بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى قان بېسىمى كۆپىنچە بويۇندىكى سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن قىلدام
تومۇرلارنىڭ تارىيىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ ، ئۇ ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بويۇن
ئومۇرتقىسىنى داۋالاشقا بىرلەشتۈرۈپ داۋالىسا ، ئاندىن قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ . دوختۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، كېسەل ئەھۋالىغا
قاراپ دورا ئىچىش–ئىچمەسلىكنى بەلگىلەش كېرەك . ئەگەر بىر يېرى ئاغرىۋاتقان ۋاقىتتا قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە ، بۇ نورمال ئەھۋال
ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدىن باشقا ، يەنە بوغۇملار ئاغرىش ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئاغرىق قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا
قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ . بۇ ئەھۋالدا دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ . ئەگەر قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى نىسبەتەن ئېغىر بولسا ، قان بېسىمىنى
ۋاقىتلىق چۈشۈرىدىغان دورىلارنى يەپ ، قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرۇپ ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؛
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى ئازراق ئىشلىتىش كېرەك . بىمار دورا ئىچىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى
دوختۇرنىڭ پىكىرىنى ئېلىشى كېرەك .
ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمىدا ئەڭ مۇھىمى بىرلەمچى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالسا ، كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.