باشبەت » ئويلانمىلار, ئىنگلىس تىلى, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش

ئۇنتۇغاقلارنىڭ تىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى The forgetfool’s ways of learning English

21 دېكابىر 2006 954 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس

باشلانما
ئۈنى بۇنى دەپ يەنە بىر مەۋسۇمنى يولغا سېلىۋەتتۇق. تەتىل قىلىپ ئىككى كۈننىڭ ياقى چۇشكىچە ئۇخلاپمۇ ھاردىم، 4 ئاينىڭ ياقى ئىزدىنىشقىمۇ جىق يولىماپتىمەن، ئىككىنچى ئىشنى قۇلۇمغا ئېلىپ بۇلغۇچە بىرەر كۈن بىكاركەنمەن، ئانچە مۇنچە كونا دوستلار بىلەن مۇڭداشقاچ، يىڭىياچىلار بىلەن تۇنۇشقاچ، ھەممىمىز ئۇچرىغان لېكىن ئىزدىنىشتا ھەممىدىن ئاز پاراڭ بۇلىدىغان ئەمەلى تىمىلاردىن پاراڭ سوقۇپ باقىلىمىكىن دەيمەن. بۈگۈنكى باش تىما ئۈگىنىش. بۇ توغرىلىق ئويلىنىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بۇلغان ھەم بۇ ئويلىنىش تېخى ئاخىرلاشمىدى. چۇنكى بۇ توغرىلىق مۇنداقلا ئۇيلانسا ناھايتى ئاددى. جوزا-ئۇرۇندۇقتىن بىرنى تېپىپ ، كۈزەينەكنى تاقاپ ، قولغا قەلەم ئېلىپ قەغەزگە جىجىلاشنى باشلىساق ئۈگىنىش قىلغان بۇلىمىز. لېكۇن چوڭقۇرراق ئويلىساق ئۇنىڭ تىگىدە نۇرغۇن مەزمۇن بار. شۇنداق قىلساقلا ھىساپمۇ؟پالانچى مەندىن ئاز ئۈگىنىدۇ، لېكىن  نىمىشقا مەندىن نەتىجىسى ۇقىرى دىگەندەك سۇئاللار ھەر ۋاقىت بىزگە ھەمرا. . شۇنىڭدەك بۇنى تەھلىل قىلىپ چوڭقۇرلىساق بۇ بېرىپ چېتىشمىغان مەدىنىيەت ئارقا كۈرۈنۇشى، مائارىپ تۈزۈلمىسى، جەميەتنىڭ كۈز قارشى قالمايدۇ. بۇگۇن ئۇنداق چوڭقۇرلاپ بۇلغۇدەك تەييارلىق يوق. لېكىن ھېچ بۇلمىسا ئوقۇش جەريانىدا ئۇچرىغان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىپ باقساق دىگەن ئۈمىتتىمەن. تور خاتىرىسى ”قۇرۇۋالغاندىن“ بېرى خېلى ئوقۇغۇچىلار ئۈگىنىش ۋە ئالى مەكتەپ تۇرمۇشى توغرىسدا جىق سۇئاللارنى سورىدى، ئوقۇش ۋاختىدا ئالدىراش بۇلغانلىغىم ئۈچۈن بۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسگە تەتىلدە بىراقلا يازما يېزىپ جاۋاپ بىرىمەن دەپ قويغان ئىدىم.  بۈگۈن مۇشۇ بانىدا يازمىنىڭ ئاخرىدا ۋە ياكى يازمىنىڭ مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ شۇ سۇئاللارغىمۇ ئۈگىنىش،ئۈگىنىش ئۇسۇلى  شۇنداقلا ئۇنىڭغا بىرلىشىپ ئۇچرايدىغان مەكتەپتە ئۇچرايدىغان بەزى زىددىيەتلەر ۋە ئۇلارغا بۇلغان مىنىڭ كۈز قارىشىمنى قىستۇرۇپ قۇيىمەن. بۇ تىما تېل بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، . بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ شەخسى كۈز قارىشىم خالاس. ئۇقۇپ قويسڭىزلا بۇلىدۇ، بەزى يەرلىرىنى سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. لېكىن ھەممىنى شۇ بۇيىچە قىلىمەن دەپ ئۈزىڭىزنى ئۇپرىتىۋالماڭ. چۇنكى ئادەم بىلەن ئادەم ئۇخشىمايدۇ. بەزىلەرگە ماس كىلىدىغان ئۇسۇل بەزىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. بەك نەزىرىيۋى ئۇسۇللارنى كۈرسەتمەي ئە مەلى ئۈگىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسدا پىكىرلىشىدىغانلارنى قارشى ئالىمەن.

باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۈگىنىپ كىلىۋاتىمىز، كەرە يادلاشنى باشلىغاندىن تارتىپ ئۈگىنىش دىگەن بۇ ئاتالغۇ بىزگە ھەمرا بۇلۇپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە ئىككىگە ئىككىنى كۈپەيتسە تۈت بۇلىدىغانلىغىنى ئۈگەتتىيۇ لېكىن شۇنى قانداق ئۈگىنىشنى ئۈگەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن يادلىغان نەرسىنى ئوقۇتقۇچىغا ئەتىسى يادلاپ بىرىپ كۈۋرۈكتىن ئۈتىۋالغاندىن كىيىن
ئۇنتۇپ كەتتۇق. بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە 15-17 يىل ھاياتىمىز ئاساسەن ئوقۇش ، ئۈگىنىش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن بۇلدى. لېكىن قانداق ئۈگىنىش قىلساق بۇلىدۇ دىگەن تىما ئۈستىدە سۈزلىگەن ئادەمنى ئىچكىرگە كىرىشتىن بۇرۇن كۈرمىدىن ياكى ناھايتى ئاز كۈردۈم. بۇرۇنقى ئۈتۈپ كەتكەن نەزىرىيۋى، خىيالى مائارىپ ئەندىزىسىدە بىزگە كىچىكىمىزدە “ ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگرەش، يېرىم سائەت خەنزۇچە سۈزلۈكنى ادلاش، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەنە يادلاش“ دىگەندەك بەك جىق نەرسىلەرنى ئۈگەتكەن ھەم شۇ بۇيىچە قىلىشقا تىرىشقان. لېكىن كىيىىن سىنىپتا 40 ئوقۇغۇچى بۇلسا شۇنداق قىلالايدىغانلار 2 دىن ئاشمايتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئەتىگەندە يۈگۈرمەيتتى، مەنمۇ ھەم شۇنداقتىم. بىزگە سىڭدۈرۈپ قۇيۇۋەتكەن شۇ بىر قاتاردىكى ئۈگىنىش ئۇسۇللىرىنى قىلىپ بۇلالمىغاچ دائىم ئۈزەمنى ئەيىپلەيتتىم. پەقەت شۇنداق قىلىسلا ئاندىن نەتىجە چىقىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن چوڭ بۇلغاندىن كىيىن بىلدىمكى، ئەتىگەندە ئويقۇسى كەلسە ئۇخلاپ چۈشتە ياكى كەچتە يادلىسىمۇ بۇلىۋىرىدىكەن. ئەتىگەندە يۈگۇرمىسە كەچ تەرەپتە يۈگۇرسىمۇ بۇلىۋىرىدىكەن. جۇزا ئۈستىگە كىلىپ قولغا قەلەم قەغەز ئالمايمۇ ئۈگەنگىلى بۇلىدىكەن. چۇنكى مەن زادى جۇزا ئۇرۇندۇق تېپىپ قۇلۇمغا قەغەز قەلەم ئېلىپ بىر نەرسە ئۈگەنمىسەم ئۈگەنگەندەك بۇلمايتتىم. نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى شۇ بويىچە قىلماي ئۈزىگە ماس كىلىدىغان بۇيىچە قىلسىمۇ ئوخشاش نەتىجە چىقىدىكەن. ئادەم دىگەن شۇنداق گول نەرسىكەن، بەزى نەرسىلەر كاللىغا بەك قۇيۇۋىتىلگەن بۇلغاچقا ھەممە نەرسىنى شۇ بۇيىچە قىلمىسا قەتئى باشقا يول يوقتەك ھىس قىلىپ قالىدىكەن. ھەم بىر مۇنچە جاپا تارتىپ ئاندىن بەزى ئاددى ماھىيەتلەرنى چۈشىنىدىغان گەپكەن. بۇنىڭ بىر مىسالى تىل ئۈگىنىش.

ئۇنتۇپ تۇرۇپ تېل ئۈگىنىش
مىنىڭ ئۇنتۇغاقلىقىم تۇنۇش بىلىشلەر ئارىسىدا ”داڭلىق“. ئۈگەنگەن نەرسىدىلا ئەمەس تۇرمۇشتىكىمۇ جىق نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ تۇرىمەن، بەزى نەرسىلەرنى يۈتۈرۈپ تۇرىمەن. شۇڭىمۇ يادلايدىغان نەرسىلەر بىلەن ئەسلا خۇشام يوق. بۇرۇن ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھەممە ئادەم فىزىكا، ماتىماتىكا ئىمتاھانىدىن قۇرقسا مەن ئەدىبىيات، ئۇيغۇر تىلى، سىياسەت، تارىخ دەرسىدىن قۇرقايتتىم. چۇنكى بۇ دەرىسلەردە يادلايدىغان نەرسىلەر قۇمدەك جىق ئىدى. يادلاپ بۇلالماي يېرىم كىچە بۇلۇپ كىتەتتى. لېكىن بۇ قېرىشقاندەق بىزنىڭ مائارىپمىزنىڭ قېلىپىنى تۈزگەنلەر ھەممە ئادەمنى ئۈزىدەك ئەقىللىق، ئوقۇغۇچىلار بىر يادلىغان نەرسىنى مەڭگۇ ئۇنۇتمايدۇ دەپ پەرەز قىلىپ ئولتۇرۇپ تۈزۈپتىكەن.  تىل ئۈگىنىش ئۇزۇن ۋاقىت قىينىدى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نۇرغۇن ۋاختىمىز خەنزۇچە سۈزلەرنى يادلاش بىلەن ئۈتتى. ئالى مەكتەپتىكى جىق ۋاختىمىز ئىنىگىلىسچە سۈزلەرنى يادلاش بىلەن ئۈتتى. شۇنچە سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا چۈشلۇق بۇ چاغقىچە شۇ تىلللانىڭ ئەلىماخۇنۇمى بۇلۇپ كەتسەك بۇلىتتى. لېكىن ئۇنداق بۇلالايدىغانلار ناھايتى ئاز بۇلدى. خەنزۇچە ئۈگەنگەن ۋاقىتلار بەك بۇرۇنقى ۋاقىتلار بۇلغاچقا ھەم ھازىر كۈپىنچە ئادەمنىڭ مەسىلىسى ئىنگىلىس تىلىنى ئۈگىنىش بۇلغاچقا شۇنى تۇتقا قىلىپ پاراڭ قىلىپ باقايلى.

ئىنگىلىس تىلىنى ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۋېلىپ، ئۇ سىنىپتا ئىنگىلىس تىلى ئۈتىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ مەكتەپكە بېرىشتىن  15 كۈن بۇرۇن كىتاپ تېپىپ دەسلەپكى 5-6 دەرىسنى كۈرۈپ قويغان. كىيىن ئوقۇش باشلىدى، ئۈگىنىشنى باشلاپ كەتتۇق. ئاساسلىق ئۈگىنىش ئۇسۇلىمىز تۈۋەندىكىچە:
ھەر بىر دەرىسنىڭ ئالدى بىلەن سۈزلۈكىنى يادلايمىز. بىر دەرىستە دەسلەپتە 10 ئەتراپىدا سۈزلۈك بار. كىيىن چوڭقۇرلاشقانسىرى بۇ سۈزلۈكمۇ جىقىيىپ بارىدۇ. كىيىن بىرەر يۈزدىن ئېشىپ كىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى سۈزلۈكنى بىزگە ئوقۇتۇپ سۈزلەرنى چۈشەندۇرىدۇ، ئاندىن كىينن بۇ ئۈ سۈزلەرنى يادلاشنى باشلايمىز، يادلىغاندا ئوقۇتقۇچى سۈزلۇكنى ھەرىپ بۇيىچە يادلاشنى ئۈگەتكەن. مەسىلەن“ book“ دىگەن سۈز بۇلسا b, o, o, k, book دەپ يادلايتتۇق. مۇرەككەپراق سۈزلۇك بۇلسا توغرا يادلاش بەك تەس ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن شۇ دەرىستىكى گىرامماتىكىنى ئۈگىنىمىز، ئارقىدىن تىكىسنى ئۇقۇپ چۈشىنىمىز، كەينىدىن تىكىستىنى يادلايمىز، كەينىدىن مەشىقلىرى بار، مەشىق ئىشلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر دەرىس تۈگەيدۇ. ھەممە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن شۇ تەرتىپ بۇيىچە دەرىس ئۈتىدۇ. بۇرۇن خەنزۇچىنىمۇ شۇ بويىچە ئۈگەنگەن. ئوقۇتقۇچى دەسلەپتە بىر يىل ھەممە دەرىسنىڭ تىكىستىنى بىزگە يادلاتقۇزۇپ دەرىستە شۇ بويىچە يازغۇزۇپ سىناق ئالاتتى. شۇڭا چۇقۇم يادلايتتۇق. شۇ بويىچە بىر يىل ئۈتتى. جىق زىھنىمىز سەرىپ بۇلدى، لېكىن نىمىشقىكى ئىمتاھاننى نورمال جايىدا بەرگىلى بۇلغان بۇلسىمۇ لېكىن قانائەت ھىس قىلمىدىم. بۇلۇپمۇ ئىنگىلىس تىلىنى ئۈگىنىپ بىر قىسىم كىتاپ تۈگىتىپ ئىككىنچى كىتاپنى باشلىغاندىن تارتىپ ناھايتى تەس تۇيۇلۇپ كىتىدۇ. گىرامماتىكىسىنىڭ ”ياڭزىسى“ چىققىلى تۇرىدۇ. سۈزلۈك جىق بۇلۇپ كىتىدۇ. مەشىقلىرى تەسلىشىدۇ. ئانچە مۇنچە ئېغىمىز ئېچلىپ سۈزلەپ بىېقشىقا ئۇرۇنىمىز، لېكىن ياخشى سۈزلىيەلمەيمىز. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئۈتكەلدىن ئۈتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۈرۈمچىدە داشۆدە تۈت يىل ئوقۇپ “ ئىنگىلىس تىلىدىن يىڭى ئۇقۇم“NCE  نىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن چىقالماي ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەنلەر خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئىككىنچى قىسمنى  ياكى شۇنىڭغا تەڭداش كىتاپنى يېرىملاشتۇرۇپ تۈگىتەلمەي كەتكەنلەرگە قاتساق كەم دىگەندە 70 پېرسەنىتكە بارىدۇ دىسەك مىنىڭچە ئاشۇرۋەتكەنلىك بۇلمايدۇ. كۈزىتىشىمچە داشۇگە ئۈتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇش داۋامىدا ئىنگىلىس تىلى كورسلىرىغا قاتنىشىپ باقىدىكەن. تەتىلدە ئۈيىگە قايتماي قاتنىشىدۇ، مەۋسۇم داۋامىدا ئشىتن سىرتقى قاتنىشىدۇ، لېكىن كۈپىنچىسى ئاساسەن ئىككىنچى قىسىم كىتاپنى تۈگىتەلمەيدۇ، بىر كۇرىسقا بىر قاتنىشىپ بىر مەۋسۇمنى .ئۈتكۇزىۋىتىپ يەنە شۇنىڭغا تەڭداش كۇرسلارغا قاتنىشىدۇ. شۇڭىمۇ ئۈرۈمچىدىكى تىل تەربىيلەش مەكتەپلىرى خېلى پۇل تاپىدۇ. مەنمۇ ئۈز ۋاختىدا ئويلاپ باقسام ئاشۇ باسقۇچقا بېرىپتىكەنمەن. ئۈگەنسەم ئۈگەنسەم ئىسىمدە تۇرمايدۇ، يادلاپ تۇرىمەن، سۈزلۈكلەرنى ئۈگىنىپ تۇرىمەن، خېلى ئۈگەنگەندەك ھىس قىلىپ كىتاپقا قارىسام يەنە ئۇخمايمەن، ئىشقىلپ جىق ۋاقىت سەرىپ قىلدىم، كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، بۇنداق مېڭىۋەرسەم ئايىغىنى چىقىرالمايدىكەنمەن. دەسلەپتە ھەر بىر دەرىس ئاز ئىدى، كىيىن بارغانسىرى جىقايدى. يەنە شۇنداق مېڭىۋەرسەم شۇ ۋاقىتتىكى سەرىپ قىلغان ۋاقىت بۇيىچە ھىساپلاپ باقسام بەك جىق ۋاقىت بۇلۇپ كەتتى. ئوقۇيدىغان دەرىس ئىنگىلىس تىلىلا ئەمەس. قانداق قىلىش كىرەك؟
شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى مەندىن چوڭلارنى ئىزدەپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم، مەكتەپتە ئاز بۇلسىمۇ لېكىن ساز بۇلغان بىر قىسىم ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. بىزمۇ چوڭ بىلەتتۇق. مەسىلەن، قەيسەر مىجىت) ھازىر خارۋارتتا دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ(، ئالىم ئەيسا) يىقىندا گىرماندا دوكتۇرلۇقنى تۈگىنتىپ دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ( دىگەندەك. مەن پات پات ئالىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭدىن ئۇنى بۇنى سوراپ تۇراتتىم. بىر ھەپتىسى كەچتە ئالىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇچرىغان مەسىلىنى دىدىم، ئۇ كۈڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كىينن كۈلۈپ كىتىپ ئۈزىنىڭمۇ بۇرۇن شۇنداق بۇلغانلىغىنى، ئاخىرى ئۈگىنش ئۇسۇلىنى ئۈزگەرتىش ئارقىلىق ئۈزىگە ماس كىلىدىغان ئۇسۇل تاپقانلىغىنى دىدى. ئۇزۇن  پاراڭلاشتۇق. يىڭى ئۇسۇللارنى، مەسلەھەتلەرنى بەردى ۋە شۇنى سىناپ بېقىشنى بۇيرىدى، ئەڭ مۇھىمى بىر ئايدىن كۈپراق ۋاقىت چىقىرىپ كۈندە بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە ئۈزى ياتىقىمغا كىلىپ ئۈگىنىشمگە بىۋاستە ياردەم بەردى، نۇرغۇن خام كەتكەن يەرلەرنى زاغرا تىل بىلەن ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرۈپ كاللامنى ئېچىۋەتتى. شۇنڭىدىن كىيىن يەنە ئۈز ئەھۋالىمغا ئاساسەن ئۈزەمگە ماس كىلىدىغان ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقتىم ۋە شۇ بۇيىچە .ئۈگەندىم. لېكىن  خىيالمدا يەنىلا ئازراق ”قانداق بۇلار“ دەيدىغان ئەندىشە بار ئىدى. ئىچكىرگە كىرىپ بىرىنچى يىلدا سىنپتىكى ھەممەيلەننى بىر تۇتاش 4-دەرىجىگە تىزىملاتتى، ئىمتان نەتىجىسى چىققاندا مەن ئۈزەم ئويلىغاندىكىنمۇ خېلى يوقىرى ئاپتىمەن. شۇنداق خوشال بۇلۇپ نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئەسلى مىنىڭ خىيالىمدا ۋە بەزىلەرنىڭ ئىنگىلىس تىلىنى بەك تەسلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىىپ بەرگىنىگە ئاساسلانغاندا 3-4 يىللاردا بۇ ئىمتاھاندىن 61-62 نۇمۇر ئېلىپ  ئۈتسەكمۇ خېلى چوڭ ئىش قىلغان  بۇلاتتۇق. يىڭى ئۇسۇل بۇيىچە پىلاندىن بۇرۇنلا ئۈتۈپ كىتپتىمەن، دىمەك بۇ ئۇسۇل بۇلىدىكەن. سىناقتىن ئۈتتى. ھىچبۇلمىسا ماڭا بۇلىدىكەن.

مەن يىڭى ئۈگىنىش ئۇسۇلۇم  بىلەن بۇرۇنقى ئۈگىنىش ئۇسۇلۇمنى سېلىشتۇرۇپ بىرەي.ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم) تۈت سائەت( تىن دەرىس ئوقۇپ  تىل ئۈگىنىپ ئىككىنچى يىلغا قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى بىر دەرىسلىكنى مىسالغا ئالايلى. ئۈزىڭىز ئۈگەندىڭىز دەپ پەرەز قىلىڭ. ئادەتتە ئۇ دەرىستە 50 ئەتراپىدا سۈز بۇلىدۇ، گىرامماتىكىسى قۇشما جۈملە، زامانلارنىڭ ھەر خىل ئىشلىتىشى، بەزى بىرىككەن سۈزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى دىگەندەك يەرلەرگە كەلگەن بۇلىدۇ. بىر يېرىم بەت ئەتراپىدا تىكىست بۇلىدۇ. 3-4 بەت ئەتراپىدا مەشىق بۇلىدۇ. دەسلەپتە سۈز يادلايسىز، 50 سۈزنىڭ بىرسىگە بىر مىنوت سەرىپ قىلغان بۇلسىڭىز ئىسراپ قىلغان ۋاقىتنى قۇشقاندا بىر سائەت بۇلىدۇ. ئارقىدىن گىرامماتىكىنى ئۈگىنىمىز. 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ. تىكىستنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ چۈشىنىشكە ئىككى سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن مەشىقىنى ئەشلەيمىز، 3 سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ. جەمئى قوشساق بىر دەرىسكە 60+40+120+180=400 مىنوت، ئالاھىزەل 7 سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كەتتى دىگەن گەپ. قاراپ باقساق 7 سائەت دىگەنغۇ جىق ۋاقىتمۇ ئەمەس. لېكىن ھەممىسىگە 7 سائەت بۇلۇشى ناتايىن، مەسىلەن ”ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلى“ غا چۈشكەندە بىر دەرىسنى ئۈزىڭىز ئۈگىنىپ 7 سائەتتە تۇلۇق تۈگىتەلمەيسىز. ئارلىقتا نۇرغۇن ئۇنتۇپ قېلىشلار بۇلىدۇ. مەسىلەن 50 سۈزلۈكنى بىر سائەتتە يادلىسڭىز تىكىستنى ئۇقۇغاندا ھەر بىر يىڭى سۈز، سۈز بىرىكمىسىگە ئۇچرىغاندا كەينىگە بېرىپ سۈزلۈك جەدۋىلىنى يەنە بىر قېتىم ئاختۇرۇپ مەنىسىگە قارايسىز )ئۇنداق قىلىپ باقمىدىم دىسىڭىز يالغان ئىيتقان بۇلىسىز(. ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلى ئۇنداق بۇرۇنقىدەك ئاسان ئەمەس.سۈزلۈكنى بىر يادلىدىڭىز، كەينىدىن تىكىستنى چۈشەنگەندە يەنە بىر قېتىم ئاختۇردىڭىز، خىزمەت قايتىلاندى دىگەن گەپ. مەشىقنى ئىشلەشكە بىر مۇنچە ۋاقىت كىتىدۇ، مەشىقلەر ئاسان ئەمەس. ئارلىقتا يەنە گىرامماتىكسىغا قارايدىغان گەپ. بۇ دەرىسنى ئۈگىنىپ بولسىڭىز كەينىدىن ئىككنچى دەرىس سىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. 6- دەرىسنى ئۈگىنىپ بۇلۇپ بىرىنچى دەرىسكە قارىسڭىز يەنىلا ئۇنىڭ -40-50پېرسەنتىنى ئۇنتۇپ قالىسىز. مانا بۇلار بۇرۇنقى ئۈگىنىش ئۇسۇلۇم. دىمەك ھەر قانچە پىششىق ئۈگەنسەممۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بۇلمايدىكەن. بىر دەرىستە 4  سائەت سەرىپ قىلساممۇ كەينىگە يېنىپ يەنە تەكرار قىلىپ كۈرىمەن، 8 سائەت سەرىپ قىلساممۇ كەينىگە يېنىپ يەنە كۈرىدىكەنمەن. ئەمىسە مەن تەتۇر ئويلاپ باقاي، بەرىبىر  كەينىگە يانىدىغان ئىش بۇلغاندىكىن بىر دەرىسكە 4 سائەت سەرىپ قىلىپ چالا بۇلسىمۇ كۈرۈپ تۇرۇپ ، يەنە 4 سائەتكە ئىككىنچى دەرىسنى ئۈگىنەي. قانداق بۇلار. شۇنداق ئۇيلىنىپ ھەم سىناق قىلىپ يۈرۈپ ئۇنتۇغاقلارغا ماس كىلىدىغان باشقىچە بىر  ئۈگىنىش ئۇسۇلى شۇنىڭ بىلەن روياپقا چىقتى. بۇنىڭ پىرىنسىپى تۈۋەندىكىچە:
1.  يادلىغان نەرسىنى ئادەم ئۇنتۇپ قالىدىكەن، شۇڭا يادلىماسلىق كىرەك.
2. ئۇنتۇپ قېلىش ئادەمنىڭ تەبىئىتى، شۇڭا بىر ئۈگەنگەن نەرسىنى يەنە تەكرار قىلىش كىرەك.
3. چوقۇم تەكرار قىلىش لازىم بۇلغاندىكىن، بىر دەرىسنى ئۈگەنگەندە چالا ئۈگەنسىمۇ بۇلىدۇ.
4. بىر دەرىسكە كۈپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بىر دەرىسكە پىششق بۇلغاندىن شۇ ۋاقىتنى كۈپ دەرىسكە سەرىپ قىلىپ پىششق بۇلمىسىمۇ كۈپ نەرسىلەرنى ئوقۇغان ياخشى.
5. بىر دەرىسنى بىر گەۋدە ئەمەس بىر كىتاپنبى بىر گەۋدە دەپ قاراپ ئۈگىنىش پىلانى تۈزۈش.

يۇقارقىلار بىر قارىسا قىزىقارلىق، بىر قارىسا ئاددى، لېكىن مىنىڭ شۇنى ھىس قىلىشىم ئۈچۈن جىق ۋاقتىم كەتتى. ھىس قىلغاندىن كىينن شۇ بويىچە ئۈگەندىم ماڭا ماس كەلدى. شۇنى ھىس قىلغاندىن كىيىن بىرمۇ تىكىست يادلاپ باقمىدىم. 4-دەرىجە ئىمتاننى بىرىشتىن بۇرۇن سۈزلۈك جەدۋىلى يادلاپ باقمىدىم. قىززىقىدىغانلار سىناپ باقسا بۇلىدۇ. كىيىن يەنە ئۈزەم ئۈگەنگەندە مەشىق ئىشلەشنى تاشلىۋەتتىم.پەقەت ئىمتان بۇلسا ئاندىن مەشىق ئىشلىدىم. ئۇنداق بۇلسا بۇ پىرىنسىپلارنى قانداق تەدبىقلاش كىرەك.

مەسىلەن يىڭى ئۇقۇمنىڭ ئىككىنچى قىسىمنىڭ ئالدىدىكى 50 دەرىسنى بىر گەۋدە دەپ قارايلى. بىرىنچى دەرىستىن باشلىدىم. ھەر بىر دەرىسنى ئۈگىنىش تەرتىۋى: تىكىست.لازىم بۇلسا باشقا تەركىپلەر. تەرتىپ ھامىنى شۇ. باشتا دەپ ئۈتكەندەك باشقا تەركىپنى بۇرۇن ئۈگىنۋالسىڭىز كىيىن  ئۇخشاشلا يەنە ئاختۇرىسىز. تىكىستنى باشلاپ ئوقۇيمىز، يىڭى سۈزلۈك ئۇچرىسا شۇ سۈزنىڭ ئاستىغا سىزىپ قۇيۇپ،ئاندىن كەينىدىكى بەتتىكى سۈزلەر جەدۋىلىگە قاراپ شۇ سۈزنىڭ مەنىسنى تىكىست بار بەتتىكى بىر يەرگە يېزىپ  ئاستى سىزىلغان سۈزگە  تۇتاشتۇرۇپ قۇيىمىز. سۈزنىڭ مەنىسىنى شۇ سۈزنىڭ ئۈستىگىلا يازماڭ. چۇنكى ئۇنداق قىلسىڭىز ھەر ۋاقىت شۇ سۈزنى كۈرسىڭىز مەنىسىنمۇ بىللە كۈرىسىز، ئەستە تۇتۇشقا پايدىسىز، ياندىكى بوش يەرگە ياكى ئابزاسننىڭ ئۈستى، ئاستىدىكى بۇش يەرگە يېزىپ تۇتاشتۇرۇپ قويسىڭىز لازىم بۇلسا شۇ ھامان كۈرىسىز، ئىككىنچى بەتنى ئېچىپ سۈز ئىزدەپ ئاۋارە بۇلمايسىز. شۇ بۇيىچە تىكىست ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز، چۈشەنمەيدىغان گىرامماتىكا ئۇچرىسا گىرامماتىكا قسىمىنى ئاختۇرۇپ چۈشىنىسز. شۇنداق قىلىپ بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە ”يىڭى ئوقۇم“نىڭ بىر تىكىستى تۈگەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلدى. شۇ تىكىستتىكى 70 پېرسەنت مەزمۇننى چۈشەنسىڭىز بۇلدى، ئادەتتە ئادەمنىڭ ئەڭ جىق ۋاقىتىنى ئالىدىغىنى ئېشىپ قالغان 30 پېرسەنت مەزمۇن. ئەگەر سىز شۇنىڭغا كىىرىشىپ ئولتۇرسىڭىز يەنە بىر يېرىم سائەت ياكى ئۇنىڭدىن جىق ۋاقىت كىتىدۇ.  بۇ بىر يېرىم سائەتتە سىز ئىككىنچى دەرىسنى مۇشۇسەۋىيدە تۈگىتەلەيسىز دىگەن گەپ. تكىستنى چۈشىنىپ بۇلغاندىن كىيىن تىكىستنى ئوقۇڭ.سىرتقا چىقىپ ئۈنلۈك ئوقۇسىڭىزمۇ، ياكى ئىچىڭىزدە كۈتۈپخانىدا ئوقۇسىڭزمۇ بۇلىدۇ. ئىشقىلىپ تىكىستنى ئوقۇش يادلاشتىن كۈپ ئاسان. ئاساسەن 5-6 قېتىم ئوقۇسىڭىز، بۇلىدۇ. بۇنىڭغا 20 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاختىڭىز كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرىس تۈگىدى. يەنە كۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ. دەم ئېلىپ ئىككىنچى دەرىسنى باشلاڭ.  ئۇسۇل ئوخشاش. شۇ بويىچە 25-دەرىسنى تۈگەتكەندىن كىيىن توختىتىپ قويۇپ بىرىنچى دەرىسكە قايتىپ قايتىدىن ئوقۇڭ. ئوقۇش جەريانىدا ئىسڭىزدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىلەر ئىسڭىزگە كىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا شۇنى ھىس قىلىسىزكى، بۇ قېتىم سىزنىڭ بۇ دەرىسنى تۈگىتىشىڭىزگە پەقەت 20 مىنۇتلا ۋاقىت كىتىدۇ. شۇ بويىچە بىر سائەتتە ئۈچ دەرىسنى كۈرۈپ بۇلسىز. 25 دەرىسكىچە تەكرار قىلىۋەتكەندىن كىيىن 26 -دەرىستىن يەنە باشلاڭ.  50 درىسكە كەلگەندە قايتىڭ، 25 كە قايتىپ 25 تىن 50 كىچە تەكرار قىلىڭ. بۇنىڭغا بىر دەرىسكە يەنە ئاساسەن 20 مىنۇت كىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ 50 دەرىسكىچە ھەر بىر دەرىسنى ئىككى ئۈتكۈزدىڭىز. خالىسڭىز يەنە بىر قېتىم بىرىنچى دەرىسكە قايتىپ كىلىپ يەنە بىر تەكرار قىلىڭ ياكى كەينىنى باشلاڭ. بۇ قېتىم تەكرار قىلغاندا بىر دەرىسكە 10 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇمى ھىساپتا سىز بىر دەرىسكە سەرىپ قىلغان ۋاختىڭىز  بىر سائەت 40 مىنۇتتىن ئىككى سائەتكىچە بۇلدى.  بۇ ۋاقىتا سىز بىر دەرىسنى ئۈچ قېتىم ئۈتكەزدىڭىز. كەم دىگەندە 10 قېتىم ئوقۇپ بۇلدىڭىز، بىر ئولتۇرۇپ ئىككى سائەتتە تۈگىتىۋېتىپ ھەپتىدىن كىيىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ قاخشىغاندىن كىيىنكى تەكرار قىلىش ۋاختىنى باشتىلا ھىساپلاپ كىرگۈزىۋەتتىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتىن ئۇتتىڭىز.  مۇشۇ بۇيىچە مېڭىۋىرىسىز. شۇنى ھىس قىلىسزكى، سىز باشتا بىرىنچى دەرىستە چۈشىنەلمەي قويۇپ قويغان نەرسىنى 25 -دەرىسنى 70 پېرسەنت چۈشىنىۋەتكەندىن كىينىن يېنىپ بېرىپ قارىسڭىز ئۇنى ئۈزلۈكىڭىزدىن چۈشىنىپ قالىسڭىز،ۋە ياكى بەلكىم 10 پېرسەنت يىرى قالىدۇ، ئۇنى ئوقۇتقۇچىدىن سورايسىز ياكى پايدىلىنشى ماتىرىياللىرىدىن كىينن كۈرۇۋالىسىز. ئەگەر ئۈز ۋاختىدا شۇنى ھەل قىلىمەن دەپ ئولتۇرۋالغان بۇلسىڭىز يەنە بىر مۇنچە ۋاقىتڭىز كىتەتتى. ئۇ ھەل قىلىپ بۇلغاندىن كىيىن يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇنتۇپ قالىتتىڭىز. ئىككى ئايدىن كىيىن ئۈزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز سىزنىڭ كۈرگەن ئوقۇغان  نەرسىلىرىڭىز ئۇلاردىن 3 ھەسسە ئارتۇق بۇلۇپ چىقىدۇ. ئىنگىلىس تىلىدا ئۈڭ مۇھىم نەرسە سۈزلۈك. قانچە جىق ئۇچراشسىڭىز، تەكرار تەكرار ئۇچراشسىڭىز شۇنچە ئىسڭىزدە قالىدۇ. شۇڭا بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلماي قانچە جىق ماتىرىيالنى خامراق بۇلسىمۇ كۈرەلىسە شۇنچە پىششىق بۇلىدۇ.
دىمەك بۇنىڭدا سۈزنى ھەرگىز ئايرىم يادلىمايسىز، تىكىستنى چۈشىنىپ بۇلۇپ ئارقىمۇ ئارقا 5-6 قېتىم ئوقۇۋەتسىڭىز سۈزلۈك ئىسڭىزدە بىللە قالىدۇ. ئۇنتۇپ قالاي دىگەندە يەنە بىر ئىككى قېتىم ئوقۇۋېتىسىز، ئىسڭىزگە كىلىدۇ، يەنە بىر ئۇنتۇپ قالاي دىگەندەك يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋاتىسىز، شۇنىڭ بىلەن ئىسڭىزدە قالىدۇ. سۈزنى ئايرىم يادلىغۇڭىز كەلسە سۈز بىرىكمىسى قىلىۋېلىپ يادلاڭ.  مەشىق ئىشلەشكە ئايرىم ۋاقىت سەرىپ قىلماڭ. بەك جىق ۋاقىت كەتمەڭ. بىر دەرىسنىڭ مەشىقىنى ئىشلەشكە كەتكەن ۋاقىتقا يەنە بىر دەرىسنىڭ تىكىستىنى تۈگەتكىلى بۇلىدۇ. بۇ مىنىڭ بىر يېرىم يىللىق ئاچچىق ساۋىقىم. ھەرگىز مەشىق ئىشلەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ. مەشىقنى ئوقۇتقۇچە دەرىس ئۈتكەندە شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەپ ماڭسىڭىزلا كۇپايە. ئۈزىڭىز ئۈگەنگەن ماتىرىياللارنىڭ مەشىقىنى ئىشلەيمەن دەپ ئاۋارە بۇلماڭ. بەك ئىشلىگۇڭىڭىز كىلىپ كەتسە جاۋابى بار كىتاپنى تېپىپ شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ چۇشىنىپ قويسڭىزلا كۇپايە.

ئەمدى بۇ ئۇسۇلنى مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش بىلەن بىرلەشتۇرۇش.
يۇقاردا دىگەنلىرىم ئۈزلۈكىڭىزدىن ئۈگەندە ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل. ئەمدى بۇنى ،مەكتەپتىكى ئوقۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كىرەك. مەكتەپتە ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلى ئۈتىدۇ. بۇنىڭ سۈزلۈكلىرى جىق. جىقراق ۋاقىت كىتىدۇ. سىز ئۈزڭىزدىن ئۈگەنگەندە مەن دىگەن ئۇسۇل بۇيىچە ئۈگىنىسىز. بىر دەرىسنى بىرىنچى قېتىم ئۈقۇپ چۈشەنگەندە  3 سائەتتىن 4 سائەتكىچە ۋاقىت كىتىدۇ.  ئۇنىڭ بىر كىتاپتا 10 دەرىس بار. كۈندە بىر دەرىس ئۈگەنسىڭىز 10 كۈن كىتىدۇ، 10 كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىزلا كىتاپنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى بىر قېتىم ئۈتكۈزۇۋالىسىز. دىمەك سىز 10 كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچى بىرىنچى دەرىسنى باشلاشتىن  بۇرۇن 10-دەرىسنى تۈگىتىپ بۇلۇڭ. تەتىلدە قىلسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇندىن كىيىن ئوقۇتقۇچى دەرىس باشلىغاندا سىز ئىككىنچى قېتىم كۈرۈشنى باشلايسىز، بۇ قېتىمدا ھەر بىر دەرىسكە 40مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت كىتىدۇ.  ئوقۇتقۇچى 5-دەرىسنى تۈگەتكەندە سىز 3-قېتىم كۈرۈشنى تۈگىتىپ بۇلىسىز، بۇ قېتىمدا ھەر بىر دەرىسكە يېرىم سائەت كىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۈتىدىغان نەرسىنى سىز باشتا ئۇبدان بىر قېتىم كۈرىۋالسىڭىز ئوقۇتقۇچى ئۈتسە ئۇلار بەكمۇ ئىزىپ چۈشەندۇرىدۇ، چۈشەنمىگەن، چۈشەنگەن يەرلەر بۇلۇپ شۇ پېتىلا ئىسىڭىزدە قالىدۇ. كىيىن ئىمتاندا بىر تەكرارلايسىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەرنى ئۈگەنگەن بۇلىسىز. شۇ بۇيىچە ئىچكىرگە كىرىشتىن بۇرۇنقى يازلىق تەتىل 50 كۈندە ئۈيدە ئۈگەنگەن ۋاختىمدا كۈندە 3 دەرىستىن ئۈگىنىش بۇيىچە ئۈزلۇكسىز بۇلمىسىمۇ ئىشقىلىپ بىر نىمە قىلىپ ”يىڭى ئوقۇم“ئىككىنچى قىسىمنى تۈگەتكەن. مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىچكىرگە كىلىپ بىرىنچى مەۋسۇمدا بىرىنچى ئىككىنچى قىسىمنى تۈگەتكەن. قىشلىق تەتىلدەكۈندە چۈشكىچە ئۇخلاپ چۈشتىن كىيىن كۈندە ئىككى دەرىستىن ئۈگىنىپ، خوشياقمىسا ئۈگەنمەي دىگەندەك يۈرۈپ ”  يىڭى ئوقۇم“ نىڭ 3 قسىمنى تۈگەتتىم. ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلىنىڭ 5 دەرسىنى تۈگەتتىم، ئىككىنچى مەۋسۇمدا  خام بۇلسىمۇ مەيلى، جىقراق كۈرەي دەپ ”يىڭى ئۇقۇم“  نىڭ 4-قىسمىنى تۈگەتتىم، ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلى نىڭ 3-قسمىنى تۈگەتتىم، 4-قسمىنى باشلاپ يېرىم قىلدىم، 6-ئاي بۇلدى، ئىمتاھان دەپ ھەممە خەق سۈزلۈك يادلىغىلى تۇرۇپتىكەن، مەنممۇ مودا بۇلغان بىر سۈزلۈك كىتاپنى ئېلىپ قارىسام جىق سۈزلىرىنى بىلىدىكەنمەن ياكى بەكلا تۇنۇش كۈرۈندى ئاسانلا بىلىۋالدىم، ئىسىمدە تۇتالمىغانلرىم بىلەن كارىم بولمىدى. تەقلىدى سۇئال ئېلىپ ئاران بىر نۇسخا ئىشلىدىم، تىڭلى مەشىق قىلىمەن دەپ 5 دەي بار بىر كىتاپ ئېلىپ بىر دەينى ئاران ئاڭلىدىم. ئىمتاھانغا كىرىپ ياخشى نۇمۇر ئاپتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تىل ئۈگىنىشتە مۇشۇ ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇردۇم، تاكى ئامرىكىغا كەلگۇچە. باش پىرىنسىپ پەقەت بىرلا، بىر ئەرسە ئۈستىدە بىر قېتىمدا تولا ۋاقىت سەرىپ قىلىۋالماي جىق نەرسىلەرنى كۈرۈش، سىستىمىلىق تۈگەتكەن كىتاپ بۇلسا ئۇنى ئارقىمۇ ئارقا تەكرار كۈرۈش. تىل ئۈگىنىشنى پايپاق سوزغاندەك سوزىۋەتمەي ئۈگەنگەندە بېسىپ تۇرۇپ ئۈگىنىش.

ئاڭلاش ۋە سۈزلەش.
دەسلەپ ئىنگىلىس تىلى ئۈگەندە قىززىقىپ ئۈنقويغۇ ئالدۇق. باشقىلار ”ئاڭلاپ چۈشەنمىسەڭمۇ ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرساڭ چۈشىنىدىغان بۇلىسەن“ دىسە رادىيو ياكى شۇ خىلدىكى دەيلەرنى ئېلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇلاققا تىقىپ ئاڭلىدىم. لېكىن بۇ مىنىڭ ئۇيقۇ دۇرامغا ئايلىنپ قالدى. قاچان يۇتقانغا كىرىپ ئاڭلاشنى باشلىدىم بىر دەمدە ئۇخلاپ قالىمەن. ئۇزۇن ئۈتمەيلا چۈشەنمىگەن نەرسىنى ئاڭلاش خوشياقمىدى، تاشلىۋەتتىم. شۇ تاشكلىۋەتكەنچە ئاڭللىمىدىم. سىنىپتا ئوقۇتقۇچى بىلەن سۈزلەشكەندىن باشقا سۈزلىشىپ باقمىدىم. پەن تېخنىكا سىنىپىدا ئۇقۇغان ۋاقىتتا ۋاقىت بەك قىس ئىدى. بىزنىڭ ئىنگىلىس تىلىدىنمۇ مۇھىم باشقا دەرىسلىرىمىز بىزنى ئۇخلاتمايىتتى. شۇڭا ئۇنداق جىق ھىساپلىشىپ ئولتۇرغۇدەكمۇ ۋاقت يوق ئىدى. ئاڭلاش سۈزلەشكە ۋاقىت ئاجرىتىپ باقمىدىم.  كىيىن ئىچكىرگە كەلگەندىن كىيىن يەنىلا دەرىس بېسىۋالدى، يەنە ۋاقىت چىقمىدى. لېكىن 4-ئايلار ئەتراپىدا ئانچە مۇنچە دەي ئاڭلاپ باقسام خېلى چۈشىنىۋاتىمەن، رادىيو ئاڭلاپ باقسام چۈشىنىۋاتىمەن. بۇرۇن ئىنگلىس تىلىنىڭ ئاساسىنى بىلمەي تۇرۇپ ئاڭلاپ تۇرۋالغاچقا چۈشەنمەپتىكەنمەن. سۈزلەشمۇ ئوخشاش بۇلدى. دەسلەپتە ئامرىكىچە تەلەپپۇز، ئەنگىلىيەچە تەلەپپۇز دەپ ئايرىپ يۈردۇق. ئەسلى تەلەپپۇز مەسىلىگە كەلسەك ئۇ ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇخشايدۇ، بەزىلەر ئامرىكىلىقنىڭ ئۈزىدەك تەلەپپۇز قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى. قالغانلار ئۈزىمىزنىڭ ئۇسلۇبىدا تەلەپپۇزىمىز چىقتى. لېكىن ياخشى سۈزلىيەلمەيتتۇق.  كىيىن سەۋىيە 4-دەرىجىگە يىقىنلاشقاندا ھەر ھالدا ئازراق ئويلىغاننى تولۇق بىر جۈملە قىلىپ ئىپادىلەپ چىقارالايدىغان بۇلدۇق. مىنىڭ ئاڭلاش ۋە سۈزلەشتىكى كۈز قارىشىم شۇكى، جۈملە يادلاپ سۈزلەشنى ئۈگەنگىلى بۇلمايدۇ. ياخشى سۈزلەشنى بىىلىش ئۈچۈن چوقۇم تىلنىڭ ئۈزىنى ئاۋال بىلىشى كىرەك. بىلگەندىلا ئاندىن سۈزلىگلى بۇلىدۇ. بىلمىسە نىمىنى سۈزلەيدۇ؟ تەلەپپۇز مەسىلىسىدە ئامرىكىلىقنىڭ ئۈزىدەك تەللەپپۇز قىلىشنى ئۈگىنەلىسڭىز ياخشى، ئۈگىنەلمىسىڭىز ھىچقىسى يوق،  نىمە دىيىشنى بىلسىڭىزلا قانداق تەلەپپۇز قىلىشڭىز بۇ ئىككىنچى مەسىلە. دۇنيادا ھەر خىل تەلەپپۇزدا گەپ قىلىدىغانلار نۇرغۇن. ھىندىستانچە، ئەرەپچە، قارا تەنلىكچە، ئەنگىلىيچە، ئامرىكىچە، ئاۋىستىرالىيەچە، رۇسچە، خەنزۇچە، ھەر خىل ئىنگىلىس تەلەپپۇزى بار. دىمەكچى بۇلغان نەرسىڭىزنى شار شار قىلىپ جايىدا ئىپادىلەپ چىقرىش ئەڭ مۇھىم. چەتئەللىكلەر چۇشىنىۋىرىدۇ. سىزمۇ چۈشىنىۋىرىسىز. بۇنى سىز ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئاندىن ھىس قىلىسىز. بىرەر نەرسىدە تالاش تارتىش بۇلسا .ئامرىكىلىقتەك سۈزلمىسىمۇ شارىلداپ دىمەكچى بۇلغاننى تۇلۇق ئىپادىلىگەن ئادەمنى ھەممەيلەن ئىنگىلىس تىلى ياخشى دەيمىز، تەلەپپۇزى ياخشى لېكىن دۇدۇقلاپ، ئۇ سۈزنى بۇ سۈزنى دەپ دىمەكچى بۇلغاننى سىزگە پەرەز قىلدۇرغاننى ئىنگىلىس تىلى ناچار دەيمىز. بۇ ئىش مىنىڭ سىنىپىمدا شۇنداق ئىنىق سېلىشتۇرما بۇلغان.

باشقىلار.
ھازىر ماتىرىيال ناھايتى كۈپ بۇلۇپ كەتتى، بازارغا چىقسا ماتىيرىيالنىڭ جىقلىغىدىن ئادەم قايسى كىتاپنى ئېلىپ قايسى كىتاپنى ئۈگىنىشبى بىلمەيدۇ. مىنىڭچە بىر تىلنى ئۈگەنگەندە شۇ تىلدىكى بىر يۈرۈش سىتىمىلىق كىتاپنى تۈگىتىش كىرەك.  شۇ بىر يۈرۈش كىتاپنى سىستىلىمىق، پىششىق، ئۈستىدە دىگەندەك تەكرار تۈگەتسڭىزلا سەۋىيەە بىر يەرگە بارىدۇ، ئاندىن باشقا نەرسىلەرنى سىستىمىلىق كۈرسڭىز بۇلىدۇ. بۇ شۇگۇجاڭدىن بىرىنچى قىسىمدىن ئازراق كۈرۈپ، ئاندىن ”يىڭى ئوقۇم“ دىن ئازراق كۈرۈپ، ئاندىن يەنە بىر كىتاپقا ئېسىلىپ قىلسا مىنىڭچە ياخشى چىقمايدۇ. بىزگە شىنجاڭ داشۇدە ئۈتكىنى  فۇدەن داشۇنىڭ تۈزگەن 4 قىسىملىق كىتاۋى. 4-قىسمىنىڭ بېشىدىكى بىر نەچچە دەرىسكىچە ئۈتكەن. بۇ كىتاپنىڭ 4-قسمىنىڭ سەۋىيسى ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلىنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ سەۋىيسىگە ماس كىلىدۇ، شۇڭا ئاسانلا داۋاملىشىدۇ. كىيىن ئىچكىردە ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلى 3 قىسىمنى .ئۈتتى.  4-قىسمىنىڭ ئۈزىمىز ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىۋالدۇق. ئاندىن مۇشۇ جەرياندا ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ”يىڭى ئوقۇم“ دىن 4 قىسىمنى تۈگەتتىم. شۇنداق قىلىپ سىسىتىمىلىق ھالەتتە مۇشۇ 3 يۈرۈش كىتاپنى تۈگىتىپتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا گىزىت كۈرۈش، crazy english, ۋە باشقا ئۇچرىغان ماتىرىياللاردىن قولغا چىققاننى ئۇ يەر بۇ يىرىنى كۈرۈپ قىلدىم، لېكىن ئۇلارنى مەخسۇس سىتىمىلىق ئۈگنىىش ماتىرىيالى قىلىپ ئۈگەنمىدىم، ئۈز ۋاختىدا ئۇنداق قۇشۇمچە نەرسىلەرمۇ ھەم ئاز ئىدى. ھازىر بۇنداق نەرسىلەر بازاردا نۇرغۇن، دەرىسلىك قىلىپ ئۈتكىلى بۇلىدىغان ماتىيرىياللامۇ كۈپ بۇلۇپ كەتتى. قىززىققانلار خالىغاننى كۈرسە بۇلىدۇ. لېكىن سىستىمىلىق ئۈگنىش بىلەن قىززىققاننى ۋاراقلاپ قويۇشنى ئارلاشتۇرۋالماڭلار.  سىستىمىلىق ئۈگىنىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

مەن ئادەتتە شۇنداق ياخشى پىلان قىلىمەن، مەسىلەن  كۈندە ئىككى دەرىستىن ئۈگەنسەم بۇ كىتاپ مانچە كۈندە  تۈگەيدۇ دىگەندىكىدەك . لېكىن تا ھازىرغىچە بىر قىتىممۇ پىلاندىكىدەك قىلىپ باقمىدىم ھەر قېتىم بىر ئىشنى قىلاي دەپ پىلان قىلسام كۈپ بۇلسا ھەپتىدىن 10 كۈنگۇچە داۋاملاشتۇرىمەن،  بىر ئىشلا بىلەن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، يەنە 5-6 كۈن قىلىمەن، ئىككى ئۈچ ھەپتە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، يەنە بىر ئىرادىگە كىلىپ 5-6 كۈن ئۈگىنىمەن، ئۈزۈلدۈرمەي كۈندە مانچە سائەت ئۈگىنەي، بۇ ۋاقىتتا بۇنىڭدىن مانچىلىك ئۈگىنەي دەپ مىڭ قېتىم پىلان قىلىپ 999 قېتىم قىلىپ بۇلالمىدىم. ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشمايدىكەن، بەزىلەر قىلالايدىكەن، ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بۇلسام ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقىتتىلا ئامرىكىغا كىلىپ بۇ چاغقىچە ئوقۇش پۈتتۈرىمەن دەپ ئولتۇراتتىم. ھازىرقى مەكتىۋىمدىنمۇ ياخشى مەكتەپ، ياخشى فاكولتىتلارغا بارغان بۇلاتتىم. لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايدىكەنمەن. ئەركىن سىدىقنىڭ تىل ئۈگىنىشتىكى تەجرىبىسىنى مەرىپەت تۇرىدىن كۈردۇق، دىلشات ھىزىۋىۇللامۇ يېزىپتىكەن، ئۇنىمۇ كۈردۈم، يەنە باشقىلارنىڭكىمۇ كۈرگەن بۇلدۇق. ئۇلار ھەممىسنىڭ ئاساسەن دىگۇدەك كۈندە مانچىلىك ئىش قىلىش، بىر يەرگە يېزىۋىلىپ ئابتۇبۇس ساقلىغاندا، يەنە بىرنىمە ئىش قىلغاندا ئۈگىنىش، ئەتىگەندە مانچىلىك يادلاش، كۈندە مانچىلىك ئوقۇش  دىگەندەك ئۇسۇللىرى بار، بىر بىرىدىن ياخشى ئۇسۇللار . لېكىن شۇنى مەن قىلالمايدىكەنمەن. ئەركىن سىدىقنىڭ “ مىنى 7 مىنۇتتىن كىيىن ئۇيغىتىپ قۇيۇڭلار“ دىگەن گىپىنى ھەر قېتىم ئىىسمگە ئالسام بىر قېتىم ھۈرمىتىم قوزغىلىدۇ.ئۇلار شۇنداق ۋاقىتنى ئۇبدان ئورۇنلاشتۇرالىغاچقا ھازىرقى مۇشۇ ھالەتكە كەپتىكەن.  ماڭا قارىسام تاماق ۋاختىدا كىتاپ كۈرمىسەممۇ باشقا چاغدا كۈرىدىغان ۋاختىم بار. كەچتە يېتىشتىن  بۇرۇن بۈگۈن ئۈگەنگەننى بىر يادلىۋىتەي دەپ بىرىنچى سۈزنى باشلاپ ئاخىرى چىقىپ بۇلغۇچە ئۇخلاپ قالىمەن. ئەتىگەندە سائەت 7 دە  قۇپىدىغان ئىشقا ئىمتاھان، دەرىس دىگەندەك ئىشلار مەجبۇر قىلمىسا ھەرگىز قوپمايمەن، ھەتتا بەزىدە قەتئى قۇپالمايمەن. شۇڭىمۇ ئەتىگەندە 7 دە مەكتەپكە كىلىپ بۇلىدىغان كەچ سائەت 11 دە ئۇخلاپ بۇلىدىغانلارغا ھەۋەس قىلىمەن. مەن ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىم ئەتراپىدا قوپىمەن.  كەچ سائەت ئىككى ئەتراپىدا ئۇخلايمەن.  نەچچە قېتىم خېلى ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ ھىساپلاپ باقتىم. ئەمەلى ئىش ئۈنۈمىنى ھىساپلىغاندا ئەتىگەندە تۇرۇپ ئشلەيدىغان ئادەمنىڭ ئىش ئۈنۈمى ماڭا ئۇخشاشلارنىڭكىدىن كۈپ يۇقىرى بۇلىدىكەن. شۇڭا ئۈزگەرتەي دەپ كۈپ تىرىشىپ باقتىم، ھەر قېتىمدا 3 -4 كۈنگە ئاران چىدىدىم. ئادەتلىنىدىغانغا ئۈزگەرتەلمىدىم. شۇڭا كىيىنچە تەقدىرگە تەن بىرىپ ھەممە پىلاننى ئۈزەمنىڭ مۇشۇ ئادىتى بويىچە تۈزۈدىغان بۇلدۇم. ئىشقلىپ باشقىلار مۇكەممەل قىلالغاندەق قىلالمىسامممۇ، باشقىلار بىر يىلدا قىلغان ئىشنى مەن ئىككى يىلدا قىلساممۇ ئىشقىلىپ قىلىپ كىلىۋاتىمەن. دىمەكچى، يۇقىردا مەن دىگەن ئۇسۇلنى كۈرۈپ كۈندە بىر دەرىستىن 10 كۈندە 10 دەرىس، بىر كىتاپ  تۈگىتىمەن دىگەن بىلەن ئەمىلىەتتە قىلغىلى بولمايدۇ دىيىشڭىز مۇمكىن.  مەنمۇ ئۈز ۋاختىدا قىلغان، بەلكىم 10 كۈندە تۈگەتكەندىمەن، ياكى 20 كۈندە لېكىن مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە تۈگەتتىم. ئارلىقتا ئۈزۈلۈپ قالغىنى ئىنىق. بىر باشلىغانچە بىر كىتاپنى تۈگۈتۈپ توختاپ باققىنىم  ئىسىمدە يوق. ئارلىقتا نەچچە قېتىم ئۈزۈلۈپ، ئەتىگەندە ئۈگىنىمەن دەپ خىيال قىلىپ كەچتە ئۈگىنىپ، خوش تۇتسا بىر دەرىس ئۈگىنىمەن دەپ چىققان يەرگە ئىككى دەرىس ئۈگىنىپ دىگەندەك قىلىپ ئىشقىلىپ تۈگەتتىم باشقىلارمۇ مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللانسۇن ئۇلارمۇ تۈگەتكەن. مەن پەلەمپەيگە چىققاندەك ئۈگىنەتتىم، مەسىلەن، بىر چاغلاردا بىر بىكار ۋاقىتلىرىم چىقىدۇ ياكى ئۈزەمنىڭ ئۈگەنگۇسى كىلىپ قالىدۇ، بىر بېسىپ ئۈگەنگەنچە 5-10 كۈن ئۈگىنىپ ھېرىپ قالىمەن ياكى باشقا بىر ئىشلا بۇلىدۇ، ئۈزۈلۈپ قالىدۇ،  5-10 كۈن ئۈتۈپ يەنە بىر ئۈگىنىمەن. ئىمتاھان يىقىنلىشىدۇ، تاشلاپ قويىمەن، تەتىل كىلىدۇ، بىر ئۈگىنىمەن، ئاندىن ئويۇن بېسىۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن 2-3 كۈندە زىرىكىمەن، يەنە ئۈگىنىمەن…..

ئويلاپ باقسام  تىل ئۈگىنىشنىڭ ئۈزىمۇ پەلەمپەيسىمان بۇلىدىكەن، سىزىقسىمان بۇلمايدىكەن. ھەممىدىن باشتىكى ئاساسنى ياخشى سېلىش مۇھىم. باشتا مەن ئۈزلۈگىدىن ئۈگىنىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. دەسلەپ باشلىغاندا ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئاساسى بىلىملەرنى ياخشى ئۈگەنگەن ياخشى. يىڭى ئۇقۇم ئۈگىنىۋاتقان بۇلسا ئىككىنچى قىسىمدىن 30 دەرىس تۈگەتكۇچە، فۇدەن داشۇ ئىنگىلىس تىلى ياكى شۇگۇجاڭ ئىنگىلىس تىلى بۇلسا  بىر يېرىم كىتاپ تۈگەتكۈچە، ئەنۋەر رەجەپ تۈزگەن كىتاپ بۇلسا ئۇخشاشلا بىر يېرىم قىسىم كىتاپ تۈگەتكۇچە ياخشى ئوقۇتقۇچى تېپىپ ئوقۇپ ئاندىن كىيىن ئۈزلۈگىدىن ئۈگەنسە بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىينگە ئۇقۇياي دەپ كۇرسقا پۇل خەجلەپ يۈرۈش ھاجەت ئەمەس. ياكى كۇرسقا قاتناشقان ۋاختڭىزدا سىز ئاللىقاچان ئۈتمەكچى بۇلغان نەرسىنى مەن دىگەن ئۇسۇل بىلەن كەم دىگەندە بىرىنچى قېتىمنى ئۈتكۈزۇپ بۇلۇڭ. ئاندىن كۇرسنىڭ پايدىسىنى كۈرىسىز. ئادەتتە شۇ يىڭى ئۇقۇمنىڭ بىرىنچى قىسمىنى تۈگىتىپ ئىككىنچى قىسمىنى باشلىغاندىن كىيىن ياكى شۇ ئەتراپتىكى سەۋىيەگە بارغاندىن كىيىن ئادەمنىڭ كاللىىسى قېيشىقا باشلايدىكەن، شۇنداق تەس تۇيۇلىدىكەن، ھەممە نىمىگە قارىسا  بىلمەيدىغان كۈرۈنۈپ ئادەمنىڭ قىزغىنلىقى بەك سۇۋۇپ كىتىدىكەن. مەن ش ج ئۇ دا ئىشلەۋەتقان ۋاختىمدا نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ  مۇشۇ ۋاقىتتا بۇلدى قىلغىنىنى كۈرگەن. مۇشۇ قېتىمدىن چوقۇم بىر نىمە قىلىپ ئۈتۈپ كىتىش كىرەك. ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇپ بېقىش بۇلامدۇ، ئوقۇتقۇچى ئالماشتۇرۇپ بېقىش بۇلامدۇ، كۈپراق بىللە ئۈگىنىۋاتقانلار پاراڭ قىلىش بۇلامدۇ ياكى باشقا ئۇسۇل بۇلامدۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنىڭدىن ئۈتۈش كىرەك.   بۇ بىرىنچى پەلەمپەي. مۇشۇ پەلەمپەيدىن ئاتلىسڭىزلا كىيىنكى يول ئاسانراق. بۇ پەلەمپەيدىن ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئادەم بۇ پەلەمپەيدىن بۇرۇنقى نەرسىلەرنى نەچچە يىلغىچە  ھەم ئۇنتۇپ كەتمەيدىكەن. ئەگەر سىز بۇ قىينچىلىقنى يىڭىپ “ يىڭى ئوقۇم“ ئىككىنچى قىسىمنى تۈگىتەلىسىڭىز  ياكى ئالى مەكتەپ ئىنگىلىس تىلىنىڭ برىنچى قىسىمنى باشلىيالايدىغان سەۋىيگە بارغان بۇلسىڭىز بىرىنچى پەلەمپەيدىن چىكىنىپ كەتمەي ئۈتۈپسز. ئىككىنچى پەلەمپەي 4-6-دەرىجىگە يىقىنلاشقاندا كىلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئادەم ئىنگلىس تىلىدىن خېلى بىر نەرسە چۈشەنگۇدەك بۇلۇپ قالغان، ئېغىزى ئېچىلىپ قالغان، بىر قارىسا بىلىدىغاندەك ھىس قىلغان، تەسراق بىر نىمە كۈرسە ھىچنىمىنى بىلمەيدىقاندەك ھىس قىلغان. 4-دەرىجە ئىمتاھان بەرسە 45 بىلەن 59 نىڭ ئارلىقىدا نۇمۇر ئېلىپ ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۈلتۈرگەن. 4-دەرىجىنى 4 قېتىم بىرىپ 55-59 ئالغان ئادەمنى خېلى كۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن بۇ پەلەمپەيدىن ئۈتىدىغانلارنىڭ سانى ئاز. بۇنداقلار ھەر ھالدا خېلى بىر نىمە بىلىدۇ. ئاساسى ھاجىتىدىن چىقالايدۇ. ئەگەر بۇ ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ، 6-دەرىجىدىنمۇ ئۈتىۋەتسە بۇ پەلەمپەيدىنمۇ ئوڭوشلۇق ئۈتكەن ھىساپلىنىدۇ. ئەڭ ئاساسى پەلەمپەي مۇشۇ ئىككى كەن. ئادەم ھەر بىر پەلەمپەيدىن ئۈتۇپ بۇلسا ئالدىدىكى نەرسىنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايدىكەن. كىيىنكى TOEFL, GRE يەنە بىر پەلەمپەي بۇلىدىكەن، تىل قۇللىنىدىغان دۈلەتنىڭ يىرىگە كەلگەندىن يەنە بىر پەلەمپەي بۇلىدىكەن. لېكىن بۇلار كىيىنكى ئىشلار بۇلغاچقا ئالدىدىكدەك مۇھىم ئۇرۇندا تۇرمايدۇ. 4-دەرىجىدىن 70 نۇمۇر ئېلىپ ئۈتەلىگەن ئادەم بۇلسا ئۇندىن كىيىنكى تىل مەسىلىسى ئاساسەن سۈزلۈك، سۈز بىرىكمىسىىى،  ۋە بەزىبىر كىچىك ئىنچىكە ئىشلار بۇلۇپ قالىدىكەن خالاس. بۇ يەردە دىمەكچى بۇلغىنىم، سىز ئۇچرىغان قىيىنچىلىققا باشقىلارمۇ ئۇچرىغان. باشقىلار ئۇ پەلەمپەيدىن ئۈتۈپ كىتىپتۇ، سىزمۇ ئۈتەلەيسىز، ئۈزىڭىز نىشان قىلغان شۇ تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى بىر پەلەمپەيدىن ئۈتەلمىسڭىز باشقا ھاياتتىكى نۇرغۇنلىغان پەلەمپەيدىن قانداق ئۈتىسىز. ئۈزڭىزگە ئىشنىڭ، تىلنىڭ ھەممىنى ئۈگىنىپ تىلشۇناس بۇلۇش شەرىت ئەمەس. ھىچ بۇلمىسا بىرىنچى پەلەمپەيدىن ئۈتۈڭ. ئاساسى ھاجىتىڭىزدىن چىقالايسىز، لازىم بۇلغاندا لوغەت ئاختۇرۇپ بۇلسىمۇ بەزى گەپلەرنى ئۇقالايسىز، تىېلىۋىزوردىكى، گىزىت مەتبۇئاتتىكى بەزى ئىنگىلىسچە ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلەيسىز.ئىنتېرنىتتىكى ئىنگىلىسچە بەتلەرگە كىرىپ ئىشلىتەلەيسىز. چەتئەللىكلەر كەلسە پىكىر ئالماشتۇرالايسىز.  ئىككىنچى پەلەمپەيدىن ئۈتۈڭ، ئادەتتىكى نۇرمال بىر نىمە يېزىپ ئۈزىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز، ماقالە، گىزىتلەرنىڭ، ئىنىېرنىتتىكى ماقالىلارنى كۈرۈپ چۈشىنەلەيسىز. پىكىر قاتناشتۇرالايسىز، بۇنىڭدا ئاساسەن ھەممە ئىشنى ھاجىتڭىزدىن چىققۇدەك قىلالايسىز. كىينگە پەلەمپەيگە خوشياقسا چىقسىىز، خوشياقمىسا چىقمايسىز.

تىل .ئۈگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك سۈزلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.  كىيىنكى تىمىدا ئۈگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك باشقا پاراڭلارنى قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن تەتىللىك پىلان تۈگەيدۇ.

3 ئىنكاس بار »

  • پەرۋان :

    بۇ دەل مەن يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى،ھازىر 16 ياشقا كىردىم يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلىنىڭ 1-قىسمىنى تۈگىتىپ 2-قىسمىنىڭ بىرىنچى چارىكىگە كەلدىم. ئوقۇتقۇچۇم ماڭا يادلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ،تېكىستلەرنى يادلىمىسىڭىز كىيىن يېزىقچىلىق قىلغاندا قىينىلىپ قالىسىز دەيدۇ. شۇ يادلاش سەۋەپلىك ھازىر ئېنگىلىزتىلىنى ئۆزۈمگە بەك بىسىم قىلىۋالدىم، بۇرۇنقۇدەك قىزغىنلىق يوق. ئەمما بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزۈمدە قايتا بىر ئىشەنچ پەيدا بولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، مەيلى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنىمۇ سىناپ باقاي ئۈنۈمى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئوۋچى بىلوگى :

    جېك ئەپەندى ئېنگىلىس تېلنى ئۆگنىشتە ئۆزمىزنىڭ ئانا تىلغا تاينىپمۇ ئۆگەنگىلى بولامدۇ …..
    ئېنگىلىس تېلنى ئۆگنىشتە باشتا قايەردىن باشلايمىز …
    مەن خەنزۇچە خەتلەرنى بىلشىم10%ئەتراپىدا ..
    مۇشۇ سۇئاللارغا بىز جاۋاپ بەرسىڭىز

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • قۇززات :

    ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، مەندەك ھورۇنلار ئۈچۈن ئوبدان پايدىلىنىش ماتىريالى بوپتۇ!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..