مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2600 رەت   / مەنبە: -

كۆكرەك ئاغرىش كلىنىكىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ، ئۇنى كۆكرەكنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ خىل كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىش ئورنىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويغاندا بەزى يىپ ئۇچلىرىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، لېكىن ئاغرىش ئورنى ۋە ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى بىلەن بىردەك بولۇشى ناتايىن. 

كېسەللىك سەۋەبى ۋە دىئاگنوز نۇقتىلىرى

1. كۆكرەك دىۋارىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى:

كۆكرەك دىۋارىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدە ئاغرىش كۆپىنچە كۆكرەك دىۋارى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئاغرىش ئورنى مۇقىم بولۇپ يەرلىك ئورۇننى باسقاندا ئاغرىيدۇ. چوڭقۇر نەپەسلىنىش، يۆتىلىش ۋە قولنى كۆتۈرۈشتەك كۆكرەك قەپىزى ھەرىكەتلىرىدە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىدۇ.

2. كۆكرەك پەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى:

كۆكرەك پەردە ياللۇغى كۆكرەك ئاغرىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبىدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: نەپەسلەنگەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ. ئاغرىقنىڭ ئورنى كۆپىنچە كۆكرەك قەپىزىنىڭ ئىككى تەرىپى تۆەنكى قىسمىدىكى ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى چوڭراق بولغان ئورۇندا بولىدۇ.

3. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىلىرى: 

كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك قېپى ياللۇغى ۋە يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلار. يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان كۆكرەك ئاغرىقىنىڭ ئورنى يۈرەك ئالدى رايونى ياكى تۆش سۆڭىكىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدۇ ھەمدە سول مۈرە تەرەپكە تارقىلىدۇ. كۆپىنچە ھەرىكەت قىلغاندا، چارچىغاندا قوزغىلىدۇ ياكى كۈچىيىدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ قالىدۇ.

4. تىك پاسىل ۋە قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىرى:

قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، تىك پاسىل ئۆتكۈر ياللۇغى، تىك پاسىل ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆكرەك ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.