سۇ بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر سۇسىزلىنىپ، سۇ قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىدۇ. قاننىڭ زاپاس ساقلىنىش مىقدارى ۋە ئېقىش سۈرئىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن بەزى ئورۇنلاردىكى قىلدام قان تومۇرلار ئېتىلىدۇ، بەدەندە سۇ كەملىك ياكى قۇرغاقچىلىك ئاپىتى يۈز بەرگەندە، %66 سۇ ھۈجەيرە ئىچىدىن، %26 سۇ ھۈجەيرە سىرتىدىن قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا سۈمۈرۈلۈپ كەتسە، %8 سۇ تەركىبى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆزىدىن سۈمۈرلۈپ كېتىدۇ. پەقەت قان تومۇرنىڭ ئىچكى بوشلۇقىنى ئەتكەندىلا ئاندىن، قاندىكى سۇ تەركىبىنىڭ يوقىلىشىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق، پائالىيەتچان بولمىغان ئورۇنلارنىڭ قىلدام قان تومۇرلىرى ئەڭ ئاۋۋال ئېتىلىدۇ. ئەگەر بارلىق قىلدام قان تومۇرلارنىڭ ھەممىسى ئېچىلسا، بەدەن تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. سۇ كەمچىل بولغاندا بەدەن سىرتىدىن تولۇقلاش كېرەك ياكى بەدەن ئىچىدىكى باشقا ئورۇنلاردىن ئېرىشىش كېرەك.
قاننىڭ ئېقىش مىقدارىبولسا پۈتۈن بەدەندىكى قىلدام قان تومۇرلار ئورنىنىڭ پائالىيەتچانلىق دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلنىدۇ. مۇسكۇللار قانچە تەرەققىي قىلسا، قىلدام قان تومۇرلار شۇنچە كۆپ ئېچىلىدۇ. ئۇ ئىگە بولىدىغان قان زاپىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش بولسا فىزىئولوگىيىلىك تەڭشەشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر تەرىپى. قىلدام قان تومۇرلار ئوچۇق ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالىسىلا قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچىرىمايدۇ. ئەگەر قىلدام قان تومۇرلار يېپىق ھالەتتە تۇرسا قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. پەقەت قاننىڭ ئايلىنىش بېسىمىنى ئاشۇرغاندىلا، سۇيۇقلۇقنىڭ سىستېما ئىچىدە توسالغۇسىز راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
قىلدام قان تومۇرلار بەدەنگە سۇ كەم بولۇش سەۋەبىدىن تاللاش خاراكتېرلىك ئېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىز ئىچكەن سۇلار ئەڭ ئاخرىدا ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىپ، ئىچكى قىسىمدا ھۈجەيرىنىڭ سىغىمچانلىقىنى تەڭشەيدۇ، تۇزلار ھۈجەيرە سىرتقى قىسىمنىڭ سىغىمچانلىقىنى تەڭشەيدۇ. ھۈجەيرە سىرتى بولسا بىپايان دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشايدۇ. ئادەم بەدىنىدە بىر سىرلىق تەڭپۇڭلۇق مېخانىزمى بار بولۇپ ھۈجەيرە تەركىبىدىكى سۇنىڭ مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش بەدىلىگە قاننىڭ تۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بەدەندە سۇ كەم بولغاندا، بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر ئادەتتىكى ئېھتىياجىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولسا، يەنى بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر ئالدىن بېكىتىلگەن تەڭشەش نىسبىتى بويىچە سۇ تەركىبىگە ئېرىشىپ ئۆز فۇنكىسىيىسىنى ساقلاپ قالىدۇ. ( ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، سۇ ھۈجەيرە پەردىسىدە سۈزۈلۈپ، ئۆتكەندىلا ئاندىن ئاندىن ھۈجەيرە ئىچىگە كىرەلەيدۇ) لېكىن، قان چوقۇم ئۆز تەركىبىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ساقلىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ھەرخىل ئېلېمېنتلار مۇھىم مەركىزى ئورۇنلارغا يېتىپ بارالايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.