مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 5658 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1 . ناشتىدا ئازراق قوغۇن يەپ، قېتىق ئىچىڭ. قوغۇن ۋە قېتىق تەركىبىدىكى كالىي قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

   2 . ئاپېلسىن شەربىتى ئىچىڭ. ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق. كۆكتات، لىمون، چۈچۈمەل مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، قان بېسىمىنى تىزگىنلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

   3 . قەھۋەنى كۆپ ئىچمەڭ. قەھۋە تەركىبىدىكى ئىشقارلار قان تومۇرلارنى تارايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

   4 . دائىم سامساق ئىستېمال قىلىڭ. ھەر كۈنى ئىككى، ئۈچ چىش سامساق يېگەندە، قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

   5 . ئاچچىقلانماڭ. سەۋرچان بولغاندا، قان بېسىمىنىڭ نورماللىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

   6 . زىيادە ھېرىپ – چارچاشتىن ساقلىنىڭ. خىزمەت بېسىمى ئېغىرلاشقانسېرى قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

   7 . كەچتە بولكا يېمەڭ. ئاق بولكا تەركىبىدىكى بۇغداي كىراخمالى بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە قان بېسىمى تېزلا ئۆرلەپ كېتىدۇ.

   8 . ھەر كۈنى قايماقسىز سۈتتىن بىرنەچچە ئىستاكان ئىچىپ بېرىڭ. بۇ بەدەنگە كالتسىي تولۇقلاپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

   9 . چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق مېڭىپ بېرىڭ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئون مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىپ ھەرىكەت قىلغاندا، قان بېسىمى ئالتە مىللىمېتىر سىماپ تۈۋرۈكى تۆۋەنلەيدۇ.

   10 . تىنچ مۇھىتتا خىزمەت قىلىڭ. تىنچ مۇھىت يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.