مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1605 رەت   / مەنبە: -

يۈرەك مەنبەلىك شوك بولسا يۈرەك پائالىيىتى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىتىن، يۈرەكنىڭ قان چىقىرىشى روشەن دەرىجىدە ئازىيىپ، قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرقايسى ئەزا توقۇلمىلىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولغاچقا، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئەتراپ قان ئايلىنىشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يىغىندى ئالامەتتۇر. بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار كۆپ بولۇپ، سانى %70 ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. 

كېسەل سەۋەبى:

1. ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى:

2. ئۆتكۈر يامراش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى: 

3. كېڭىيىش تىپلىق يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى:

4. ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك ئاستا ھەم رىتىمسىز سوقۇش:

5. يۈرەكنىڭ مېخانىزملىق پائالىيىتى ئاجىزلىغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ. 

6. كۆكرەكنى ئېچىپ يۈرەكنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش يىغىندى ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ. 

كلىنكىلىق ئىپادىسى:

يۇقىرىدىكى بىرلەمچى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇشتىن باشقا يەنە چارچاش، ئېغىز قۇرۇش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، بىئارام بولۇش، چىرايى تاتىرىش، كۆپ تەرلەش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھوشسۇزلىنىپ قالىدۇ. 

بەدەن تەكشۈرۈش: بىرلەمچى يۈرەك كېسىلىنىڭ بەلگىلىرىدىن باشقا بىمارنىڭ رەڭگى تاتىراڭغۇ بولىدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ، تېرىسى سوغۇق نەم بولىدۇ، كالپۇكى بىلەن تىرناقلىرى كۆكىرىدۇ. ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدا گۈللۈكسىمان داغ بولىدۇ. تومۇرى ئاجىز، تېز سوقىدۇ، نەپەس ئېلىشى جىددىي، تېز بولىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچىدا تېرە، شىللىق پەردىلەردە قاناش بولىدۇ. تىڭشاپ تەكشۈرگەندە يۈرەك سوقۇشى تېز بولۇپ، مىنۇتىغا 130 قېتىم ئەتراپىدا سوقىدۇ، ئىككى ئۆپكە تۈۋىدە ھۆل خىرىپلار ئاڭلىنىدۇ. قان بېسىم: ئارتېرىيە قىسقىرىش بېسىمى mmHg80 دىن تۆۋەن بولىدۇ، سۈيدۈك مىقدارى ml20 دىن ئاز بولىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.