىسى ئامىركىدا تۇغۇلغان، يەنە شۇ ئامىركىدا ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئىچىش بويىچە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالغان شەيىخ ئەنۋەر ئەۋلاقىنى 2004-يىلى يەمەنگە كەتكەن پۈرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئامىركا گىراژدانلىق سالاھىتىدىن ئىلىپ تاشلدى، چۈنكى ئۇ ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارتا ئىلىپ بارغان ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشنىڭ (بۇ مەن تىپىۋالغان گەپ ئەمەس، ئامىركىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بوش ئېيقان سۆز.) ماھىيتىنى ئىچىپ تاشلىغانلىقى، ھەمدە ئامىركىنىڭ ئەسلى مۇدداسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى كەڭ مۇسۇلمانلارغا چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن. چۈنكى ئۇ دونيا سودابىناسىنىڭ خارابىسىدا بىنلادىننى قەھىرمان دەپ توۋلىمىدى، ئەمما مەرەپتە، توردا ئامىركىنىڭ ئەسلى غەرىزىنى ئىچىپ تاشلدى. چۈنكى دونيا سودابىناسىنىڭ خارابىسىدا بىنلادىننى قەھىرمان دىگەن كىشى ئامىركا ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ئەمەس، ئەمما ئامىركىنىڭ ئەسلى غەرىزىنى مۇسۇلمانلارغا چۈشەندۈرۈش ئامىركىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى يولىغا قويۇلغان توسۇق. يۈسۈپ ئىسلام نىمە ئۈچۈن ئامىركىغا بارالمايدۇ؟ « مۇشرىكلار ئەھدىسىگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدا خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا (ۋەدىسىدە تۇرۇشنى) خالىمايدۇ (يەنى ئاغزىدا چىرايلىق سۆزلىگىنى بىلەن، كۆڭۈللىرى ئاداۋەت، نىفاق بىلەن تولغان). ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر [8]. ئۇلار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىدىن) ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تېگىشتى، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! [9]. ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار (سىلەرگە زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر [10].» (سۈرە تەۋبە) ئاكا نۇرغۇنلار مەلۇم دائىردە، مەلۇم چىگرا ئىچىدە ئۆزلىرنى خۇدا كۆرسەتمەكچى. ئەمما ئامىركا بولسا پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمىران بولماقچى، يەنى پۈتۈن دۇنيانى ئامىركىنىڭ سىزغىنى بويچە ماڭىدىغان قىلماقچى، ئۇلار ئاسماندا ئاللاھ ھۆكۈمىران، زىمىندا بىز ھۆكمىران بولىمىز دەۋاتىدۇ ئەجەبا شۇنداق ئەمەسمۇ؟ سەندىن سوراپ باقاي ئاسمانۇ زىمىندا، سەئۇدىيۇ ئامىركىدا ھۆكۈمىرانلىق كىمگىلا خاس؟ ئاكا شەيتانلىق ھەققىدە گەپ بولۇپ قالىدى، ساڭا بۈيەردە شەيتاننىڭ قىسىسىنى ئەسلىتىپ ئۆتەي. ھەممىزگە مەلۇملۇق شەيتان ئەسلى جىنلاردىن بولۇپ ئاللاھ ئۇنى پەرىشتىلەرگە ئۇستاز قىلىپ بەرگەن. ئەلۋەتتە پەرىشتىلەرگە ئۇستاز بولغۇچىنىڭ قانچىلىك ئىلمدار ئىكەنلىكى، ئەخلاق- پەزىلەت ۋە باشقا جەھەتلەردە قانداق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنداقتا پەرىشتىلەرگە ئۇستاز بولغۇچىنى شەيتان قىلغان زادى نىمە؟ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى [34]. شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر ـ بېرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق [36]. (سۈرە بەقەر 34-، 36- ئايەتلەر) ئاكا بۇ يەردە ئاللاھ شەيتاننى پەقەت ئاللاھنىڭ ئادەمگە سەجدە قىل دىگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقغا ئىتائەت قىلماي تەكەببۇرلۇق قىلغان سەۋەبلىك شەيتان دەپ ئاتاۋاتىدۇ. ئاكا سىنىڭچە شەيتان بولماسلىققا شۈنچە كۆپ ئىلىم، شۈنچە كۆپ پەزىلەت، شۈنچە كۆپ ياخشىلىق يىتەمدىكەن؟
    ئاكا ئاخىردا سىنىڭ سورىغان سۇئالىڭغا جاۋاب بىرەي. شۇنداق ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلىپ شەيتان بولغان ئىبلىسقا ئوخشاش، ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلغان ئامىركىمۇ ھەم شەيتان. ھەتتا ئۇنىڭ سىنىڭ ئېيتقىنىڭدىن تۈمەن مىڭ ھەسسە ياخشىلىقى بولسىمۇ!!! «شۇنىڭدەك (يەنى ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب نازىل قىلغىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق، سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ [37]. » (سۈرە رەئىد)
    ئىزاھات: ئاكا ئەۋلاقى ھەققىدىكى يازما يۇلغۇن مۇنبىرىدە بارئىدى، سەن تۇرغان جايدا ئۇ مۇنبەر ئىچىلىدۇ، شۇ يەردىن كۆرىۋالغىن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Ay-Yultuz :

    Bek toghra deysiz Gulen, bu maqalini bek yahshi yezipsiz.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • رۇزى :

    غەرىپنى تىللاش ھازىر خېلى كۆپ ئۇيغۇرلاردا مودا بولۇپ قالدىغۇ،شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىدىكى ۋەھىمىنى يېڭىشنى ئويلىسا كېرەك.دۆلىتىمىز ئىدىولوەىيىسىدىكى غەرىپتىن خەۋەىسىرەش بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ غەرپنى شەيتان قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..