Articles in the ئۈگىنىش Category
ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش »

ۇ كەسىپلەرنىڭ بىر قسىمى ئاساسى مەكتەپ رايۇنى (مىلەن شەھرىدە) بولغان leonardo ,bovisa لاردا بولسا يەنە بىر قىسمى LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئچىدە 3-4-5-6-7-9-لار LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان بۇلۇپ 100 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھەر يىلى 5000 ياۋرو بىرىدۇ. نىمە سەۋەپتىنكىن، بۇ پۇل بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 10000ئىكەندۇق،مەن كەلگەندە 8000 بولغان، ھازىر 5000غا چۇشۇپ قاپتۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن 5000 بولسمۇ ، تىجەپرەك خەجلىسە يەنىلا يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ. (ياتاققا يىلىغا 3500 ئەتراپىدا، تاماققا 1500 ئەتراپىدا). شۇڭا 5000 بولسىمۇ ئرىشپلا قالسىڭىز ،قىلچە ئىككىلەنمەي كەلسڭىز بۇلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەر مىلەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان (40 كىلومىتىر ئەتراپىدا ) مىلەندىكى پۇلدارلارنىڭ ئارام ئالىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان شەھىرى، مۇھىتى گۈزەل، تىنىچ ۋە راھەت.
ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش »
Jeck ئىلاۋىسى: بۇ يازمىنى ھازىر ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستۇم مۇزەپپەر تەييارلىغان. مەن ئۈتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە قايتقان ۋاختىمدا مۇزەپپەر قاتارلىق تۆت ئاغىنەم بىرلىكتە مىنى مىھمان قىلىپ بىر ئاخشام تاماق يەپ مۇڭداشقان ئىدۇق. ھازىر ئۇ تۇتەيلەننىڭ ئىككىسى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ، بىرسى ياپۇندا. مۇزەپپەر بولسا ئىتالىيەدە. ئۇ ھازىر ئىتالىيە مىلان تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى (Politecnico di Milano) دا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۈز ۋاختىدا مۇزەپپەر ئەگەر ئىتالىيەگە بېرىپ قالسام چوقۇم تەپسىلى قىلىپ بىر ماتىرىيال تەييارلاپ مەندىن كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىشنىغا سۇنىمەن دىگەن ئىدى. كىيىن ئىتالىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ، كۆنۈپ، ئەلمى-تەلىمىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن يىقىندا مۇنۇ يازمىنى تەييارلاپ تورداشلارغا سۇندى. تورداشلارغا ۋەكالىتەن مۇزەپپەرگە …
ئۈگىنىش »

تىمىنى كانادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر تەۋسىيە قىلغان بولۇپ ئوقۇپ باقسام ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار ھەقىقەتەن بۇ تىمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسا بۇلىدىكەن. باكلاۋوردا ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئوقۇپ قويسا زىينى يوق، چۇنكى نۇرغۇن يەرلىرى يەنىلا ماس كىلىدۇ. تىمىنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى كىمۇ ھازىرغىچە ماڭىمۇ ئىنىق ئەمەس. شۇڭا يازغۇچىسى ئەسكەرتىلمىدى. ئابدۈشۈكۈر بۇرۇنمۇ كانادادا ئوقۇش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىلىق ئوچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

1) 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا ”فامىلە“ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش بولدى. ”بەكتۇر“ فامىلىسى ئاڭلىغۇچىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆيۈملۈك فامىلە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىنى بۇ فامىلە توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق تاپتىم. سىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا ”بەكتۇر“ قانداق رول ئوينىدى؟
جاۋاب: بۇ فامىلىنى دادام تېپىپ قوللىنىشنى قارار قىلغان. مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىسمى ئەمەس. ئەگەر، بىر ئىشنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ۋە ئاشۇ ياخشى كۆرگەن ئىشىنى نىشانلاپ توختىماي تىرىشسا، ھەرقانداق ئادام غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە ئىسمى “بوشتۇر” بولسىمۇ، غەلىبە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ فامىلىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ فامىلە نامىنى مەن ئەمەس، دادام تاللىغان. مېنىڭچە بىراۋ ئۈچۈن جەزبىدارلىققا ئىگە بولغان فامىلىنى تاللاش ۋە تاللىماسلىقنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ فامىلىسىگە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن مەن فامىلە قوللانغاننى ياخشى ئىشكەن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىز ئەجدادلىرىڭىزنى يەنى يىلتىزىڭىزنى ئېنىق تونۇيسىز.
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلگە چىقىش »

قۇدرەت ئامرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلۇپ يىقىندا قۇدرەتنى قىسقىىچە تۇنۇشتۇرۇپ يېزىلغان خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت دىگەن تىما ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا زىلزىلە قوزغىدى ۋە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قۇدرەت بىلەن پاراڭلاشقۇسى، ئۇ توغرىلىق كۆپراق بىلىپ باققۇسى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ تورداشلاردىن تاپشۇرۋالغان سۇئاللاردىن بىر نەچچىنى تاللاپ ئۇ سۇئاللارغا بولغان كۆز قارىشىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ئالدى بىلەن مەن ئۈچۈن تىلىگەن ئالىي تىلەكلىرىڭلار ۋە مەندىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن… شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھان مەزگىلى تۈپەيلى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، سىلەرگە …
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

ئەسكەرتىش: بۇ تىما يىڭى بلوگقا كۆچكەندىن كىيىن ئۆز پېتى كۆچۇرۇپ كىلىندى، ئەسلى تىمىدىكى بەزى ئوچۇر خاتالىقلىرى ئۈزگەرتىلمىدى، لېېكىن رەسىم ۋە ئۇلىنىشلارقوشۇلۇپ تەھرىرلىنىپ بەت يۆزى كۆركەملەشتۈرۈلدى. . ئەسلىگە سادىق بولۇپ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مەزمۇنلىرى بۇندىن كىيىنمۇ ئۈزگەرتىلمەيدۇ. لېكىن ئاخىرىغا ياكى يىڭى تىما ئارقلىق يىڭىلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ(2010-يىلى 25-سىنتەبىر)
ئەسكەرتىش: بۇ تىمىنى 2005-يىلى 12-ئايدا قىشلىق تەتىل مەزگىلىمدە بىر ھەپتە كۈندە كەچلىك ۋاختىمنى سەرىپ قىلىپ يېزىپ ئىزدىنىشتا ئىلان قىلغان ھەم زور تەسىر قۇزغىغان. كىيىن ئىزدىنىش يىڭى سىستىمىغا كۈچكەندىن كىيىن كونا مۇنبەر كۈپ ۋاقىتلاردا ئچىلمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ. ئەسلى نۇسخىسىنى ئۈزەممۇ ساقلىۋالماپتىكەنمەن. بۈگۈن ئىزدىنىشتىن …
ئۈگىنىش »
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر.(Rayhan Baktur), ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ 18 يېشىدا ئالى مەكتەپكە ئۈتكىچە شۇ يەردە ئۈسۈپ چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۈلەتلىك ئىمتاھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بەرگەن مىللىلار ئارىسدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى نۇمۇر ئېلىپ چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدا تەييارلىق ئوقۇپ 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدا رەسمى ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسىگە ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشقا كۈرسىتىلىپ ئاسپىرانىتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسىرتاتسىيسىنى مۇۋەققىيەتلىك تاماملاپ، ئامرىكنىڭ Clemson University نىڭ ئلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە دوكتۇر ئاسپىرانتى بۇلۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قۇبۇل قىلىنىپ 8-ئايدا ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپى تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يتىلدۈرگەن بۇلۇپ ، 2005 يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمى ماقالىسى ئامرىكنىڭ كولورودا شىتاتى بۇۋىلدىر (Coloroda Boulder) شەھىرىدە ئۈتكۈزۇلگەن خەلقارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمى بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
ئويلانمىلار, ئىنگلىس تىلى, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

باشلانما
ئۈنى بۇنى دەپ يەنە بىر مەۋسۇمنى يولغا سېلىۋەتتۇق. تەتىل قىلىپ ئىككى كۈننىڭ ياقى چۇشكىچە ئۇخلاپمۇ ھاردىم، 4 ئاينىڭ ياقى ئىزدىنىشقىمۇ جىق يولىماپتىمەن، ئىككىنچى ئىشنى قۇلۇمغا ئېلىپ بۇلغۇچە بىرەر كۈن بىكاركەنمەن، ئانچە مۇنچە كونا دوستلار بىلەن مۇڭداشقاچ، يىڭىياچىلار بىلەن تۇنۇشقاچ، ھەممىمىز ئۇچرىغان لېكىن ئىزدىنىشتا ھەممىدىن ئاز پاراڭ بۇلىدىغان ئەمەلى تىمىلاردىن پاراڭ سوقۇپ باقىلىمىكىن دەيمەن. بۈگۈنكى باش تىما ئۈگىنىش. بۇ توغرىلىق ئويلىنىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بۇلغان ھەم بۇ ئويلىنىش تېخى ئاخىرلاشمىدى. چۇنكى بۇ توغرىلىق مۇنداقلا ئۇيلانسا ناھايتى ئاددى. جوزا-ئۇرۇندۇقتىن بىرنى تېپىپ ، كۈزەينەكنى تاقاپ ، قولغا قەلەم ئېلىپ قەغەزگە جىجىلاشنى باشلىساق ئۈگىنىش …