مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 954 رەت   / مەنبە: -

رېماتىزملىق يۈرەك ياللۇغى ئىككى قاناتلىق كلاپان ياپرىقىنىڭ تۇتاشقان ئورنىنى ئۆزئارا چاپلاشتۇرۇپ قويغانلىقتىن، كلاپاننىڭ ئېچىلىپ-يېپىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، بىر قاتار كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. مانا بۇ ئىككى قاناتلىق كلاپان تارىيىش دەپ ئاتىلىدۇ.

كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى:

1. ئالامەتلىرى: نورمال ئىككى قاناتلىق كلاپان ئېغىزىنىڭ يۈزى 4-6 سانتېمىتىر بولىدۇ. ئادەتتە ئىككى قاناتلىق كلاپان يۈزى 2.5 سانتىمىتىر دىن چوڭ بولغاندا بىماردا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، ئەگەر ئىككى قاناتلىق كلاپان يۈزى 2 سانتىمىتىردىن كىچىك بولسا ئاندىن ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ: كلاپان ئېغىزى 1 سانتىمىتىر دىن كىچىك بولسا ( ئېغىر دەرىجىدە تارىيىش)، كلاپان ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

1) نەپەس قىيىنلىشىش

2) يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش

3) ماغدۇرسىزلىنىش

4) ئوڭ يۈرەك پائالىيىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادىلىرى

5) كۆپ ئۇچرايدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.