مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2600 رەت   / مەنبە: -

يۈرەك مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش

نەپەس قىيىنلىشىش- نەپەس سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەر بىلەن قان ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ئالامەتتۇر. نەپەس قىيىنلاشقاندا كېسەل كۈچەپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، نەپەسلەنگەندە ئېغىز ئېچىلىپ مۈرىسى كۆتۈرلىدۇ، بۇرۇن قاناتلىرى ھەرىكەتلىنىدۇ، نەپەس مۇسكۇللىرى بىلەن نەپەس ياردەمچى مۇسكۇللىرىنىڭ ھەممىسى نەپەسلىنىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ، كالپۇكلىرى كۆكىرىدۇ، نەپەس قېتىم سانى، نەپەس رېتىمى، نەپەسنىڭ چوڭقۇرلۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۆزگىرىش بولىدۇ. 

كېسەللىك سەۋەبى ۋە دىئاگنوز نۇقتىلىرى


1. ئۆپكە مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش:

بۇ خىلدىكى نەپەس قىيىنلىشىش مۇنداق بولىدۇ: 

1) ھاۋا يوللىرى سىپازمىلىنىش، تارىيىش، توسۇلۇش قاتارلىقلار ھاۋا ئۆتۈشۈشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. 

2) ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، ئۆپكە تىقىلمىسى، ئۆپكە بېسىلىش قاتارلىق ئۆپكىدىكى كېسەللىكلەر ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ھەجمىنى كىچىكلىتىپ، ھاۋا ئالمىشىشقا تەسىر قىلىدۇ. 

3) كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، ھاۋا يىغىلىش، كۆكرەك پەردىسى چاپلىشىپ قېلىش قاتارلىقلار ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئازايتىپ ياكى كۆكرەك قەپىزىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر قىلىپ، نەپەس قىيىنلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. 

4) كۆكرەك قەپىزىنىڭ شىكلى ئۆزگىرىش، نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرى پالەچلىنىش قاتارلىقلار پەيدا قىلغان نەپەس ھەرىكىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن نەپەس قىيىنلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆپكە مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىشنى ئۈچ تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ: 

1) نەپەس ئېلىش خاراكتىرلىك نەپەس قىيىنلىشىش: نەپەس ئېلىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك ئۇزىرايدۇ. 

2)نەپەس چىقىرىش خاراكتىرلىك نەپەس قىيىنلىشىش: نەپەس چىقىرىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك ئۇزىرايدۇ. 

3) ئارىلاشما نەپەس قىيىنلىشىش: بۇنىڭدا كېسەل نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىشنىڭ ھەممىسىدە قىينالغاندەك ھېس قىلىدۇ.


2. يۈرەك مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش: 

يۈرەك كېسىلى بارلاردا مۇبادا نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلسە، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. سول يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغان كېسەللەر ئوڭدىسىغا ياتقاندا نەپەس قىيىنلىشش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، شۇڭا ئۇنداق كېسەللەر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرۈىدۇ. ئۆتكۈر سول يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغاندا كېچىسى تۇتقاقلىقتىن بولىدىغان نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلىدۇ. بۇ «يۈرەك مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش» دېيىلىدۇ. بۇنى كايانچە زىققىسىدىن پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئوڭ يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغاندىمۇ نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلۈپ، كېسەلنىڭ بويۇن ۋېنالىرى كۆپۈش، جىگەر يوغىناش، مۈچىلەر ئىششىش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ.


3. زەھەرلىنىشتىن بولغان نەپەس قىيىنلىشىش:

ماددا ئالمىشىش مەنبەلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش بولغاندا چوڭقۇر، رىتىملىق، ئەمما تېزلەشكەن نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال كۆپىنچە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، كېتون كېسىلىدە كىسلاتادىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلاردا ئۇچرايدۇ. ئۆتكۈرە يۇقۇملىنىش مەنبەلىك قان زەھەرلىنىش كېسەللىكلىرىدە، زەھەرلىك ماددىلار نەپەس مەركىزىنى غىدىقلىغانلىقتىن نەپەس قىيىنلىشىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا دورا ياكى زەھەرلك ماددىلار بىلەن زەھەرلەنگەندە كۆپىنچە نەپەس مەركىزى تورمۇزلىنىش، نەپەس ئاستىلاش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار سەۋەبىدىن نەپەس قىيىنلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.