مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 913 رەت   / مەنبە: -

ئارتېرىيە كانىلى ئېتىلمەسلىك بىرخىل دائىم ئۇچرايدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلىكلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تەخمىنەن%12-%5 نى ئىگىلەيدۇ. بەزىدە يالغۇز كېلىدۇ، بەزىدە يۈرەك ئىچىدىكى غەيرىيلىك ياكى ئائورتىدىكى غەيرىيلىك، مەسىلەن: ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى ئېتىلىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن بىرگە كېلىدۇ. 

بۇ كېسەللىك ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ، يەنى ئەر-ئاياللارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1:2 نىسبەتتە بولىدۇ، ئاساسەن بالىلار ۋە ياشلاردا كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. چوڭ ئائورتا كانىلى ئېتىلمەسلىك قان تولۇش خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، نەپەس يولى قايتا-قايتا يۇقۇملىنىش، ئۆسۈپ يېتلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، كېسەلگە بالدۇر توغرا دىئاگنوز قويۇپ، ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىش، بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.