مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1195 رەت   / مەنبە: -

ئادەمنىڭ ئۆمرى نېمە ئۈچۈن <<كېسەل داۋالىتىش>> بىلەن ئۆتىدۇ؟ 

ھەرقانداق ھۈجەيرە سىرتىدىكى قاپلانغان ھۈجگيرە پەردىسى ئېنىق قوش قەۋەتلىك بولىدۇ. 

سۇسىزلانغان ھالەتتە، خولېتسېرىن ئىشلەپچىقىرىدۇ. <<نۆكچىلەر>> نى يېپىشتۇرۇش بىلەن بىرگە خولېتسېرىن ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇنىڭ يەنە بىر قەدەم خوراپ كېتىشىنى توسىدۇ. << سۇ يولى>> توسۇلغاندا خولېتسېرىنمۇ سۇنىڭ يەنە بىر قەدەم خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. <<سۇ يولى>> ئىچكى توسۇقتىكى نۆكچىلەرنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرايدۇ. 

(قاتتىق ھالەتتىكى يېمەكلىك ئاشقازان بىلەن ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىپ، ئاندىن جىگەردە ئىلگىرلىگەن ھالدا خىمىيلىك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە يۈرەك بىلەن ئۆپكە قان ئايلىنىشى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ئورۇنلارغا بارىدۇ. ئەگەر تاماقتىن بۇرۇن يېتەرلىك سۇ ئىچىلمىسە، قان ناھايىتى قويۇقلىشىپ كېتىدۇ. بۇ قان سۇيۇقلۇقى يولىدىكى ھۈجەيرىنىڭ سىڭدۈرۈشچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.) 

ئۆپكىدىن چىققان قويۇق قان يۈرەكنىڭ سول تەرىپىگە ئاندىن ئارتېرىيە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىدۇ. چوڭ قان تومۇر ئەتراپتىكى ھۈجەيرە، يۈرەك ۋە چوڭ مېڭە قىل قان تومۇرلار ئالدى بىلەن كۈچلۈك سىڭىشچانلىققا ئىگە بولغان قويۇق قان بىلەن ئۇچرىشىدۇ. 

ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ ئەگىمەك ئورۇنلىرىدىكى ھۈجەيرە قاننىڭ بېسىمى تۈپەيلى سىڭىشچانلىق رولى سەۋەبىدىن زەخىمگە ئۇچرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھۈجەيرە بىر بولسا ئۆزىنى قوغدايدۇ. بىر بولسا، ساقايتقىلى بولمايدىغان زەخىمگە ئۇچرايدۇ. 

بەزىدە، بەدەن ئېۈغىر دەرىجىدە سۇسىزلانغاندا چوڭ مېڭە ئادەنى سۇ ئىچىشكە ئۈندەيدۇ. ئەمما ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بولىدۇ. چۈنكى، چوڭ قان تومۇرلارنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ھۈجەيرە زەخىملىنىپ سۇسىزلىقتىن كېلىپ چىققان ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش خاراكتېرلىك ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى ھاماقەتلىك بىلەن كېسەلگە كىسلاتاغا قارشى دورا يېگۈزۈپ، سۇ ئىچكۈزمەيمىز. <<ئېرىتىش سخېمىسى>> نى ئاساس قىلغان داۋالاش بۇ خىل مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بارلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسى << ئالامەتنى يېنىكلىتىش>>، يەنى ئالامەتنى داۋالاپ، ماھىيەتنى داۋالىمايدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزى بەزى << كېسەل>> لەرنى ساقايتالماسلىقتىكى سەۋەب. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئۆمۈرى <<كېسەل داۋالىتىش>> بىلەن ئۆتىدۇ. 

چۈنكى داۋالاش سخېمىسى خفتا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەملەر كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تونۇيالمايدۇ. ئەگەر بىز يېمەكلىك ھەزىم بولۇش جگريانىدا، سۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم تەركىبلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ئۇرۇشنى ئاساسەن يەڭگەن بولىمىز. پەقەت تاماقتىن بۇرۇن بەدەنگە زۆرۈر بولغان سۇنى تولۇقلىساقلا، بىز چوقۇم خولېستېرىننىڭ شەكىللىنىشىگە زەربە بېرىدىغان ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان بولىمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارى ئۇزاق ۋاقىت تەڭشەلسە، ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇ ئاندىن يېتەرلىك بولىدۇ. خولېستىېرىننىڭ قوغدىنىش سىستېمىسى سۇنىڭ ھۈجەيرە دىۋارىدىن ئەركىن ئۆتۈشىنى توسىدۇ. سۇ كەمچىل بولۇش ھالىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم تېنى تەدرىجىي بۇ خىل قوغدىنىش سىستېمىسىغا موھتاج بولمايدۇ. خولېستېرىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىيادە بىر سائەت مېڭىش ھورمۇنغا سەزگۈر، ياغنى خورىتىدىغان فېرمېنتنى جانلاندۇرىدۇ. فېرمېنت 12 سائەت جانلىنىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. قان سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىننىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، پىيادە مېڭىش ئارقىلىق <<ياخشى خورىتىدىغان فېرمېنت>> نىڭ جانلىنىشى بىلەن چۆكمە ھالەتتىكى خولېستېرىننى پارچىلىتىدۇ، قان سۇيۇقلۇقى ئاندىن توسالغان ئارتېرىيە قان تومۇرىدىن ئۆتەلەيدۇ. 

ھەركۈنى ئىككى قېتىم پىيادە مېڭىش، ھەر قېتىمنىڭ ئارىلىقى 12 سائەت بولغاندا، ھورمۇنغا سەزگۈر، ياغنى خورىتىدىغان فېرمېنت (ھورمۇنغا سەزگۈر ياغ فېرمېنتى) كېچە-كۈندۈز جانلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىدىكى زىيادە ياغلارنى تازىلاپ چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.