يۈرەك سانجىقىنىڭ بەلگىلىرى
يۈرەك سانجىقى-يۈرەككە ئۇشتۇمتۇت ئېغىر دەرىجىدە قىسقا ۋاقىتلىك قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كىلىنىكىلىق يىغىندى ئالامەتتۇر. ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلاردا بولىدىغان يۈرەك سانجىقى ئاساسەن تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم تۈپەيلىدىن، تاجىسىمان قان تومۇرلىرىدا بوتقىسىمان قېتىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئارتېرىيە قان تومۇر كانالچىلىرىنىڭ نورمال يوللىرىنى تارايتىش نەتىجىسىدە قاننىڭ راۋان ئېقىشى ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچراش بىلەن، يۈرەك مۇسكۇللىرىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. يۈرەك سانجىقىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى: كۆكرەك تۆش سۆڭىكى ئارقا تەرىپى ياكى تۈرەكنىڭ ئالدى رايونى ئاغرىش، ئاغرىغان ۋاقىتتىكى سېزىم-خۇددى كۆكرەك قىسمىنىڭ ئېغىر نەرسە باسقاندەك، دىمى سىقىلىش، چىڭقىلىش، بەزىدە قىزىپ ئاغرىش، ئەمما بۇ خىل ئاغرىش يىڭنە سانجىغاندەك ياكى پىچاق تىلغاندەك بولمايدۇ. ئاغرىش ئورنى بىر دائىرىدە ياكى بىر نۇقتىدا بولمايدۇ. يۈرەك مۇجۇپ ئاغرىغاندا كۆپىنچە سول تەرەپ مۈرىگە، سول بىلەكنىڭ ئىچكى قىسمىغا، سول جەينەككە، سول قولنىڭ بېغىشى ۋە نامسىز بارماق ۋە كىچىك بارماققا تارقىلىپ ئاغرىيدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەردە ئوڭ مۈرىگە تارقىلىپ ئاغرىش ئەھۋالى بولىدۇ. قىسمەن ئەھۋاللاردا بويۇن، بوغۇز، تۆۋەنكى جاغ، بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى ياكى تارغاق ئارىلىق رايونى ئاغرىيدۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ۋە ئاغرىيدىغان ئورنى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بىر ئاغرىققا نىسبەتەن ھەر قېتىمدا تەرلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، باش قېيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئاغرىش بارغانسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ. ئاغرىش ۋاقتى 5-3 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ. تىپىك يۈرەك سانجىقىدا بولسا ئاغرىش داۋاملىشىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ. ئاغرىق توختىغاندا ھېچقانداق بىئاراملىق كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر يۈرەك سانجىقى چارچاشتىن كېلىپ چىققان بولسا، يېتىپ ئارام ئالغاندىن كېيىن ئاغرىش توختايدۇ. ھەر قېتىمقى ئاغرىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. تويۇپ غىزالىنىشتىن ياكى روھىي كەيپىياتتىكى جىددىيلىكتىن، قاتتىق ھاياجانلىنىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك سانجىقى 15~20 مىنۇت داۋاملىشىدۇ. ئاغرىش ۋاقتى 30 مىنۇت داۋاملىشىدىغانلار ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل كىشىلەردە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار ئىكەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك. يۈرەك سانجىقى قوزغالغاندا تىل ئاستىغا نىتروگلىتسېرىن تابلېتكىسىنى باسقاندا ئۈنۈمى بولىدۇ.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەردىكى يۈرەك سانجىقىنىڭ ئىپادىلىرى تىپىك بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەردە دىمى سىقىلىش، كۆكسى چىڭقىلىش، قورساق ئاغرىش، باش ئايلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش، تىتىرەش، سوغۇق تەر چىقىش، ئىچى سۈرۈش، چىرايى تاتىرىپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
يۈرەك سانجىقى جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا، زىيادە ھاياجانلانغاندا، زىيادە تويۇپ غىزاللانغاندا، كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندە، سوغۇق ھاۋا تويۇقسىز تەسىر قىلغاندا قوزغىلىدۇ. جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا ياكى روھىي كەيپىياتى ھاياجانلانغاندا كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك سانجىقى ئارام ئېلىۋاتقاندا ياكى ئۇخلاۋاتقاندا قوزغىلىدۇ. ئاغرىش دەرىجىسى ئېغىر، داۋاملىشىدىغان ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، نىتروگلىتسېرىننىڭ ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. بۇ خېلى تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى تېزلىكتە يامانلىشىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى، ھەتتا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاغرىقتا بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال ئارام ئالدۇرۇش، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شارائىت يارىتىپ دەرھال ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوكسىگېن پۇرىتىش، تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.