يۈرەك كېسىلى جىددىي قوزغالغان چاغدا
1. بىمارنىڭ نەپەس يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، بىمارنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ چاپاننىڭ بويۇن قىسمىدىكى تۈگمىلىرىنى ئېچىپ، باشنى تولۇق كەينىگە يۆلەش لازىم. زۆرۈر بولغاندا باشنى ساڭگىلىتىش ياكى مۈرىگە بىرئاز كىيىم قىستۇرۇپ، نەپەس يولىنى ئىمكانقەردەر راۋانلاشتۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېغىز بوشلۇقى ۋە گالدا غەيرىي نەرسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى، مەسىلەن، بەلغەم، قان ئۇيۇپ قېلىش، قۇسۇق ياكى سىرتتىن كىرگەن نەرسىلەرنى تەكشۈرۈش، ئەگەر ئۇلار بايقالسا تېز چىقىرۋېتىش لازىم.
2. ئېغىزنى ئېغىزغا توغرىلاپ سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش. جىددىي قۇتقۇزغۇچىلار بىر قولى بىلەن بىمارنىڭ پېشانىسىنى بېسىپ، بىر قولىدا ئېڭىكىنى كېرىپ، بىمارنىڭ ئاغزىنى ئېچىش لازىم. ئەگەر يەنىلا ئۆزى نەپەسلىنەلمىسە، جىددىي قۇتقۇزغۇچىلار چوڭقۇر نەپەسلىنىپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ ئېغىزى بىلەن بىمارنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ، كۈچەپ (شارائىت بولسا بىر قەۋەت داكا قويۇۋېلىش) پۈۋلەش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىمارنىڭ بۇرنىنى بېسىپ، پۈۋلەپ كىرگەن ھاۋانىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن قېچىپ كېتىپ، بىمارنىڭ پاسسىپ نەپەس ئېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. دەسلەپتە ئۇدا ئىككى قېتىم پۈۋلەش، كېيىن ھەر بەش سېكۇنتتا بىر قېتىم پۈۋلەش، بىر قېتىملىق پۈۋلەش ئاياغلاشقاندا، ئېغىز، بۇرۇننى ئېچىپ بىمارنىڭ كۆكرىكى بۇرۇنقى ئەسلىگە تۆۋەنلىگىچە نەپەسلەندۈرۈش ياكى قول بىلەن كۆكرەكنى بوش بېسىپ، ھاۋانىڭ چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىش، ئاندىن كېيىن قايتا كېيىنكى قېتىملىق ئېغىزىنى ئېغىزغا توغرىلاپ سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش لازىم. قۇرامىغا يەتكەن بىمارلارنى ھەر مىنۇتىغا 15 قېتىم ئەتراپىدا، ياش-ئۆسمۈرلەرنى مىنۇتىغا 20 قېتىم ئەتراپىدا، بوۋاقلارنى مىنۇتىغا 30 قېتىم ئەتراپىدا پۈۋلەش، قۇرامىغا يەتكەن بىمارلارنى كۈچەپ پۈۋلەش لازىم. بولمىسا ھاۋا ئاسانلىقچە بىمارنىڭ ئۆپكىسىگە كىرمەيدۇ. بوۋاقلارغا بولسا كۈچەپ پۈۋلىمەسلىك ياكى پۈۋىلەش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، ئۆپكىنىڭ كۆپۈپ يېرىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.