مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1257 رەت   / مەنبە: -

1991-يىلىدىكى قان بېسىمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %1.8 بولغان. يەنى ھەر 100 نەپەر قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەخمىنەن 12 نەپىرى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا پۈتۈن مەملىكەتتە 85 مىليون كىشى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

شىماللىقلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش جەنۇبلىقلاردىن يۇقىرى ئىكەن. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى مۇناسىپ ئالامەتلىرى ئېنىق بولمىغان كېسەللىك، شۇڭلاشقا «يوشۇرۇن قاتىل» دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرى مېڭە سەكتىسى، يۈرەك تىقىلمىسى بولغاندا ئاندىن ئۆزىدە يۇقىرى قان بېسىم بارلىقىنى بىلىدۇ. ھەتتا يۇقىرى قان بېسىم بىلەن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى يۇقىرى قان بېسىم ئەستايىدىللىق بىلەن كونترول قىلىپ باقمىغان، ھەتتا ئۆزىدە يۇقىرى قان بېسىم بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلار بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىن ئۆتكەنلەردىن كېيىن كىشىلەر بىر يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك. بارلىق دوختۇرلارغا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمىزكى، دوختۇرغا تۇنجى قېتىم كۆرۈنگەن قۇرامىغا يەتكەن بىمارلارنىڭ قايسى سەۋەبتىن كۆرۈنۈشكە كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم قان بېسىمىنى ئۆلچەش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.