يۈرەك سانجىقى دېگىنىمىز، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى جىددىي، ۋاقىتلىق، يېتەرسىز بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆكرەك ئاغرىش ۋە كۆكرەك سىقىلشنى ئاساسلىق ئالامەت قىلغان كلىنىكىلىق يېغىندى ئالامەتتۇر. ئادەتتە بۇ كېسەللىك 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ۋە ھەيز توختىغان ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بولسا قاتتىق چارچاش، كەيپىيات جىددىيلىشىش، تاماقنى كۆپ يېيىش، سوغۇق تېگىش، ئۆتكۈر قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كېسەللىك سەۋەبى:
1. تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قان تومۇر بوشلۇقىنىڭ تۇراقلىق تارىيىشى.
2. تاجىسىمان ئارتېرىيە سپازمىلىنىش.
3. رېماتىزملىق تاجىسىمان ئارتېرىيە ياللۇغى.
4. تۇغما خاراكتېرلىك تاجىسىمان ئارتېرىيە غەيرىيلىكى.
5. ئائورتا كلاپانى تارىيىش ياكى تولۇق يېپىلماسلىق.
6. سىفلىسلىق ئائورتا ياللۇغى.
7. قېلىنلاش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى.
8. ئېغىر كەم قانلىق، قالقانبەز پائالىيىتى ئېشىپ كېتىش، تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.