ھەزىم قىلىش ناچارلىشى: ئادەتتىكى ئاشقازان ئاغرىش بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلغان ئاشقازان بىئارام بولۇشتا سانجىپ ئاغرىش ۋە قاتتىق ئاغرىش ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. پەقەت قورساق كۆپكەندەك بولۇپ بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. بەزىدە يەنە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسقىسى كېلىدۇ.
تۆۋەنكى ئېڭەك ئاغرىش: ئاغرىق سېزىمى تۆۋەنكى ئېڭەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە تارقىلىدۇ. بەزىدە ھەتتا بويۇننىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلا تەرىپى ئاغرىيدۇ.
بىلەك ۋە مۈرە ئاغرىش: ئادەتتە سول بىلەك ۋە سول مۈرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى كۆپ كۆرۈلسىمۇ، لېكىن قاتتىقراق ئاغرىغاندا ئوڭ بىلەككىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئاغرىش بەك قاتتىق بولمايدۇ، كۆپىنچە ئالدى بىلەكنىڭ ئىچى تەرىپى ئاغرىيدۇ.
نەپەس جىددىيلىشىش: بەزى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا يەنە نەپەس جىددىيلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل نەپەس قىيىنلىشىشنى كىشىلەر دائىم «تىنالماي قېلىش» دىيىشىدۇ.
ھارغىنلىق ھېس قىلىش: تېزرەك مېڭىپ ھاسىرىغاندىن كېيىن، بىماردا ئېغىر ھالسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بەدىنىنى تۈزلىيەلمەي قالىدۇ. ھارغىنلىق بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى بىلەن چەكلەنمەستىن، پۈتۈن بەدەندە كۆرۈلىدۇ.
غەيرىي سېزىم كۆرۈلۈش: تەخمىنەن %20 يۈرەك كېسىلى بىمارىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بىر «تىنچ» دەۋر بولىدۇ. يۈرەك كېسىلى تويۇقسىز قوزغىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان نۇرغۇن بىمارلار يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتىن بىر نەچچە سائەت، بىر نەچچە كۈن، ھەتتا بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى بەدىنىدە بىر خىل غەيرىي سېزىمنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.