مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2963 رەت   / مەنبە: -

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان تومۇرنىڭ توسۇلۇپ قلىشىدىن يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، كىلىنىكىدا تۆش سۆڭەك ئارقا قىسمى، يۈرەك ئالدى رايونى تۇتقاقلىق ئاغرىش، قىزىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دېيىلىدۇ.

سەۋەبى:

1. قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپچىقىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

3. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە كۆيۈشىدىن كېلىپچىقىدۇ.

4. ھەرخىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

5. باشقا كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن كېلىپچىقىدۇ. مەسىلەن؛ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، روھىي كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى، يۇقىرى قان مېيى كېسىلى قاتارلىقلار.

ئالامىتى:

كېسەللىك تۇتۇشتىن ئىلگىرى يرەك سانجىقى بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ، يۈرەك سانجىقىنىڭ تۇتۇش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. بىماردا كۆپ چارچاش، مەيدىسى سىقىلىپ بىئارام بولۇش، ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك سېلىش، ھاسىراش، تىنىچسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، تەرلەش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ

كېسەللىك تۇتقاندا تۆش سۆڭەك ئارقا قىسمى ئاغرىيدۇ. كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولمايدۇ. قىسمەن بىمارلاردا ئۈستۈنكى قورساق قىسمى ئاغرىيدۇ. ئاغرىش سول مۈرە، بويۇن، دۈمبە، يۇتقۇنچاق، سول بىلەك ئىچكى تەرىپى، چىمچىلاق بارماققىچە تارقايدۇ. ئاغرىش ۋاقتى بىرئاز ئۇزۇن بولۇپ، ئۈچ-تۆت سائەت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. ئاغرىش سانجىپ ئاغرىش، مۇجۇپ ئاغرىش خاراكتېرىدە بولىدۇ. قىزىتما بولىدۇ، قىزىتما ئۈچ-تۆت كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. قان بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. دەسلەپتە قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، كېيىن تىقىلمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ قان بېسىمىدا تۆۋەنلەش بولىدۇ. شوكنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ، دەسلەپتە چىرايى تاتىرىش، تەشۋىشلىنىش، بىئارام بولۇش، تەرلەش، سۈيدۈكى ئازلاش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، مۈچىلەر سوۋۇش، كۆكىرىش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق شوكنىڭ ئالمەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكىرىش، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، بويۇن تومۇرى كۆپۈش، سۇلۇق ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.