مەملىكىتىمىزدە مېڭە-يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمەكتە. ستاتىستىكا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر سانى تەخمىنەن ئومۇمىي ئۆلگەنلەر نوپۇسىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدىكەن. ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلگۈچىلەر 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئۆلۈش نىسبىتى 10000/200 دىن يۇقىرى بولۇپ ئامېرىكا، كانادا، فرانسىيە، ياپونىيە، شۋېيتسىيە، سۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىز ھازىر يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ قالدى، شۇڭلاشقا، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىشىمىز ئىنتايىن زۆرۆر. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم خەۋپلىك ئامىللاردىن بىرسى بولغاچقا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.