ئۆتكۈر يۈرەك مەنبەلىك ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى يۈرەك مەنبەلىك زىققا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۆتكۈر ئېغىر دەرىجىدىكى سول يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ بىرخىل ئىپادىسىدۇر. ئۆتكۈر خااكتېرلىك ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى بۇنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچايدىغان بىر خىلى بولۇپ، بۇنى ئۆز ۋاقتىدا توغرا داۋالىمىغاندا ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى كۆپ بولىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى:
بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەر ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئۆتكۈر يۈرەك شورىغۇچ مۇسكۇل پائالىيىتى تولۇق بولماسلىق، يۈرەك تارىمۇشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشى، ئۆتكۈر قېرىنچە ئارىلىق پاسىلى تېشىلىش، رېماتىزملىق ئىككى قاناتلىق كلاپان كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ئۆتكۈر تەرەققىي قىلىشچان يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ياكى يۇقىرى قان بېسىم بۆھرانى، ئائورتا كلاپان كېسەللىك ئۆزگىرىشى، يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكى، ئۆتكۈر ئېغىر يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، سۈنئىي ئورنىتىلغان ئىككى قاناتلىق كلاپان ئۆتكۈر زەخىملىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كېسەللىك قوزغايدىغان ئامىللار: ئېغىر دەرىجىدىكى ھەرىكەت، كەيپىيات جىددىيلىشىش، تۇتقاقلىق يۈرەك تېزلىكى، يۇقۇملىنىش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچتىكى ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت، سۇيۇقلۇقنى كۆپ بېرىش ياكى تېز سۈرئەتتە بېرىش قاتارلىقلار.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.