مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3207 رەت   / مەنبە: -

قاندىكى ماي ماددىسىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك :

   1. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش ، تاماكا چەكمەسلىك ، ھاراق ئىچمەسلىك ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش . 

2. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ، غەم – ئەندىشە قىلماسلىق ، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش . 

   3. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ، خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ، مەسلەن : ھايۋانات يېغى ، ھايۋانلارنىڭ مېڭىسى ، ئىچكى ئەزاسىنى ئىستېمال قىلماسلىق ، يېمەك– ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ، يەنى ئاقسىل %15 ، ياغ %20 ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى (شېكەر تۈرلىرى) %65 ئۆپچۆرىسىدە بولۇش ، سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش لازىم . مېۋە – چېۋە ، يېڭى كۆكتاتلارنى ، پىدىگەن ، باش پىياز ، دولانا ، پەمىدۇر، پۇرچاق تۈرلىرى، كوممىقوناق ، ياڭاق ۋە سۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.