كېسەللىك سەۋەبى:
بۇ خىل كېسەللىكتە كۆپىنچە ئىلگىرى ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى، بولۇپمۇ يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىش كېسەللىك تارىخى بولغان بولىدۇ. ئۆتكۈر دەۋرىدە ئىپادىلىرى يېنىك بولۇپ، دىققەت قىلماسلىقتىن كېيىن سوزۇلما خاراكتېرلىككە ئۆزگىرى كېتىدۇ. كېسەللىك باشلىنىپ ئۈچ ھەپتە بولغاندا تارىيىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ ئۆتكۈر دەۋرى كلىنىكىدا ياخشىلىنىپ، بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن سوزۇلما خاراكتېرلىككە ئۆزگىرىدۇ.
كىلىنىكىلىق ئىپادىسى
چاپلىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغىدا ئادەتتە ئالامەت ۋە بەلگىلەر كۆرۈلمەيدۇ. تارىيىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ باشلىنىشى ئاستا بولۇپ، بەلگىلىرى ئالامەتلىرىگە قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.