بىرلەمچى خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىم قىسقارتىلىپ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل يۇقىرى قان بېسىم بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ، ئەگەشمە كېسەللىكى كۆپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاسانلىقچە سېزەلمەيدۇ، سەزسىمۇ ئۆز ۋاقتىدا دورا ئىچىمىگەچكە، يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلىش تەس بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
كېسەللىك سەۋەبى:
1. ئېرسىيەت ئامىلى: يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ئائىلە تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاتا-ئانىسىدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىمۇ يۇقىرى قان بېسىم بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. مانا بۇ ئېرىسىيەت ئامىلىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. سېمىزلىك: بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەردە يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسى يۇقىرىلاش، دىئابېت ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
3. يۇقىرى ناترىيلىق يېمەكلىكلەر: تەركىبىدە كالىي بىلەن كالتسىي ئاز بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، قان بېسىم يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ. قاندا كالتسىينىڭ مىقدارى تۆۋەن بولسا ناترىينىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
4. تاماك چېكىش، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردۇر.
كلىنىكىلىق ئىپادىلىرى:
ئالامەتلەر ۋە بەدەن بەلگىلىرى: دەسلەپكى دەۋرىدە ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، بەزى بىمارلاردا باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆز غۇۋالىشىش، قۇلاق غۇڭۇلدا، يۈرەك سېلىش، نەپەس تېزلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، چارچاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئاساسلىق ئورگانىزملارنى زەخىملەندۈرگەندە يۈرەك سول قېرىنچىسى قېلىنلىغانلىقى بايقىلىدۇ. تىڭشاپ تەكشۈرگەندە ئائورتا كلاپان رايونىدا يۈرەك ئاۋازى كۈچىيىدۇ، يەنى ئائورتا قىسقىرىش دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سۇ پۈركىگەندەك تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، بەزى چاغلاردا يۈرەك 4-ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.