Articles Archive for مارت 2011
خەۋەر »

يەر تەۋرەش بىز تېلىۋىزوردا كۆرگەندەك ھەقىقەتەن ئېغىر بولغان بولۇپ مەن ئەھۋاللاشقان قېرېندىشىمىز يەر تەۋرىگەندە دوخۇپكىدا نان سېلىۋاتقان ئىكەن. يەر تەۋرەپ بولغاندىن كىيىن شۇ رايۇندىكى ھەممە ئۇيغۇرلار ئاساسان دىگۈدەك شۇ يەردىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ پانالىنىپتۇ. يىغىلغانلار 18 ئۇيغۇر بولۇپ ئارىسىدا ئىككى كىچىك بوۋاق بار ئىكەن. ئۇ رايۇندا چوڭ كىچىك بولۇپ بالىلارنى قاتقاندا 23 ئۇيغۇر بار ئىكەن، قالغان ئىككى ئائىلە ئۆيى بۇلاردىن سەل يىراقراق بۇلۇپ ئۇلار يىغىلغان يەرلەرگە كىلەلمەي ئۆزلىرىگە يىقىن جايلاردا پانالىنىپتۇ. ئۇ يەردە ئىككى كىچە كۈندۈز تۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا توك، سۇ، گاز دىگەندەك نەرسىلەر بولمىغاچقا بەك قېينىلىپتۇ. ئالاقە راۋان بولمىغاچقا سىرت بىلەنمۇ ئالاقە قىلىش ئىمكانىيتى بولماپتۇ. كىچىك تىپتىكى گاز ئۇچاق دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن بىر نەرسىلەرنى پۇشۇرۇپ يەپتۇ. كىچىك بالىلار بەك جاپا تارتىپتۇ ۋە قورقۇپ كىتىپتۇ. بەزىدە بىر نەچچە ئۇغۇللار بىرلىىشپ ئۆيىگە قايتىپ يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. تۈنۈگۈندىن تارتىپ سەل ئەسلىگە
ئويلانمىلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

يىڭىلاندى: رايون تىلى باسك تىلى ۋە ئىسپان تىلى بولۇپ، تىل باشقۇرۇش سېستىمىسى كاتالونىيەگە بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بۇ رايوندا بەزى مەكتەپلەر پۈتۈنلەي باسكچە ۋە بەزىلىرى تامامەن ئىسپانچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تاللاش ئەركىنلىگە ئىگە. ئالى مەكتەپلەرمۇ ئوخشاش شەكىلدە تىل پەرقى بويىچە ئايرىلىدۇ. ئىسپانچە مەكتەپلەردە باسك تىلى ۋە باسكچە مەكتەپلەردە ئىسپانچە قوشۇمچە ئۆتۈلىدۇ. يوللاردىكى بارلىق ۋىۋىسكىلار، بارلىق رەسمى ۋە غەيرى رەسمى ھۈججەتلەر، پىلاكاتلار باسكچە ۋە ئىسپانچە يېزىلىدۇ. يىغىندا سۆز ئالغان باسك ناتىقىمىزنىڭ بايانىچە، ھازىر بارغانسېرى باسك ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپ تاللىغىنىدا ئىسپان تىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتلارنى تاللاۋېتىپتۇ. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىسپانچىنىڭ ۋە ئىسپانىيەنىڭ مۇھىم ئورنىدىنمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا، پەقەت ئىسپان تىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتلاردا سرتتىن كېلىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆپ، ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنيا قارىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىلدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باسك تىلىدا ئوقۇغاندىن كىيىن، ئالى مەكتەپنى بولسىمۇ باسك مۇھىتىدىن نېرىراق ئوقۇش باسك ياشلار ئۈچۈن مۇھىم ئىش ئىكەن. بولمىسا، تامامەن ئۆز مۇھىتى، ئۆز مىللىتى، ئۆز رايونى ۋە ئۆز كىشىلىرى دائىرىسىگە قاپلىنىپ
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ياپونىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم
تۇردى لېتىپ
1- باب، ياپونىيەلىكلەر قانداق ئىنسان
مېنىڭ ياپونىيەدە تۇرغان كۈنلىرىم ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، لېكىن 1992-يىلى ياپون تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان چاغدىن باشلاپ، ياپونىيەلىكلەر بىلەن دالا ساياھىتىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتلەردە بىرگە بولغان چاغلىرىمنى سانىسام 10 يىلدىن ئاشىدۇ. مۇشۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەنگەن بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئۇيغۇر دېگەننىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىگى تۇنۇتۇپ، ئۇلاردىن مەن بىلەن ئارىلاشقانلىكى قېرى-ياش، يۇقىرى-تۆۋەن، ئەر-ئايال ھەرقانداقلىكى بىرسىنىڭ كۆڭلىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ كەلگىنىم مەن ئۈچۈن بىر غەلبە. بەلكىم بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئۈنچە ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن خېلى كۆپ ياپونىيە پۇقراسىنىڭ …
خەۋەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىرىدىن خوش-خەۋەرلەر توختىماي كىلىۋاتىدۇ. مىرەخمەتجان دۆلەت ئۇلىمپىك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىدا يىڭى بىر نامايەندە ياراتقانغلىنى ئوقۇپ خوش بۇلۇپ ئولتۇرسام، ئۇ ياقتىن ئۇنى گوللاندىيەدىكى ئامىستېردام پۇتبۇل كۇلۇبى ئاجاكىس ( AFC Ajax)كىلىپ سىناق مەشىقىدىن ئۆتۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. يىڭىدىن يىتىشكەن نوتا ئۆتكۇر دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا كاپىتان بولۇپ روسىيەدە مۇسابىقە ئويناپ ئىككىنچى بولۇپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن خوش بولۇپ تېخى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي ئولتۇرسام تۈنۈگۈن خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى يىڭىدىن باشلانغان بۇ يىللىق ئاسىيا پۇتبۇل كۇلۇبلىرى چىمپيۇنلۇق ئايلانما مۇسابىقىسىدا( Asian Champions League) «بىر پاس، بىر توپ» بىلەن ياپۇننىڭ داڭلىق J مۇسابىقە چىمپيونى ناگويا( Nagoya Grampus) كۇلۇبىنى 2 دە 0 بىلەن تولۇق مەغلۇپ قىلىپ بىر كىچىدە جۇڭگۇدا تۇنۇلۇپتۇ. جۇڭگۇدا تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تېلىۋىزىيە،تور ۋە گىزىت ژورناللاردا ھەممىسىدە بارىنىڭ گەپلىرى
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

ئسمى : مىرئەخمەت .مۇزەپپەر
ئېنگىلىزچە ئسمى:Mirahmetjan Muzepper
دۆلىتى:جوڭگۇ
تۇغۇلغان جايى:قەشقەر
يۇرتى:جوڭگۇ —–قەشقەر
تۇغۇلغان ۋاقتى:1991-1-14
ئىگىزلىكى:182
ئىغىرلىقى:73
سول پۇتىدا توپ تىپىدۇ .
كەسپى:پۇتبول
كۇلۇپ:شەندۇڭ لۇنىڭ
كىيىم نۇمىرى:25
دۆلەت كوماندىسىدىكى نۇمىرى:16
ئورنى:سول كىراي ،سول بىك، ئارقا بەل
ھازىرقى كوماندا :خىنەن قۇرلۇش پۇتبۇل كوماندىسى
پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرئەخمەت مۇزەپپەر 1991- يىلى 1 -ئاينىڭ 14-كۇنى قەشقەر شەھىرىدە پۇتبول ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۇركۇمدىكى شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسنىڭ ئەزاسى ھىسابلىندۇ .ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن .مىرئەخمەتنىڭ دادىسى مۇزەپپەر ئاكىمۇ ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسغا تاللانغان ، ھەم شىنجاڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن .مىرئەخمەت 3 ئەۋلات …