قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلى- نوقۇل قاندا خولېستېرىن كۆپىيىش كېسىلى، نوقۇل قاندا ترىگلىتسېرىد كۆپىيىش كېسىلى ياكى ئىككىسى قوشۇلۇپ كەلگەن قاندىكى ماي مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىش مەنبەلىك كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپىنچە ئىرسىيەت گېنىنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئۇرۇقداشلىق خاراكتېرلىك قاندا خولېستېرىن ئارتىپ كېتىش كېسىلى، كۆپ گېنلىق ئۇرۇقداشلىق خاراكتېرلىك قاندا خولېستېرىن كۆپىيىش كېسىلى، ئۇرۇقداشلىق خاراكتېرلىك قاندا ترىگلىتسېرىد كۆپىيىش كېسىلى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە يېمەك-ئىچمەكتە ماي كۆپ بولۇش، بولۇپمۇ تۇيۇنمىغان ماي كىسلاتالىرى كۆپ مىقداردا بولۇش، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ئاز ھەرىكەت قىلىش، سېمىزلىك يتاكى بەزى دورىلارمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە مەلۇم كېسەللىكلەر، مەسىلەن، دىئابېت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، قالقانسىمان بەز كېسىلى، قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلى، سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىقلارمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلىنىڭ سەۋەبىمۇ خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئالاھىدە كېسەللىك ئەمەس، بەلكى بىر گۇرۇپپا كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.