مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1213 رەت   / مەنبە: -

قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلى قان پلازمىسىدىكى ماي قويۇقلۇقىنىڭ نورمال دائىرىدىن ئېشىپ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قاندىكى ماينىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن، ترىگلىتسېرىد، فوسفولىپىد، ئەركىن ماي كىسلاتاسى ۋە مىكرو مىقداردا سىتېروئىد ھورمونلار (ئاتىلىق ھورمۇن، ئانىلىق ھورموننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شۇنداقلا مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن قاتارلىقلار بار. كلىنىكىدا ئاساسلىقى خولېستېرىن بىلەن تىرىگلىتسېرىدنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ياكى ئىككىلىسىنىڭ قويۇقلۇقى دەرىجىسى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.