مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2255 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

چەت ئەل ئالىملىرى ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىشقا ئامراق 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان ياشانغان كىشىنى تەكشۈرۈپ، بۇلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن ياش كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئون نەچچە ياش ياشىرىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئالىملار يەنە ياسانچۇق ياشانغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، ئۈچەي ياللۇغى، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ياشانغانلارغا قارىغاندا %30 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. پىسخولوگىيە ئالىملىرى مۇنداق قارىدى: ياشانغانلار مۇۋاپىق ھالدا ياسىنىشى ۋە گىرىم قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ياشلىق كۈچى ئاشىدۇ. ياشانغانلاردا ‹‹مەن تېخى ياش›› دەيدىغان پىسخىك قاراش بولۇشى كېرەك، بۇمۇ ياشانغانلارغا ئۈمىد ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. بۇنداق ياخشى پىسخىك ئالامەتلىرى بەدەننىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ، پايدىسىز ئامىللارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق. بىيو خىمىيەلىك ماددىلار قانچە كۆپ ئاجرىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتسە، قان ئايلىنىش مىقدارى، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىنىشى ۋە ئىچكى ئەزالار مېتابولىزمى ياخشىلىنىپ، ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ . 

ئەمەلىيەتتە، كېسەلچان ياشانغانلارمۇ ئۆزىنى مۇۋاپىق كۈتۈشنى، روھلۇق يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا، سالامەتلىكى بارا–بارا ياخشىلىنىدۇ .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.