ئايلىنىش سىستىمىسىدا ئارتىرىيە ،ۋىنا ،قىل قان تومۇردىن ئىبارەت ئۇچ خىل تومۇر بولىدۇ .قىل -قان تومۇربولسا ئەڭ كىچىك ئارتىرىيە
بىلەن ئەڭ كىىچىك ۋىنانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تومۇر. تومۇر دىۋارى تاق قەەتلىك ئىپتىلىيە ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن، ئىنتايىن نىپىز ،
قاننىڭ ئىقىشى ئىنتايىن ئاستا بولغاچقا ، قان بىلەن ھۈجەيرە ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالمىشىشقا پايدىلىق ،. ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى
كۈچلۈك بولۇپ . پۈتۈن بەدەندە تورسىمان ھالەتنى شەكىللەندۇرگەن .
قىل -قان تومۇرنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1.ئۇزۇن : بىر نۇرمال ئادەمنىڭ مىكرو ئارتىرىيە يەنى ئەك كىچىك ئارتىرىيەسى بىلەن ئەڭ كىىچىك ۋىناسىنى قوشۇپ ئۇنى تۇزلىسە
،يەر شارىنى ئىككى ئايلىنىشقا يىتىدۇ . بەدەندىكى قىل - قان تومۇرلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 300 مىليون ئەتراپىدا . ئۇ
بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر ئارىىىسدا ئەگرى -بۈگرى كىرىشىپ ئورۇنلاشقان .بەدەندىكى (600000000000---1000000000000) دانە
ھۈجەيرىنىڭ ماددا ئالمشىشغا پايدىلىق .
2.ئىنىچىكە : مىىكرو ئارتىرىيە بىلەن مىكرو ۋىنانىڭ دىئامىتىرى ئىنتايىن كىىچىك بولۇپ . چاچ قىلىنىڭ 20دەن بىرىگە توغرا كىلىدۇ .
ئەڭ ئىنىچىكە قىل -قان تومۇر پەقەت 2-1 گىچە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئۆتەلەيدۇ.
3. نىپىز : قىل - قان تومۇرنىڭ دىۋارى ناھايىتى نىپىز بولۇپ ، بىر ۋاراق قەغەزنىڭ 100 دەن بىرىچىلىك .بۇ ھالەت توقۇلما
ھۈجەيرىلىرىنىڭ پايدىلىق . ئەگەردە تومۇر دىۋارى قىلىنلاپ كەتكەندە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالمىشىشىقا تەسىر يىتىدۇ.
4 . ئاستا :مىىكرو ئارتىرىيە بىلەن مىكرو ۋىنادىكى قاننىڭ ئىقىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ ، ئىقىش سۈرئىتى ھەر مىنۇتىغا 4.0
امىللىمىتىر. قاننىڭ يىپىشقاقلىقى ئۆرلىگەندە ،قاننىڭ ئىقىش سۈرئىتى تىخىمۇ ئاستىلاپ ،قاندىكى ماي ماددىسى ئاسانلا تومۇر دىۋارىغا
ئولتۇرۇشۇپ ، قان نوكچىسى ۋە تومۇر توسۇلىشنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ.
قىل -قان تومۇرنىڭ رولى
1. قىل قان تومۇر- ماددا ئالمىشىش (مۇھىتى) سورونى بولۇپ ، ئوكسىگىن ،ھورمون ، سۇ ۋە قاندىكى ھەر خىل ماددىلار يەنى ئوزۇقلۇق
ماددىلار قىل قان تومۇر ئارقىلىق توقۇلما ئارلىقلىرىغا بارىدۇ،.
2. قىل قان تومۇر - زور مىقداردىكى قان ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە .
قىل قان تومۇر توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئاقىۋىتى
قىل قان تومۇر توسالغۇغا ئۇچراش بولسا قىل قان تومۇرنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى بولۇپ ، قان ئىقىمىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى
ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان فونكسيىلىك ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت . ئەگەر قىل قان تومۇرنىڭ شەكلى ئۆزگەرسە ، تومۇر توسۇلۇش ھەمدە
شۇنىڭدىن كىلىپ ئورگانىزىم توقولما ،ھۈجەيرىلىرىدە قان كەملىك ، ھۈجەيرە نىكروزلىنىش ، كىسەللىك ئۆزگىرىشى يۇز بىرىدۇ .
ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەتتىكى ئاساسى دەل - مىتالىبوزىم بىلەن مىكرو ۋىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىشتۇر .
قىل قان تومۇر نىڭ ساغلاملىقى - ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى !
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ، قىل قان تومۇرنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى تۈرلۈك -تۈمەن كىسەللىكنىڭ مەنبەسى !
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.