رېماتىزىملىق يۈرەك كېسىلى دېگىنىمىز، قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان رېماتىزم قىزىتمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۈرەك كلاپانىنىڭ تارىيىشى ۋە ياكى تولۇق يېپىلماسلىقىنى ئاساسلىق پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش قىلىدىغان، كلىنىكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، تەخمىنەن %50 نى ئىگىلەيدۇ، ئاياللار ۋە ياشلاردا (20-40 ياش) كۆپرەك ئۇچرايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسىېرى تۆۋەنلىمەكتە.
A گۇرۇپپا B تىپلىق قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى رېماتىزم قىزىتمىسىنى پەياد قىلىدىغان بىردىنبىر كېسەللىك ئامىلى بولۇپ، قايتا-قايتا قوزغالغان رېماتىزم قىزىتمىسى يۈرەك كلاپان كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلىدە ئىككى قانتانلىق كلاپان كېسىلى ئاساسلىق ئورۇندا بولۇپ، تەخمىنەن %90 نى ئىگىلەيدۇ. ئائورتا كلاپان كېسىلى %25 نى ، ئۈچ قاناتلىق كلاپان كېسىلى %5 نى، ئۆپكە ئائورتا كلاپان كېسىلى ئەڭ ئاز بولۇپ، %2 نى ئىگىلەيدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.