مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2726 رەت   / مەنبە: -

ھەرخىل يۈرە كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەكنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن يۈرەكتىن روھ قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، كىلىنىكىدا يۈرە ھەرىكىتى تېزلىشىش ياكى روھ قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشپ، كىلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش ياكى يۈرەك رېتىمى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە <خەفەقان> دەپ ئاتىلىدۇ.

خەفەقان خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك خەفەقان ۋە باشقا ئەزا شېرىكچىلىكىدىكى خەفەقان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1. مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك خافاقان

ھەرخىل سەۋەبلەردىن يۈرەكنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ، يۈرەكتىكى روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، كىلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش، يەرك چالاڭغۇراش، يۈرەك ساھەسى يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالمەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان خەفەقان-مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك خەفەقان دېيىلىدۇ.

سەۋەبى:

1). خىلىتىسىز ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

2). خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

3). خىلىتسىز سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

4). خىلتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

5). قان خىلىتىنىڭ تەبىئىي مىقدارىدىن ئازىيىشى ۋە كۆپىيىشىدىن كېلىپچىقىدۇ.

6). سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق)، بەلغەم (ھۆل سوغۇق) ۋە سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) خىلىتلارنىڭ تەبىئىي مىقدارىدىن كۆپىيىشىدىن كېلىپچىقىدۇ.

7). غەيرىي تەبىئىي روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

ئالامىتى: بۇ كېسەلدە يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىپ، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، بەزىدە يۈرەك چالاڭغۇراپ ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ. يۈرەك ساھەسى يېقىمسىزلىنىدۇ، بىمار تەشۋىشلىنىدۇ، ئىچى سىقىلىدۇ.

1). قان خىلىتىنىڭ تەبىئىي مىقدارىدىن كۆپىيىشىدىن بولغان بولسا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ. يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، تومۇرى توم، دولقۇنلۇق سالىدۇ، شۇنداقلا قان خىلىتىنىڭ غالىبلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2). سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىي مىدارىدىن كۆپىيىشىدىن كېلىپچىققان بولسا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە، تېز سالىدۇ. شۇنداقلا سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) خىلىتىنىڭ غالىپلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

3). بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىي مىقدارىدىن كۆپىيىشىدىن كېلىپچىققان بولسا يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، تومۇرى توم، ئاستا سالىدۇ، شۇنداقلا بەلغەم خىلىتى غالىبلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

4). سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) خىلىتىنىڭ تەبىئىي مىقدارىدىن كۆپىيىشىدىن كېلىپچىققان بولسا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا سالىدۇ، شۇنداقلا سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) خىلىتى غالىبلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2. باشقا ئەزا شېرىكچىلىكىدىكى خەفەقان (يۈرەك ئېغىش)

مېڭە، جىگەر، ئاشقازان، ئۈچەي، بالىياتقۇ، ئۆپكە ياكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن يۈرەكنىڭ ئېغىشى-باشقا ئەزا شېرىكچىلىكىدىكى خەفەقان دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئاشقازان مەنبەلىك خەفەقاندۇر.

1) ئاشقازان مەنبەلىك خەفەقان (خەفەقانى مەئدە) ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپچىققان يۈرەك ئېغىش ئاشقازان مەنبەلىك خەفەقان (خەفەقان مەئدە) دېيىلىدۇ.

سەۋەبى: يۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىى، قۇۋۋىتى ھازىمەنىڭ ئاجىزلىقى، ھەزىم خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدۇ.

ئالامىتى: ھەزىم ناچارلىشىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، سېسىق كېكىرىدۇ، ئاشقازان كېسىلىگە ئائىت باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن يۈرەك ئېغىش ئالامىتى بولىدۇ.

2) بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان خەفەقان: بەدەننى ئاجىزلاشتۇرغۇچى تۈرۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بەدەن ئاجىزلاش بىلەن يۈرەك ئېغىش خەفەقانى زەئپ بەدەن دېيىلىدۇ.

ئالامىتى: يۈرەك ئاغىدۇ، رېتىمسىزلىنىدۇ، يۈرىكى ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ، ئازغىنا نەرسىلەردىن ئارتۇقچە ھاياجانلىنىدۇ. مەسىلەن: كۈچلۈك ئاۋازلاردىن قورقۇپ يۈرەك ئېغىش، ئاش-تاماقنىڭ پۇرىقىدىن سەسكىنىپ يۈرىكى سېلىپ كېتىش، پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.