باش پىياز : يۇقىرى قان بېسىمى بارلارنىڭ تېنىدىكى تالا ئاقسىلىنى ئېرىتكۈچى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار . باش پىيازنى خام يېسە ، ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ ، قورۇغاندىمۇ بەك ئۇزاق قورۇۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر پارغا ئېيلىنىپ كېتىدۇ .
ماش ئۈندۈرمىسى : ماشتا ئاساسىي جەھەتتىن ۋىتامىن سى تەركىبى بولمايدۇ . لېكىن ماش ئۈندۈرمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن سى نىڭ مىقدارى 63 مىللىگىرامغا يېتىپ ، خولېستېرىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ماش ئۈندۈرمىسىنىڭ يېمەكلىك تالاسى بەدەندىكى خولېستېرىننى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ . ماش ئۈندۈرمىسىنى قورۇپ يېيىشكە بولىدۇ . لېكىن ياغ بىلەن تۇزنى كۆپ قويۇشقا بولمايدۇ ، قورۇغاندا ئازراق زەنجىۋىل ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتكەندە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
ئالما : ‹‹يېمەكلىك ئارىسىدىكى ئومۇمىي پەن دوختۇرى››دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ يەنە بەدەندىكى ‹‹ئەسكى خولېستېرىن››سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، شۇنداقلا تالا ئېلېمىنتىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ، شۇڭا مەيلى ياشانغانلار ۋە بالىلار بولسۇن ، كۈندە ئالما يېيىشنى تەۋىسيە قىلىمىز .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.